سەبىيلەركۆيۈمچان تەربىيچىگە مۇھتاج
ماھمۇدجان مۇھەممەتتۇرسۇن ناسىرى
پەرزەنتىمنىڭ ئەتىراپلىق تەربىيلىنىشى ئۇچۈن ئوغلۇمنى شەھرىمىزدىكى خىلى نامى بار بولغان مىللىي باللار يەسلىسىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىم.ئىلگىرىكى جىمغۇر ئوغلۇم يەسلىگە قەدەم قويغاندىن كىيىن باشقىچىلا شوخلۇشۇپ،ئەدەپ-قائىدىلىك بولۇپ كەتتى.مەن ئوغلۇمنىڭ بۇرۇنقىدىن كۆپ ئىلگىرلىگەنلىكىگە قاراپ،يەسلىنىڭ ئىقتىدارلىق تەربىيچىلىرىگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇم ئىشىشقا باشلىغان ئىدى.نېمە ئۇچۈنكى،بۇقېتىمقى يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ ،ئوغلۇم توساتتىن يەسلىگە بارغىلى ئۇنماس بولۇپ قالدى. ئوغلۇمنىڭ نېمە ئۇچۈن يەسلىگە بارماس بولۇپ قالغانلىقىنى بېلىش ئۇچۈن يەسلىگە بېرىپ سىنىپ تەربىيچىسى بىلەن كۆرۈشتۇم.سىنىپ تەربىيچىسى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن،يەسلىدە ئوموميۈزلۇك تەربىيچىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقى،ئېھتىمال ئوغلۇمنىڭ يېڭى تەربىيچىگە كۆنۈپ كېتەلمەيۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىنى،مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ئۆزلۈشۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ ئوغلۇمنىڭ قەغىشى يەنىلا تۈگمىدى.
بىرئاي بولدىغۇدەيمەن،ئوغلۇمنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۇچۈن سىنىپىغا چىققان ئىدىم،مېنى كۆرگەن ئوغلۇم يۈگۈرۈپ كېلىپ ماڭا ئىسىلدى ۋە ئۇسساپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ سىنىپتىكى تېرىمۇس تۇڭىدىن بىر ئىستىكان چاي ئېلىپ ئىچىشكە تەشىلىۋېدى،تېرىمۇس تۇڭىنىڭ يىنىداتۇرغان بىر تەربىيچى قوپاللىق بىلەن ئوغلۇمنىڭ قولىدىكى ئىستاكاننى يۇلۇپ ئېلىۋالدى.ئوغلۇم بولسا خۇددى بىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك،خىجىلچىلىقتايەرگە قاراپ تۇراتتى. كۆز ئالدىمدا بولىۋاتقان بۇمەنزىرىنى كۆرۈپ شۇنداق ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ بىراق،سەبىيلەرنىڭ ئالدىدا بۇ تەربىيچى بىلەن سەتلىشىپ قالماسلىق ئۇچۈن ئۆزۈمنى زورىغا بېسىۋالدىم دە كۈلۇپ تۇرۇپ:
-بالىلارنى بۇنداق قاتتىق سېلكىمىسەكمۇ بولىدىغۇ؟دېدىم.
بۇۋاقىتتا ھىلىقى تەربىيچى خۇددى ھىچ ئىش بولمىغان قىياپەتتە:
-تېرىمۇس تۇڭىدا چاي تۇگكەن،ئۆيىگە بىرىپ ئىچسۇن قالغىنىنى.دىمەسمۇ،غەزەپتىن تىتىرەپ كەتتىم دە:
-بىز بار يەردە بۇنداق سىلكىسىڭىز،بىز يوق يەردە تەن جازاسى بىرىدىغان ئوخشايسىز بۇبالىلارغا دېدىم.بىر نەچچە كۈن ئويلۇنۇپ ئوغلۇمنىڭ نېمە ئۇچۈن يەسلىگە بارماس بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم.ئوغلۇمنى باشقا يەسلىگە يۆتكېۋىتىشنى ئويلىغان بولساممۇ چوڭلار قوشۇلمىدى. شۇئىشتىن كىيىن ھەرقىتىم يەسلىگە بارسام باشقا تەربىيچىلەرگىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولدۇم،بۇيەسلىدىكى كۆپ قىسىم تەربىيچىلەر، سەبىيلەرگە پۇتۇن مىھرىنى بېرىپ،ئۇلارنى ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيلەشكە كۈچ چىقارسىمۇ،ئازبىرقىسىملىرى شۇنداق قوپال سۆز-ھەركەتلىرى بىلەن سەبىيلەرنىڭ يۇمىران قەلبىگە جاراھەت ئىزىنى سالىدىكەن.
يىقىندا، مەن بىرنەچچە خىزمەتدىشىم بىلەن يۇقارقى ئىشلارنى دېيىشىپ ئولتۇراتتىم،ئوغلى مىېنىڭ ئوغلۇم بىلەن بىر يەسلىدە ئوقۇۋاتقان بىرخىزمەتدىشىممۇ قايناپ كەتتى. ئۇنىڭ دىيىشىچە،بىر كۈنى يەسلىدىن قايتىپ كەلگەن ئوغلى ئۇنىڭدىن:
-دادا،لاتىمۇ ئولتۇرامدۇ؟دەپ سوراپتۇ.خىزمەتدىشىم ئوغلىنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي :
-قانداق دەيسەن؟دېسە،بالىسى :
-بۇگۈن مېنى خانېمىم‹ھەي!لاتا،جايىڭدا ئولتۇرە›دەيدۇ،شۇنىڭغا قاراپ لاتىمۇ ئولتۇرىدىغان ئوخشايدۇ دەيمەن.دەپتۇ. خىزمەتدىشىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ مېنىڭمۇ شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى. بىر سەبىينى يۇقارقى مەدەنىيەتسىز سۆز بىلەن ھاقارەتلىگەن تەربىيچىنى قانداقمۇ تەربىيىچى دېگىلى بولسۇن!
دۆلېتىمىزنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىنىڭ 15-ماددىسىدا‹‹ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا تەن جازاسى بېرىشكە، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىشكە ياكى باشقا كىشىلىك غۇرۇرىغا ھاقارەت قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشقا بولمايدۇ.›› دېيىلگەن بولسا، 19-ماددىسىدا‹‹بالىلار باغچىلىرى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تەربىيىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، بالىلارنىڭ جىسمانىي ، ئەقلىي ، ئەخلاقىي جەھەتتىن ماس ھالدا تەرەققىي تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.››دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق بىرقىسىم تەربىيچىلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن بۇ سەبىيلەرنى خالىغانچە سېلكىشلەپ،قالايمىقان ھاقارەتلىشى كىشىنى ئويغا سالىدۇ.
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹مەدەنىيەت بوستانى›› پىراگىراممىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق سۆھبىتىدە،دىيارىمىز مائارىپ ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەيۋەن مەكتەپلىرىدە ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان بىر ئىشنى سۆزلىگىنى ھىلىمۇ ئىسىمدە، ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دېيىشىچە،تەيۋەن مەكتەپلىرىنىڭ كۆزگە چىلىقىدىغان جايغا ‹ئۆز پەرزەنتلىرڭىزگە كۆيۈنۈشىڭىز،ئۇ سىزنىڭ مېھرىبانلىقىڭىز.باشقىلارنىڭ پەرزەنتلىرڭىزگە كۆيۈنۈشىڭىز،ئۇ سىزنىڭ چىن ئىنسانلىقىڭىز.›دېگەن خەتلەر يېزىقلىق ئىكەن. بالىلاردىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنىڭ تەدرىجىي ئاجىزلىشىش قانۇنيىتىگە ئاساسلانغاندا ، بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا مەلۇم ئەقلىي قابىلىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولىدۇ . مۇشۇ ئەڭ ياخشى مەزگىل ئىنتايىن ھالقىلىق بولۇپ ، ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەقىلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ ، ئۇنى ھەرگىزمۇ قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەك . بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى بالدۇر ئېچىشنىڭ ئاچقۇچى دەل مۇشۇ ئەڭ ياخشى مەزگىلنى چىڭ تۇتۇشتا . بالىلار گۆدەكلىكىدە يا ئۇنداق،يامۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ قويىدۇ. بۇۋاقىتتا تەربىيچىلەرئۇلارنى قالايمىقان تەنقىتلىمەستىن بەلىكى ئۇلارغا سەمىمىي تەربىيە قىلىشى ، بالىلارنى‹ ئىش ئۇقمايدۇ ›دەپ ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماسلىقى كېرەك ئەلۋەتتە.شۇنداق بولغان ئىكەن،ھەر بىر تەربىيىچى چوقۇم كەسپىي ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىپ،سەبىي بالىلارغا چىن ئىخلاس بىلەن كۆيۈنىشى، كېيىم-كېچەك ۋە يۈرۈش - تۇرۇشقا دىققەت قىلىشى ، بالىلار ئالدىدا قالايمىقان گېرىم قىلماسلىقى،باللارنى قارىتىپ قويۇپ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئېستىمال قىلماسلىقى كېرەك.
يېزىلدى:2008-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى(شەھرى قەشقەر)