قەلەندەرلەر قوزغىلىڭى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : قەلەندەرلەر قوزغىلىڭى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 51ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 قەلەندەرلەر قوزغىلىڭى


ئىسپانىيىنىڭ پايتەختى مادرىدتىكى ئوردىدا، پادىشاھ فىلىپ II، كىنەز قوبۇل قىلدى.
- كىنىزىم، - دېدى پادىشاھ، - سىزنىڭ تەقۋادار كاتولىك مۇرىدى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، نىدېرلاندىيىدە يۈز بەرگەن ئەۋلىيالار ھەيكىلىنى چېقىشتىن ئىبارەت پاراكەندىچىلىكتىن چوڭقۇر تەشۋىشلىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، قارىغاندا، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باش ۋالىيدا قەلەندەرلەر توپىلىڭىنى تىنجىتىشقا يەتكۈدەك غەيرەت ۋە قۇدرەت يوقتەك تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، مەن سىزنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، نىدېرلاندىيە تەرتىپىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش قارارىغا كەلدىم. ئىختىيار قىلارسىزمۇ؟
- قۇللۇق! پېقىر بۇنى ئىنتايىن شەرەپ بىلىمەن، - دېدى كىنەز ئالۋا، - ھەممىدە ئالىيلىرىنىڭ مەقسىتىگە ئەمەل قىلىمەن. ئالىيلىرىدىن پەقەت يېتەرلىك ھەربىي قوشۇن بېرىشنىلا ئۆتۈنىمەن.
_ 18 مىڭ ئەسكەرنى سىزنىڭ قوماندانلىقىڭىزغا تاپشۇرىمەن. ئەمما، شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۇلار سىزنى قوغداش ئۈچۈن بارمايدۇ، بەلكى سىزنىڭ قوماندانلىقىڭىزدا ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىك ھەر بىر ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئېلىش ئۈچۈن بارىدۇ! بارلىق قەلەندەرلەرنىڭ قېنى تېنىدىن جۇدا بولۇشى كېرەك! ئۇقتۇڭىزمۇ؟
_ ئۇقتۇم، ئالىيلىرى، مەن خۇداغا يوقسۇل بىر نىدېرلاندىيىنى تاپشۇرىمەنكى، ھاللىق بىر نىدېرلاندىيىلىكنى ئالۋاستىغا بەرمەيمەن!
1567 - يىلى 8 - ئايدا، كىنەز ئالۋا چوڭ قوشۇن باشلاپ نىدېرلاندىيىگە كەلدى.
ئالۋا قىلغان بىرىنچى ئىش _ «زوراۋانلارنى يوقىتىش كومىتېتى» دېگەن پەۋقۇلئاددە سوت مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىش بولدى. ئارقىدىنلا دەھشەتلىك قىرغىن قىلىشنى باشلىدى. 8000 دىن ئارتۇق ئادەمگە مۇشۇ سوت مەھكىمىسىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇرژۇئازىيىنىڭ كاتتىبېشى، ئانتوۋېرپىننىڭ باشلىقىمۇ بار ئىدى.
ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ مال - مۈلۈكلىرى ئىسپانىيىنىڭ غەزىنىسىگە كىرىپ كەتتى ئەلۋەتتە.
قان ھىدى گۈپۈلدەپ تۇرغان ئېغىر ۋەزىيەتتە، پۇلى بار نىدېرلاندىيىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئامال قىلىپ چەتئەللەرگە قېچىپ كەتتى. ئاۋۋالقى باش ۋالىيغا تەلەپ قويغان شاھزادە ۋىليام ئۆزىنىڭ يۇرتى گېرمانىيىگە قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردىن چەتئەل ياللانما قوشۇنىنىڭ كۈچىنى ئارىيەت ئېلىش ئارقىلىق كىنەز ئالۋانىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلماقچى بولدى.
1568 - يىلى، كىنەز ئالۋا، شاھزادە ۋىليامغا «زوراۋانلارنى يوقىتىش كومىتېتى» سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ سوت قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇق يەتكۈزدى. شاھزادە 30 مىڭ كىشىلىك ياللانما قوشۇن بىلەن نىدېرلاندىيىگە يۈرۈش قىلدى. ئەمما، نىدېرلاندىيە خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچىگە سەل قاراپ، يېگانە جەڭ قىلغانلىقتىن، مەغلۇپ بولدى.
ئەمما، ئىسپانىيىلىكلەر شىمالىي دېڭىز تەرەپتە چوڭ زىيان تارتتى. دېڭىزچىلار، بېلىقچىلار ۋە پىرىستان ئىشچىلىرى بىپايان دېڭىز دىيارىدىن پايدىلىنىپ، «دېڭىز قەلەندەرلىرى» دەپ ئاتالغان پارتىزانلىق ئەترەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردى. ئۇلار يەڭگىل كېمىلەر ئارقىلىق كىنەز ئالۋانىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى تايانچ پونكىتلىرىغا ئۈزلۈكسىز ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. ئىسپانىيىنىڭ جەڭ پاراخوتلىرى ۋە ترانسپورتچى پاراخوت كارۋانلىرىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. ھەركۈنى قاش قارىيىپ، ھاۋا غۇۋالاشقاندا، پارتىزانلارنىڭ كىچىك كېمىلىرى تۇيدۇرماستىن ئىسپان پاراخوتلىرىغا تەرەپ - تەرەپتىن يېقىنلىشىپ، پاراخوتلاردىكى تۈركۈم - تۈركۈم ئالتۇن - كۈمۈش بايلىقلىرىنى ۋە قورال - ياراق، ئوق - دورىلارنى ئولجا ئالدى. بىر قېتىم، 24 كېمىدىن تەركىب تاپقان «دېڭىز قەلەندەرلىرى» نىڭ پارتىزانلىق ئەترىتى بىر دودىلا دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان بىرېل شەھىرىنى ئىشغال قىلدى، شۇنىڭ بىلەن دېڭىز پارتىزانلىرى نىدېرلاندىيىدە تايانچ پونكىتلارنى قۇردى، 1572 - يىلى 7 - ئايغا كەلگەندە، شىمالدىكى ئۆلكىلەر ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ كەتتى، شاھزادە ۋىليام باش ۋالىيلىققا سايلاندى.
جەنۇب تەرەپتە، نىدېرلاندىيىلىكلەر قويۇق ئورمانلىقلاردا «جاڭگال قەلەندەرلىرى» دەپ ئاتالغان پارتىزانلىق ئەترەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كىنەز ئالۋانىڭ پارچە قوشۇنلىرىغا ئۈزلۈكسىز ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئىككى تەرەپ پارتىزانلىق ئەترەتلىرى بىر سەپ شىمالدا، بىر سەپ جەنۇبتا تۇرۇپ، كىنەز ئالۋا قوشۇنلىرىنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قويدى. ئالۋا قوشۇنلىرى سوكۇلداپ يۈرۈپ ھاسىراپ بېشى قېيىپ، بارغانسېرى كۆپلەپ ھالاك بولدى.
كىنەز ئالۋا ئىزا تارتقانلىقىدىن غەزەپلىنىپ قوشۇنلىرىنى يېڭىۋاشتىن توپلاپ، شىمالدىكى دېڭىز ياقىلىرىغا جايلاشقان شەھەرلەرگە يۈرۈش قىلدى. 1572 - يىلى 12 - ئايدا، چوڭ قوشۇن بىلەن ھارلېم شەھىرىنى قورشىدى. يەتتە ئايلىق دەھشەتلىك جەڭ قىلىش ئارقىلىق بۇ شەھەرنى قولغا چۈشۈردى. شەھەرگە كىرگەندىن كېيىنلا، ھەش - پەش دېگىچە 23 مىڭ ئادەمنى ئېتىپ تاشلىدى. كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق، شىمالدىكى باشقا شەھەرلەرنىڭ ھەربىي ۋە ئاھالىسىنى ئىسپانىيە تاجاۋۇزچى قوشۇن بىلەن ئاخىرغىچە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئىرادىسىگە كەلتۈردى. ئۇلار توما ۋە چۈشۈرگىلەرنى ئېچىۋېتىپ، دېڭىز سۈيى بىلەن ئىسپانىيە قوشۇنلىرىنى غەرق قىلدى.
فىلىپ II، كىنەز ئالۋانىڭ باشتۇرۇشى كۈچلۈك بولمىدى، دەپ قاراپ، 1573 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنى ئىسپانىيىگە قايتۇرۇپ كەلدى ۋە نىدېرلاندىيىدىكى «قەلەندەرلەر قوزغىلىڭى» غا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، باشقا بىر باش ۋالىي ئەۋەتتى.
يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋالىينىڭ كۈنىمۇ ناھايىتى ئوسال بولدى. ئۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئۇدا بىر نەچچە يىل ھەربىي تەمىنات ئالالمىغان ئەسكەرلەر بارغانلا يەردە بۇلاڭچىلىق قىلىپ، يەرلىك باندىت ۋە لۈكچەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلارغا قوماندانلىق قىلىپ جەڭ قىلىشقا ئامالسىز قالدى. كېيىنچىرەك ئەسكەرلەر ئۇشتۇمتۇت قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوفىتسېرلىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، توپ - توپ بولۇشۇپ جەنۇب تەرەپكە قاراپ يول ئالدى ۋە نىدېرلاندىيىنىڭ ئەڭ ئاۋات شەھىرى ئانتۋېرپېنغا باستۇرۇپ كىرىپ 8000 ئاھالىنى قىرىپ تاشلىدى، مىڭ كورپۇس ئۆينى كۆيدۈرۈپ، پۈتكۈل شەھەرنى دېگۈدەك خانىۋەيران قىلدى.
بۇنداق زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر كىشىلەردە تېخىمۇ زور غەزەپ دولقۇنى قوزغاپ، جەنۇبنىڭ قوزغىلاڭ ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن تېزلىكتە راۋاجلاندۇردى، ئەمما، يەرلىكتىكى ئەكسىيەتچى ئاقسۆڭەكلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە چېقىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، دەرھال ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ II گە ساداقەتلىك جاكارلىدى، جەنۇبتىكى قوزغىلاڭ بەختكە قارشى تۇنجۇقتى.
شىمالدىكى ئۆلكىلەر قوزغىلاڭنىڭ مېۋىسىنى قوغداپ، ئىسپانىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنىڭ يېڭىۋاشتىن باش كۆتىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1579 - يىلى ئوترېخىت ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلىپ، «مەڭگۈ خۇددى بىر ئۆلكىدەك ئىتتىپاق بولۇش» قا قەسەميات قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن،فىلىپ II نىڭ نىدېرلاندىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ، بىرلەشمە جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يەتتە ئۆلكە ئىچىدە گوللاندىيە ئۆلكىسىنىڭ دائىرىسى ئەڭ چوڭ، ئىقتىسادىمۇ ئەڭ تەرەققىي تاپقانلىقى ئۈچۈن، بىرلەشمە جۇمھۇرىيەت، گوللاندىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، نىدېرلاندىيە ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ، شىمالدا مۇستەقىل دۆلەت شەكىللەندى. جەنۇب يەنىلا ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىدا قالدى.
فىلىپ II، گوللاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا چىداپ تۇرالمىدى. جەنۇبتا ئاساسىنى پۇختىلىۋالغاندىن كېيىن، يەنە باش ۋالىيغا شىمالغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى. ئەمما، بىر مەھەل نوچىلىق قىلغان بۇ پادىشاھنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى مەغلۇپ قىلىشقا ئەمدىلىكتە كۈچى يەتمىدى. 1588 - يىلى 7 - ئايدا، ئۇنىڭ «يېڭىلمەس پاراخوت قوشۇنى» ئەنگلىيە بوغۇزىدا ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۈزۈل - كېسىل بىتچىت قىلىندى، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئىسپانىيە دېڭىز زومىگەرلىكى ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ، تېزلىكتە زاۋاللىققا يۈز تۇتتى. جۇمھۇرىيەت، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىسپانىيە ئىشغال قىلىۋالغان شىمالدىكى زىمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە جەنۇبتىكى بىر قىسىم جايلارنى تارتىۋالدى. 1598 - يىلى فىلىپ II ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسپانىيە ئومۇميۈزلۈك زەئىپلىشىپ، شىمالدىكى «قەلەندەرلەر» گە تېخىمۇ كۈچى يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى.
1609 - يىلى، فىلىپ II نىڭ ۋارىسى گوللاندىيە بىلەن 12 يىللىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئەمىلىيەتتە گوللاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى. نىدېرلاندىيە ئىنقىلابى شىمالدا غەلىبە قازاندى.
نىدېرلاندىيە ئىنقىلابى، ئىنسانىيەت تارىخىدا بىرىنچى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بۇرژۇئا ئىنقىلابى بولدى. ئۇ ئىسپانىيىنىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ياۋروپادا بىرىنچى بۇرژۇئا دۆلىتىنى قۇردى. ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك فېئودالىزىمنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان دەۋردە، ئۇنىڭ شەكىللىنىشى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى.
ئەمما، 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىلا، گوللاندىيە چەتكە قارىتا مۇستەملىكىچىلىك قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرى (ھازىرقى ھىندونېزىيە قاتارلىق جايلار)، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرى قاتارلىق جايلاردىكى مۇستەملىكىلىرىدە قانلىق بۇلاڭچىلىق ئېلىپ بساردى. 17 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يەنە جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىنى بېسىۋېلىپ، تەيۋەن ھەر مىللەت خەلقىگە غايەت زور ئاپەتلەرنى كەلتۈردى.
Posted: 2008-10-08 10:41 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » تارىخ


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070536(s) query 3, Time now is:10-23 03:03, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation