ئەبجەش خىياللار BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئەبجەش خىياللار تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 105ـ كۆرۈرمىنى
tanha_malika

دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 137
شۆھرىتى: 138 نومۇر
پۇلى: 1185 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-25
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-21

 ئەبجەش خىياللار


بىرسى سەندىن ئايرىلماقچى بولسا ئۇنىڭغا قىيمايسەن، ئۇ يېنىڭدا بار ۋاقتىدا نېمىشقا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئايىمايسەن؟

قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ئادەمدىن ئىت- مۈشۈكمۇ قاچىدۇ.

مەن خوتۇن ئالدىدا قىز - ئاياللارنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم.

يۈزسىزنىڭ يۈزى نەپسىدە.
\
ئەقىل -ماشىنا، تەپەككۈر _شوپۇرى.

سېنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىقلىقىڭ بىر بولسا ئەقىلىقىڭ، بىر بولسا نادانلىقىڭدۇر.

تاۋار ئىشلەپچىقىرايلى، ئەمما تاۋارغا ئايلىنىپ كەتمەيلى.

مۇھەببەتلىشىش _تەبىرسىز چۈش.

يۈرەك _مۇھەببەتنىڭ تونۇرى.

دۈشمەندىن زىيان يەتسەمۈلكى ۋەيران بولىسەن، دوستتىن زىيان يەتسە خانىۋەيران بولىسەن.

سېنىڭ بىرسىگە قىزىقمايمەن دېگىنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سېنى قايىل قىلالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

سەن بىرسىدىن ماڭا ئىشىنەمسىز دەپ سورىغىچە، ئۆزۈڭدىنمەن ئۇنىڭغا ئىشىنەمدىن دەپ سورا.

يىراقتىن يار تۇتساڭ، ئۆزۈڭنى خۇددى تۇمانلىق دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىسەن.

باشقىلارغا ئۆچ -ئاداۋەت ساقلاپ يۈرۈش، ئەمەلىيەتتە يېنىدا بومبا ئېلىپ يۈرگەن بىلەن باراۋەر.

سېنى دەرت- ئەلەپ، غەم - قايغۇ ۋە ئازاپ- ئوقۇبەتتتىن قوتۇلدۇرالايدىغان بىرلا نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش.
ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرگە ئىنتىلىۋەرسەڭ، ئۇنىڭ سەندىن تېز يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسەن.

سۆزىدىن بىلىنمىگىنى كۆزىدىن بىلىنەر.

تامنى يىقىتقان چۈمۈلە بىلەن زەي، ئادەمنى يىقىتقان ئىشرەت بىلەن مەي.

بۇزۇق ئايال قېرى ئەر تاللايدۇ، ياخشى نىيەتلىك ئايال ۋاپادار ئەر تاللايدۇ.

باشقىلارغا قولۇڭنى شىلتىغاندا، ئۈچ بارمىقىڭنىڭ ئۆزۈڭگە قارىتىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالما.

ئامان بولغىن ئويغانغانلار، گۇم بولغايسەن ئوينىغانلار.

دوستۇڭدىن رەنجىسەڭ، دۈشمىنىڭدىن يىغلايسەن.
سېنى ئەڭ كۆپ مەغلۇپ قىلىدىغان كىشى- سېنى ئەڭ چوڭقۇر چۈشىنىدىغان كىشىدۇر.

باشقىلارنىڭ گېپىگە ئاسان ماقۇل دېگۈچىلەر، ئۇلار تەرىپىدىن دائىم دەككە يېگۈچىلەردۇر.

ھەرقانداق مەخپىي سۆز كۆڭلى يىقىن ئادىمىنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىنىدۇ.

ئەرنىڭ كىبىرى كۈچىدە بولسا، ئاياللارنىڭ كىبىرى چىرايىدا.

باھارنىڭ ھېكىمىت قىشتا بىلنەر، ئادەمنىڭ قىممىتى ئىشتا.

awazlik
Posted: 2008-10-06 18:22 | [ئاپتور]
ubul

دەرىجىسى : ئەتىۋارلىق ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 821
شۆھرىتى: 821 نومۇر
پۇلى: 30 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 


ياخشىكەن رەخمەت سىزگە .
Posted: 2008-10-06 19:32 | 1 -قەۋەت
riwayat0998

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 2
يوللىغان تېما : 332
شۆھرىتى: 347 نومۇر
پۇلى: 740 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-04
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 


بەك ياخشىكەن .
awazlik
بىلمىگەننى سوراپ بىل
Posted: 2008-10-07 16:08 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ھىكمەت


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.072106(s) query 4, Time now is:10-23 03:02, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation