ئوڭۇشسىزلىقنى  ئوڭۇشلىققا ئايلاندۇرۇشتا تەقدىم قىلىپ — قانۇنىيەتكە ئىگە بولۇش BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئوڭۇشسىزلىقنى  ئوڭۇشلىققا ئايلاندۇرۇشتا تەقدىم قىلىپ — قانۇنىيەتكە ئىگە بولۇش تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 59ـ كۆرۈرمىنى
nurnur

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 18
شۆھرىتى: 19 نومۇر
پۇلى: 180 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-10-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-06

 ئوڭۇشسىزلىقنى  ئوڭۇشلىققا ئايلاندۇرۇشتا تەقدىم قىلىپ — قانۇنىيەتكە ئىگە بولۇش


  لوس ئىككىمىز توي قىلىپ  ماددىي جەھەتتە ئىنتايىن نامرات ئۆتكەن چاغلاردىمۇ ئوخشاشلا خەيرى - ساخاۋەت قىلىپ،  تەڭرىنىڭ چەكسىز مېھرى - شەپقىتىگە ئېرىشىپ كەلدۇق. فرانكا. بويىد بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتىن شۇنى سەزدىمكى، بىز ئەر - خوتۇن ئىككىمىز 20 يىلنىڭ ئالدىدا ئەڭ ئادەتتىكى گۈللىنىش قائىدىسىنى يولغا قويۇپ كەپتۇق.
  ماشىنا  بىلەن دىيافىدتىن  قايتىپ كېلىۋېتىپ لوس تارتىنغان ھالدا ماڭا مۇنداق دېدى:
  — تەقدىم قىلىپ — قانۇنىيەتكە ئىگە بولۇش نى بىز ھازىرغا كەلگىچە يولغا قويۇپ كېلىۋاتىمىزغۇ؟ ئۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى بۈيۈك ئەقىل - پاراسەت.
  مەن:
  — ئۇ بىزنىڭ ئەمەس، سېنىڭ ئەقىل - پاراسىتىڭ، مەن سەندىن ئۆگەنگەن، ئىلاھ سېنىڭ دىلىڭغا سالغان،- دېدىم.
  بىز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بارلىقىمىزنى ۋەتىنىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن تەقدىم قىلىپ كەلدۇق، ھېلىھەم تەقدىم قىلىمىز. ئەمما بۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ بىزگە بەرگەنلىرىگە سېلىشتۇرغاندا دېڭىزدىن تامچە، خالاس.
    مەن ھەرگىز بۇ خىل ئادەتنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايمەن. چۈنكى مەن تەقدىم قىلىپ — قانۇنىيەتكە ئىگە بولۇش نىڭ ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايدىغان ئۇسۇل ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. بۇ كىشىلەرگە پۇل ياكى ماددىي نەرسىلەرنى بېرىش بىلەن چەكلەنمەيدۇ، كىشىلەرگە مۇھەببەت ئاتا قىلغاندا ياكى ياردەم قولىنى سۇنغاندا، مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
  ئىشلار تازا يۈرۈشمىگەندە، ئۇنى ئوڭۇشلۇق تەرەپكە بۇراشتىكى ئەڭ ياخشى جاۋاب، شۇنداقلا ئوڭۇشسىزلىقنى ئۆزگەرتىشتىكى ئاساسىي ئۇسۇل — تەقدىم قىلىپ — قانۇنىيەتكە ئېرىشىشتۇر. ساماۋى كىتابلاردا مۇنداق دېيىلىدۇ: 
  سەۋرچان بولۇش، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ  كىشى بەخىتلىك بولىدۇ.
  كىشى گويا سۇ بويىغا تىكىلگەن مېۋە كۆچىتىگە ئوخشايدۇ، 
  ۋاقتى كەلگەندە مېۋە بېرىدۇ.
  ياپراقلىرىمۇ قۇرۇپ كەتمەيدۇ.
  ئۇ نېمىلا ئىش قىلمىسۇن، يۈرۈشىۋېرىدۇ.
  دىنىي دەستۇر لاردا ئەڭ گۈزەل شەيئىلەر ئەڭ گۈزەل، نەپىس تىللار ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ. ئەمما ھەممىگە قادىر تەڭرىنىڭ  بىزگە ئاتا قىلغان بايلىقلىرىنى تىل بىلەن بايان  قىلىش تولىمۇ قىيىن.
  شەرق پەيلاسوپلىرى مۇنداق دەيدۇ:
  ئۆزىنى سۆيمىگەن كىشى،  رەببىنى سۆيمەيدۇ.    ئۆزىنى سۆيگەنلىك،  رەببىنى سۆيگەنلىك.
    بارلىق قانۇنىيەتلەرنى بەرپا قىلىشتىكى تەبىئىي  كۈچ شۇنداقلا چەكسىز مەنبەدىن بىزگە ھېكمەت ئاتا قىلىدىغىنى يەنىلا مۇقەددەس دىنىي دەستۇرلاردۇر.
  شۇڭا، ئىشلارنى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئېلىپ بارالماسلىقىمىز، بىزنىڭ تەقدىم قىلىپ — قانۇنىيەتكە ئېرىشىشتىن  ئايرىلىپ قالغانلىقىمىزدۇر. ئىشلارنى ياخشى تەرەپكە بۇرايمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم دىيانەتلىك كىشىلەرنىڭ مول تەجرىبىلىرى بىلەن تېخىمۇ تولۇق بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
 
Posted: 2008-10-06 11:26 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ياشلار سەمىگە


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070213(s) query 3, Time now is:10-23 03:02, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation