تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 55ـ كۆرۈرمىنى
nurnur

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 18
شۆھرىتى: 19 نومۇر
پۇلى: 180 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-10-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-06

 تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە


- قارىغىنا، ئاۋۇ قىز تۈنۈگۈن مېنىڭ كۆكسۈمگە باش قويغانىدى، - دېدىم مەن دوستۇمغا، - ئۇ بۈگۈن ئاۋۇ يىگىتنىڭ كۆكسىگە باش قويۇپتۇ.
- ئەتە مېنىڭ كۆكسۈمگە باش قويىدۇ، - دېدى دوستۇم.
- تۈنۈگۈن مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرغانىدى، بۈگۈن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ، - دېدىم.
- ئەتە مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرىدۇ، - دېدى دوستۇم.
- قارىغىنا، ئەنە ئۇ يىگىتنىڭ رومكىسىدىكى شارابنى ئىچىۋاتىدۇ، تۈنۈگۈن شارابنى مەن بىلەن ئىچكەنىدى.
- ئەتە مەن بىلەن ئىچىدۇ، - دېدى دوستۇم.
- قارىغىنا، - دېدىم مەن، - ئۇ يىگىتكە مۇھەببەت بىلەن شۇنچە خۇمالىق بېقىۋاتىدۇ، تۈنۈگۈن ماڭا شۇنداق باققانىدى.
- ھە، ئەتە ماڭىمۇ شۇنداق باقىدۇ، - دېدى دوستۇم.
- قارىغىنا، ئۇ يىگىتنىڭ قۇلىقىغا يېقىن كېلىپ سۆيگۈ ناخشىسىنى ئېيتىۋاتىدۇ، تۈنۈگۈن مېنىڭ قۇلاقلىرىمغا پىچىرلىغانىدى، - دېدىم مەن.
- ئەتە مۇھەببەت قوشاقلىرىنى ماڭا ئېيتىدۇ، - دېدى دوستۇم.
- قارا، قارا، ئۇ يىگىتنى قۇچاقلاۋاتىدۇ، - دېدىم مەن، - تۈنۈگۈن مېنى قۇچاقلىغانىدى.
- ئەتە مېنى قۇچاقلايدۇ، - دېدى دوستۇم.
- ئۇ نېمىدېگەن غەلىتە ئايال  - ھە! _ دېدىم مەن.
- ئۇ ھاياتقا ئوخشاش، ئۇنى ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ قىلالايدۇ، - دېدى دوستۇم، - ئۇ ئەزرائىلغا ئوخشايدۇ، ھەممە ئادەمنى بويسۇندۇرالايدۇ؛ ئۇ باقىي ئالەمگە ئوخشايدۇ، بارلىق جاننى ئۆز باغرىغا سىغدۇرالايدۇ.
Posted: 2008-10-06 11:17 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » نەسىرلەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.069846(s) query 3, Time now is:10-23 03:02, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation