يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى

يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى باغراش ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى كورلا شەھىرى بىلەن، غەربىي تەرىپى بۈگۈر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 131.1 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  64.8 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى  1868 كۋادرات كىلومېتىر. يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىگە  1 بازار،  7  يېزا، 45  كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2  - شىسىنىڭ 2 تۇەن مەيدانى ۋە تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  412 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 109 مىڭ  900. بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار  23.11% نى، خەنزۇلار  44.4% نى، ئۇيغۇرلار  29.03% نى، باشقا مىللەتلەر  3.37% نى تەشكىل قىلىدۇ.
  يەنجى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي رايوندىكى كىنگىت (يەنجى) دۆلىتى ئىدى ۋە غەربىي رايون قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارايتتى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت تۇتۇق مەھكىمىسى ۋە كىنگىت قورغىنى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، نامى قاراشەھەرگە ئۆزگەرتىلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى ( 1882 - يىلى) قاراشەھەر بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ  24  - يىلى (1898 - يىلى) يەنجى دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە نازارەت مەھكىمىگە ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى كىنگىت مەھكىمىسى ۋىلايەتكە ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ  2 - يىلى ( 1913 - يىلى) ۋىلايەت تارمىقىدا يەنجى ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. كېيىن يەنە يەنجى مەمۇرىي رايونىغا ۋە  8 - رايونغا ئۆزگەرتىلگەن.  1954 - يىلى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارىغان.
  يېرىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپى ئېگىز، شەرقىي جەنۇبىي تەرىپى پەس. ئەتراپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. پەۋقۇلئاددە تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق  52.36% نى، تۈزلەڭلىك  47.64% نى تەشكىل قىلىدۇ. قاراشەھەر دەرياسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يىللىق سۇ مىقدارى  3 مىليارد  300 مىليون كۇب مېتىر. يەر ئۈستى سۈيى بايلىقى مىقدارى  4 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى  4.9 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھاۋايۋاناتلاردىن يىلپىز، تاغ  ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن، سۈر تۇرنا، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن چۈچۈكبۇيا، قارلەيلىسى، قانتېپەر قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت، كۆمۈر، كۇۋارتس، خرۇستال، چىرىمتال، تاشپاختا، مىس، بېرىل قاتارلىقلار بار.
  يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  7.9℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 38.0℃ غا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا  - 35.2℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 7.48 كۈن 30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  3138.1 سائەت،  10℃ نىڭ يىغىلما تېمپېراتۇرىسى  3404.0℃، قىروسىز مەزگىل  167 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  64.6 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  1949.5 مىللىمېتىر.
  بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر  17  مىڭ 600  گېكتار (264  مىڭ 300 مو) تېرىلغۇ يەر،  44  مىڭ 700 گېكتار ( 670  مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر،  105 مىڭ  700 گېكتار ( 86 مىڭ مو) ئورمانلىق،  149 مىڭ گېكتار ( 2 مىليون  235 مىڭ مو) ئوتلاق بار، چارۋىدىن كالا، قوي، ئات قاتارلىقلار بار. داڭلىق قاراشەھەر ئېتى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا <تۇلپار> دەپ نام ئالغان. سانائەت جەھەتتە شىكەرچىلىك، كۆن - خۇرۇم، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بار.
  يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ قاتناش تۈگۈنى. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ۋە  314 - دۆلەت تاشيولى ناھىيە بازىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزىلارنىڭ تاشيوللىرى بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن. پوچتا تېلېگراف، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى قولايلىق، جەنۇبىي شىنجاڭ ئوپتىكىلىق غول لىنىيىسى بولغان يەنجى - كورلا لىنىيىسى رەسمىي تۇتاشتۇرۇلدى. پروگراممىلىق تېلېفون، سىمسىز چاقىرىش ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى كەينى - كەينىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
  مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرى ۋە داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن مىڭئۆي، شگازى قەدىمىي بۇتخانىسى خارابىسى، خەن، تاڭ قەدىمكى شەھىرى، تاڭ پادىشاھى قەلئەسى، بۇغدا چىڭ قەدىمكى شەھىرى، سېفىنىش كۆلى ساياھەت نۇقتىسى، قاراشەھەر دەرياسى باغچىسى قاتارلىقلار بار.
Posted: 2008-01-19 17:10 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ئاپتونوم ناھىيە

Total 0.057549(s) query 3, Time now is:03-17 17:48, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation