مىڭ بىر كېچە(128-كېچە) BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : مىڭ بىر كېچە(128-كېچە) تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 54ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 مىڭ بىر كېچە(128-كېچە)



_ ئەي بەختلىك شاھ، _دەپ داۋام قىپتۇ شەھرىزاد ھېكايىسىنى، _ يىگىت تاجىلمۈلۈككە ھېكايىسىنى داۋام قىلىپ كېلىپ شۇنداق دەپتۇ: كېيىك رەسىمى سېلىنغان بۇ پارچىنى ئېھتىيات قىلى! بىرەر يەرگە تاشلىما! ياخشى ئاسراپ ساقلا! سېنى كۆرەلمەي قالغان كۈنلىم بۇ تەسۋىر ماڭا ئوخشاش ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىل! ئاخىر سەن بۇ  رەسىمنى ئىشلىگەن كىشىگە يولۇقۇپ قالساڭ ئۆزۈڭنى ئۇنىڭدىن يىراق تۇت! ئۇنىڭ يېقىنلىشىشىغا يول قويما! ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ئۆيلەنمە. ئەگەر بۇ ئىشىڭنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىساڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەر خوتۇنغا يېقىنلاشما! بۇ رەسىمنى ئىشلىگۈچى ئايال ھەر يىلى شۇنداق بىر رەسىم يارىتىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئادەملەرنىڭ ھېچبىرى ئىشلىيەلمىگەن بۇ سەنئەتنىڭ ئۇستىسى ئۆزىنىڭ بۇ رەسىمى ئارقىلىق شۆھرىتىنى ھەر تەرەپكە تارقىتىش ئۈچۈن ئۇنى يىراق شەھەرلەرگە ئەۋەتىدۇ. سېنىڭ سۆيگۈنىڭ ھىيلىگەر قېرىنىڭ قىزىنىڭ قولىغا چۈشكەن بۇ رەسمنى مېنىڭ سىڭلىم ئىشلەيدۇ دەپ كۆرستىشكە باشلىغان. خۇدا ئۇنىڭ سىرىنى ئاشكارا قىلسۇن، شەرمەندە قىلىسۇن. بۇ سۆزلەرنى سېنىڭدىن باشقا ھېچكىمگە ئېيىتماس ئىدىم. ساڭىمۇ دېمەيتتىم. لېكىن مەندىن كېيىن كەڭ دۇنيامۇ ساڭا تار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئويلىدىم. بۇ ماڭا ئايان ئىدى. شۇ چاغدا سەن ھەر يەرلەرگە بېرىپ كۆڭۈل ئېچىشنىمۇ ئىستەيسەن. بۇ رەسىمنى ئىشلىگۈچى توغرىسىدا خەۋەر ئاڭلايسەن. سەندە ئۇنى تېپىپ كۆرۈشۈش ئارزۇسىمۇ ئويغىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا سەن مېنى يەنە بىر قېتىم ئېسىڭگە ئالىسەن. بۇ رەسىمنى ئىشلىگۈچى قىز سۆيگۈنۈڭنىڭ سىڭلىسى ئەمەس، جازائىر ئاراللىرىنىڭ پادىشاھسىنىڭ قىزىدۇر. خەتنى ئوقۇپ مەزمۇنىغا چۈشەندىم. ئۆزۈمنى يىغلىدىن توختىتالماي قالدىم. مېنىڭ يىغلىغىنىمنى كۆرۈپ، ئاناممۇ مۇڭلىنىپ يىغلىدى. بىر يىلنى ئەنە شۇ ئەھۋالدا ئۆتكۈزدۈم. بىر كۈنى شەھىرىمىزنىڭ مانا شۇ سودىگەرلىرى سەپەرگە تەييارلانغانىكەن. بۇنىڭدىن مەن خەۋەر تاپتىم. ئانام ماڭا شۇلار بىلەن قايتقۇچە بىر يىل يۈرەرسەن، ئىككى يىلمۇ يۈرەرسەن. چۈنكى، ئادەلەرگە قۇشۇلۇپ سەپەردە يۈرسەڭ، غەملىرىڭ تارقايدۇ. كۆكسىڭگە شادلىق تولۇپ، كۆڭلۈڭ ئېچىلىدۇ» دەپ، مېنى سەپەرگە قىزىقتۇردى. بۇ مەسلىھەت ماڭا ياقتى. سەپەر ھازىرلىقىنى تەييارلاپ، كارۋانلار بىلەن يولغا چىقتىم. يولدىمۇ كۆزۈمدىن ياش قۇرمىدى. نەگە بارماي نەگە قۇنماي، نەدە تۇرماي، دەررۇ ئالدىمغا مۇشۇ رەسىمنى قۇيىمەن. كېيىككە قاراپ تاغامنىڭ قىزى ئەزىزەنى ئەسلەيمەن. كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ يىغلايمەن. چۈنكى ئۇ مېنى ھەددىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرەتتى. چىن دىلىدىن سۆيەتتى. مەن ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلمىدىم. ئۇ مېنى داغۇ - ھەسرىتىمدە ۋاپات بولدى. ئۇ ماڭا دائىم ياخشىلىق قىلىپ ياردەم بەرسىمۇ، مەن ئۇنى ئازابلايىتتىم كارۋانلار بىلەن بىللە شەھىرىمگە قايتىپ كېتىپ بارىمەن. سەپەرگە چىققىنىمغا بىر يىل بولدى. بۇ ئارلىقتا ئەلىمىم تېخىمۇ ئاشتى. بولۇپمۇ بىلۇر قورغانلىق جەزىرلەردىن ئۆتكەندە غېمىم تېخىمۇ ئاشتى. ئۇ يەر يەتتە جەزىرىدىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ يەرلەرنى شەھرىمان دېگەن شاھ ئىدارە قىلىدىكەن. ئۇنىڭ  سەيدە دۇنيا ئىسملىك قىزى بار ئىكەن. بۇنى بىلىدىغانلار ماڭا: «مانا بۇ كېيىكلەر رەسمىنى ئەنە شۇ قىز ئىشلەيدۇ. قولۇڭدىكى رەسىممۇ شۇنىڭ  ئىشى» دېيىشتى. بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلدىم. يولىنى تاپتىم، ئۇنىمۇ كۆردۈم. لېكىن يېقىنلاشمىدىم. چۈنكى، مەن ئاياللار سېپىگە قوشۇلۇپ كەتكەن ۋە ئەرلىكىمنى يوقاتقان ئىدىم. شۇڭا، ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا قانائەت قىلدىم. ئۆز ھالىمغا يىغلاپ، خىيال دەرياسىغا غەرق بولدۇم. يولغا چىقتۇق، بۇ جەزىرلەردىن يىراقلاشقانسېرى كۆزلىرىمدىن ياش توختىماي ئېقىشقا باشلىدى. دىلىمدىكى غەم - ئەلەملىرىممۇ كۈندىن _ كۈنگە كۆپەيمەكتە. تۈگىمەس - پۈتمەس بۇ دەرد - ئەلەملەر بىلەن ئۆز شەھىرىمگە قايتىپ كېتىپ بارىمەن. لېكىن ئانامنىڭ ئالدىغا ساق - سالامەت يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا جان بېرىشمىگە ئىشەنمەيمەن. چۈنكى، ئۆلۈم ماڭا يېقىنلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنمەكتە». يىگىت شۇ گەپلەرنى ئېيتىپ بولۇپ يەنە يىغلاپتۇ. رەسىمگە قاراپ «ئاھ!...» تارتىپ ھەسرەت چېكىپتۇ. كۆز ياشلىرى دەريادەك ئېقىپتۇ؟ يىغلاپ تۇرۇپ بۇ ئىككى شېئىرنى ئوقۇپتۇ:
بارمۇ مەندە ئالەم ئەھلىگە لايىق بىر ياخشىلىق،
يا، ساۋابلىق، ياخشى ئىش، ياخشى ئىز، ياخشى قىلىق.
تۈگىدى كۈچ - قۇۋۋىتىم ياشلىقىم بولدى تامام،
يۈرۈكۈم پۈچىلىنىپ، بولدى خۇشاللىق ھارام.
كەلسە مەيلى ماڭا ئۆلۈم، شۇ ماڭا ئارام بېرەر،
غەم - ئەلەملەردىن خالاسلىق ماڭا شۇنىڭدىن كېلەر.

كۆپ كىشىلەر دېيىشتى،
- كېلەر شادلىق ۋاقتىمۇ.
غەزەپ بىلەن مەن دېدىم؛
_تۈگىمەس بۇ قايغۇ - غەم.
دېدىلەركى:
_ ھەر نەرسىنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بار.
مەن دېدىمكى:
_ بۇ سۆزگە كۆرسەت دەلىلنى شۇ دەم.
«مېنىڭ ھېكايەم - بۇ تۈگۈننىڭ سىرى ئەنە شۇ» دەپتۇ سودىگەر يىگىت. تاجىلمۈلۈككە. شاھزادە تاجىلمۈلۈك يىگىتنىڭ ھېكايىسىگە ئەجەبلىنىپتۇ. ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپتۇ. لېكىن، شۇ رەسىمنى ئىشلىگەن سەيدە دۇنيا ئۆزىنىڭ بۇ مەشھۇر سەنئىتى بىلەن شاھزادە تاجىلمۈلۈكنىڭ يۈرىكىگە ئىشقى ئوتىنى تۇتاشتۇرۇپتۇ.
قىسسە شۇ يەرگە يەتكەندە تاڭ ئاتتى، شەھرىزاد ھېكايىسىنى توختاتتى. 
awazlik
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-09-22 10:47 | [ئاپتور]
abdusattar

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 8
شۆھرىتى: 9 نومۇر
پۇلى: 65 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-08-14
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 


ياخشى ئەسەر جۇمۇ ؟
Posted: 2008-10-14 16:13 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » مىڭ بىر كېچە


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071009(s) query 4, Time now is:10-23 02:59, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation