بىر ئەرنىڭ ئايالىغا يازغان خىتى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : بىر ئەرنىڭ ئايالىغا يازغان خىتى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 245ـ كۆرۈرمىنى
ubul

دەرىجىسى : ئەتىۋارلىق ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 821
شۆھرىتى: 821 نومۇر
پۇلى: 30 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 بىر ئەرنىڭ ئايالىغا يازغان خىتى



                                  بىر ئەرنىڭ ئايالىغا يازغان خىتى
خوتون ~` ئاناڭلىنىڭ ئۆيىدە ياخشى تۇرىۋاتامسىلەر ؟
.ئىككىمىز سوقۇشۇپ ،سەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنگە ﻫازىر توپتوغرا 38سائەت37مىنۇت بولدى .بۇ ۋاقىت سەن ئۆتكەندە يامانلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا ياراتقان رېكورتتىن يەنە 4سائەت 17مىنۇت ئاز .سېنىڭ ئەپۇ سوراپ ئالدىڭغا بىرىشىمنى كۈتىۋاتقانلىقىڭنى بىلىمەن ،مەنمۇ شۇ يولغا چىقاي دەپ تەييارلىنىۋاتىمەن ،بىراق مەن سېنىڭ يەنە ئازراق چىداپ يىڭى رېكورت يارىتىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن .
مەن ناﻫايىتى ياخشى تۇرىۋاتىمەن ،ئارتۇق ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ .گەرچە سەن ئامانەت كىنىشكىلىرىنىڭ ﻫەممىسىنى يىغىپ ئېلىپ كەتكەن بولساڭمۇ ،تېخى ئاچ قالمىدىم .تىقىپ قويغان ئىناۋەتلىك كارتا بار ئەمەسمۇ ،(خۇدا شۈكرى ،بۇ چوڭ ئاقتۇرۇپ تەكشۇرۇشتىن ئامان قالغىنى ). شۇ كارتىغا بەش كۆينەك ،ئۈچ قۇر ئىچ كىيىم ،يەتتە جۈپ پايپاق ئالدىم ،سەن كەلگۈچە يېتىدۇ .شۇڭا كىيىملىرىمنىڭ كىر بولۇشىدىن ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ . داڭلىق ماركا دىگەننىڭ سۈپىتى ﻫەقىقەتەن ياخشى بولىدىكەن ،باﻫاسى سەل قىممەت بولسىمۇ !
تامىقىمدىنمۇ ئەنسىرىمىگىن .مەن سەن كېتىپ ﻫازىرغىچە يېڭى ئېچىلغان يەتتە رېستۇرانغا بېرىپ تاماق يەپ بولدۇم .ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسى بەكلا ياخشىكەن ،تېخى مېنىڭ يالغۇز تاماق يەۋاتقانلىقىمنى كۆرۇپ مېنى ئىشتىﻬاسى تۇتۇلۇپ قالمىسۇن دەپ كېلىپ بىللە ﻫەمراﻫ بولۇپ تاماق يىيىشىپ بىرىدىكەن تېخى .لىكىن بىر --بىرىدىن قىممەت نەرسىلەرنى بۇيرۇتۇپ ئولتۇرىۋالىدىكەن.
ﻫەممىدىن بېشىمنى ئاغرىتىۋاتقىنى ئۇدۇلىمىزغا يېڭىدىن كۆچۇپ كەلگەن ياش ئايال .ئۇ ﻫەر كۈنى ئۇنى --بۇنى سورىغان بولۇپ ماڭا گەپ قىلىدۇ .لىكىن سەن خاتىرجەم بولغىن .مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى ﻫەرگىز قىلمايمەن .بۇ تەرەپتە مەندىن گۇمانلانساڭ بولمايدۇ .
ئۆيدىكى گۈل --گىياﻫلارغا كەلسەك ،ﻫازىرقىدەك سۇ قىس شارائىتتا گۈللەرنى سۇسىز قۇملۇق مۇﻫىتىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن سەن كەلگۈچە گۈللەرگە سۇ قۇيماسلىقنى قارار قىلدىم .بۇنىڭ گۈللەرگە پايدىسى بار . ﻫەراست ! ئۆيدىكى مۈشۈك ساڭا ئەگىشىپ بىللە كەتتىما ؟ئۇنى كۆرمىگىلى ئىككى كۈن بولۇپ قالدى .
مەن چوقۇم سەندىن كەچۈرۈم سوراپ سېنى ئېلىپ كەتكىلى بارىمەن .ئۇنداق بولغاندىن كېيىن كەلگىلى ئالدىرىماي ئۇزاقراق تۇر . چوڭلارمۇ سېنى سېغىنىپ قالغاندۇ ~ ئۇنىڭ ئۈستىگە رېكورت مەسىلىسى بار ئەمەسمۇ `

قوشۇمچە : ئەگەر ئەتىگىچە كېلەلمەي قالساڭ ،سەن ئۆچ كۆرىدىغان ﻫېلىقى ئايال خىزمەتدىشىم بىلەن تاماق يىگىلى بېرىشىم مۇمكىن، نىمىلا دىمىگەن بىلەن ،خەقنى رەت قىلىۋەرگىلى بولمايدۇ دە .!

خەير --خوش !
سېنى سېغىنىپ :...........

مەنبە ؛ ھۈريەت


Posted: 2008-09-09 20:40 | [ئاپتور]
mahsum5252

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 9
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 65 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-25
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-21

 


ۋاھ ئەجەپ پەيزى  تەھتىت خىتىكەنغۇ بۇ  
Posted: 2008-09-10 00:42 | 1 -قەۋەت
ئۇيقاش

دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 1
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 5 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-10

 


بۇمۇ ياخشى ئامالكەن
Posted: 2008-09-10 10:09 | 2 -قەۋەت
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 


ھې  ھې  ھې...
كاللىسى ئىشلەيدىغان ئاداشكەن ماۋۇ!!!!
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-09-10 10:56 | 3 -قەۋەت
sirdax007

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 10
شۆھرىتى: 11 نومۇر
پۇلى: 100 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-10-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-19

 


      بۇلاپ قۇيىدىغان ئامال ئكەن .
awazlik
Posted: 2008-10-19 21:09 | 4 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » سۆيگۈ مەكتۇپى


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.077807(s) query 4, Time now is:10-23 02:57, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation