بىز رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئالدامچىلار ؟ BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : بىز رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئالدامچىلار ؟ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 199ـ كۆرۈرمىنى
ajimks

دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 153
شۆھرىتى: 171 نومۇر
پۇلى: 270 RMB
تۆھپە: 8 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-20

 بىز رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئالدامچىلار ؟


باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىنى بىلقۇت يوسۇنلىرىمىز دىن يۆتكىدى (2008-09-05)
بىز رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئالدامچىلار ؟

(شەبنەم تور بېكىتىدىن ئېلىندى)

    قىزلىرىمىز ساغرىسىغا چىڭ يېپىشىپ تۇرىدىغان  كىيىملەرنى  كىيىپ  يۈرسە .  جەمئىيەت شۇنداق، بۇ دېگەن ھازىرقى مودا ئىقىم دەپ ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز . گۇناھ ئىشنى بولۇشىغا قىلىۋېتىپ ، تىلەمچىگە بىر كوينى بېرىپ پۈتۈن گۇناھىمىز ساقىت بولغاندەك ئۆز ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز ،
تاماكىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ، << ھەي !!! كۆنگەن خۇي >> دەپ قويۇپلا ئۆزىمىز بەزلەپ چىكىۋىرىمىز .
ھازىرقى جەمئىيەتتە دۇرۇس قىزلار قالمىدى دېگەن ئىدىيىنىڭ كەينىدە ئۆزىمىزنى ئامالسىز قىياپەتكە كىرگۈزۈپ .
شەھۋانىي يامان يولغا مىڭىۋىرىمىز ، جەمئىيەت شۇنداق تۇرسا دەپ ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز .
ھازىرقى ئوغۇللار قانداق بولماقچىدى دېگەن ئىدىيەنىڭ كەينىدە ، ئۆزىمىزنى ھەقىقىي بىر ئانا ئەمەس ،
بەلكى شاختىن شاخقا سەكرەپ يۈرىدىغان قۇشقاچقا ئايلاندۇرۇپ قويدۇق .
يالغۇز مەنلا شۇنداقمۇ ؟ ئوغۇللار شۇنداق بولمىسا بىز مۇشۇنداق بولامتۇق دەپ ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز .
ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەك ، << ۋاي ۋۇي !!! ئۆتەلمىگەن يالغۇز مەنلىمۇ >> دەپ
گۇناھنى باشقىلارغا يۈكلەپ قويۇپ . ئۆز ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز .سودا قىلىۋېتىپ ساختىلىق ئىشلەتكەن
ۋاقىتلاردا << سامان ئارىلاشمىسا لاي ، ھارام ئارىلاشمىسا باي بولماس >> دېگەن ماقالىنى تۇتقا قىلىپ، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالدايمىز .
قىسقىسى : بىز ساناپ تۈگەتكۈسىز ئالدامچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتىمىز . جەمئىيەت شۇنداق تۇرسا ،
ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس دېگەن ناتوغرا ئىدىيە كەينىدە ، بىز ھەقىقىي بىلىم ئىزدىنىشكە ئەمەس ، مودا قوغلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىمىز .
توي قىلماي تۇرۇپ قىزلىقىنى يوقىتىش ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئاددىلا بىر ئىش بولغىنىدەك
ئارلاشقان ئادەمنىڭ ئاز كۆپلىكى شۇ قىز يىگىتنىڭ تەجرىبىگە مول . بىلىملىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بوپ قالدى .
ئېسىڭىزدە بولسۇن ، بىز ھەممىمىز بىر ئالدامچى .
بىزنىڭ تور ئالدىدا سائەت سائەتلەپ ئولتۇرۇپ ، خۇدا بەرگەن شۇ قىممەتلىك ۋاقىتنى قۇرۇق پاراڭ ، قۇرۇق سۆھبەتكە دەسمايە سالغىنىمىز . تور ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۆرۈنمەس مەۋھۇم مۇھەببەتنىڭ قۇرۇق ئۆستىڭىگە ئۆزىمىزنى تاشلاۋاتقىنىمىزمۇ بىر ئالدامچىلىق .
قىزلىرىمىز ، سىڭىللىرىمىزنىڭ كىيگەن كىيملىرىگە قاراپ باقتىڭلارمۇ ،
ئەگەر باشقا قىزلار كوچىدا شۇنداق كىيىملەرنى كىيسە ، شەھۋانىي ھەۋىسىڭىز بىلەن قاراپ قويىسىز .
ئېسىڭىزدە بولسۇن ، قىزىڭىزغا ياكى ئاچا سىڭلىڭىزغىمۇ باشقىلار شۇنداق قارايدۇ .
سىز بىر قىز بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ، مودا قوغلىشىپ شۇنداق يىرىم ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىپ كوچىغا چىققىنىڭىزدا ، نۇرغۇنلىغان بەختلىك ئائىلىلەرنى بۇزۇشقا ئاساس سالغانلىقىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟
ھاۋايى ھەۋەس ھەرقانداق ئادەمدە بولىدۇ . بىر ئەركىشى سىزنىڭ شۇنداق بەدەنلىرىڭىزنى كۆرگەن چېغىدا ھاۋايى ھەۋەس توسۇپ قويغان پەردىنىڭ تەسىرىدىن ، بارا بارا ئۆيدىكى كۆيۈمچان ئايالى كۆزىگە خۇراپىي ، مەتۇ چىراي كۆرۈنۈپ قالىدۇ .
ئايالىڭىزنى ئۇنداق يىرىم يالىڭاچ ، ياكى ساغرىسى ۋە كۆكسىنى روشەن كۆرسىتىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشتىن چەكلەيسىز ، لېكىن كىيىم كىيگەنلەر تويماي ھەۋەس بىلەن قارايسىز .
مانا مۇشۇمۇ بىر ئالدامچىلىق ، بىر ئائىلىنى ئالدىغانلىق ، ئايالىنى ئالدىغانلىق .
ئىسلام دىنىدا كۆز زىناسى دېگەننى ئاڭلىغان بولسىڭىز كېرەك ، گەپنى ئوچۇق دىمىسەكمۇ بولار .
قىسقىسى ، تۇرمۇش ھەدىسىلا بىزنى ھەرخىل زىنالارغا باشلايدۇ .
گەپنى يەنىمۇ قىسقارتىلمىسى : ھېچكىم بىزنى گۇناھ بولىدىغان ، ياكى ئالدامچىىققا كىرىدىغان ئىشلارغا باشلىغىنى يوق ، ھەممە ئىشلارنىڭ باشلىنىشىنى ئۆزىمىز كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىمىز .
باشقىلاردىن ھەرقانچە ئاغرىنايلى ، ھەممىسى ئەھمىيەتسىز .
تۇنجى بولۇپ ، ئۆز ئىدىيمىزنى ئازاد قىلايلى . باشقىلار نېمە دەپ ئويلاپ قالار دىگەننى ھەرگىز ئويلىماڭ .
ياخشى ئادەملەر تىخى كۆپ . ئادەم قانچىكى چۈشكۈنلەشسە ، شۇ ئادەمنى شۇنچىلىك نەس باسىدۇ . سىز جەمئىيەتنى گۈزەل دەپ قارىسىڭىز . ھەممە ئادەم گۈزەل كۆرۈنىدۇ . ئىدىيىمىزگە سىڭىپ كەتكەن ئاغرىنىشتىن ئىبارەت ئىللەتنى يوقىتايلى . رېئاللىقتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرمايلى .
    ئىسىىمىزدە شۇنى چىڭ تۇتايلى !!

يېپىلمايدىغان داستىخان ، ئاخىرلاشمايدىغان سورۇن بولمايدۇ . سىز قىلغان ھەربىر ئىش ھەرىكەتنىڭ سورىقى بولىدۇ .
Easy come Easy go
Posted: 2008-09-05 20:15 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ئەخلاق


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070210(s) query 3, Time now is:10-23 02:57, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation