<<بىلقۇت خەزىنىسى>> 9- ئايلىق ئەلالاشتۇرۇش ھۆججىتى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : <<بىلقۇت خەزىنىسى>> 9- ئايلىق ئەلالاشتۇرۇش ھۆججىتى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 918ـ كۆرۈرمىنى
Bilqut_K

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 77
يوللىغان تېما : 2683
شۆھرىتى: 2843 نومۇر
پۇلى: 924 RMB
تۆھپە: 21 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 <<بىلقۇت خەزىنىسى>> 9- ئايلىق ئەلالاشتۇرۇش ھۆججىتى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!!!
«بىلقۇت خەزىنىسى» _ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقارغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەشھۇر شەخس، تېبابەت، ماقال تەمسىل، چۆچەك، رېۋايەت، چالغۇ-ئەسۋاب، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھار گۆھەرلەر؛ كارتون ئېلىپبە، قانۇن - نىزام، ئىشارەت تىلى، پەلسەپە، تەنتەربىيە، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق 600 دىن ئارتۇق كەسپىي ساھەدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە 3 خىل تىل، 6 مىليوندىن ئارتۇق سۆز، ئاۋاز ھەم سۈرەت بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن زور ھەجىمدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتال 2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، بىز بۇ قوللىغۇچىلىرىمىزغا سەمىمىي تەشەككۈر بىلدۈرىمىز.
«بىلقۇت خەزىنىسى» توردا ئەلالاشتۇرۇش ۋەدىسى بىلەن بازارغا سېلىنغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، ھەر ئاينىڭ 1 - كۈنى يېڭى - يېڭى مەزمۈنلار قېتىلغان ۋە بايقالغان خاتالىقلىرى تۈزىتىلگەن ئاساستا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

1 - قېتىملىق 10 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 450 پارچە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
2 - قېتىملىق 11 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 100 مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
3 - قېتىملىق 12 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا:
1) 35 مىڭ سۆزلۈك دۇنيادىكى مىللەت ناملىرى (مىللەتشۇناسلىق لۇغىتى)
2) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى (2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلغان.)
3) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى (2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلىدۇ.) قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
4 - قېتىملىق 1 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا: 200 پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلق رېۋايەتلىرى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
5 - قېتىملىق 2 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 20 - ئەسىردىكى بىر قىسىم چوڭ ئىشلار چۇشەندۈرۈشى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان
6- قېتىملىق 3- ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا ، «دۇنيادىكى ئەڭ» لەر توپلىمى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە «بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە قىسمىدىكى بايقالغان خاتالىقلارتۈزىتىلدى ۋە 200گە يىقىن تېببىي سۆزلۈكلەر قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
7- قېتىملىق 4- ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا ، دۇنيانىڭ بەش مىڭ يىللىق تەرەققىيات جەريانى ھەققىدىكى بىلىملەر ئەلالاشتۇرۇلغان.
8 - قېتىملىق 5 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا تىل - يېزىق كومىتېتى بېكىتكەن 5000 دىن ئارتۇق قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار قېتىلىش بىلەن بىرگە ئىشلەتكۈچىلەر ئىنكاس قىلغان بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلگەن ئاساستا ئەلالاشتۇرۇلغان.
9- قېتىملىق 6 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا كومپيۇتېر بىلىملىرى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
10 - قېتىملىق 7 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
11 - قېتىملىق 8 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 140 پارچىدىن ئارتۇق ئەپسانىلەر قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلدى.
12 - قېتىملىق 9 - ئايلىق ئەلالاشتۇرۇشتا خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە شىنخۇا لۇغىتى ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى <<بىلقۇت خەزىنىسى>> دە بار بولغان شىنخۇا لۇغىتىدىكى  بىرقىسىم خەتلەر قىسقارتىۋېتىلدى، كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئەلالاشتۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
شۇنىڭ بىلەن <<بىلقۇت خەزىنىسى>> نىڭ بىرىنچى يىللىق ئەلالاشتۇرۇشى تاماملاندى، ئىككىنچى يىللىق ئەلالاشتۇرۇش 11 - ئايدىن باشلاپ باشلىنىدۇ، ئىككىنچى يىللىق ئەلالاشتۇرۇشتىن باشلاپ شەخسلەر نۇسخىسىنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىگە ھەقلىق، كارخانا نۇسخىسىنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىگە ھەقسىز ئەلالاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
(بۇ 9 - ئايلىق ھۆججىتىدە ئىلگىرىكى بىر يىللىق ئەلالاشتۇرۇلغان مەزمۇنلار تولۇق بار.)
<<بىلقۇت خەزىنىسى>> ھەر ئايدا بىر قېتىم ئەلالاشتۇرۇلىدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، 11 - ئايدىن باشلاپ ئىككىنچى يىللىق ئەلالاشتۇرۇش باشلىنىدۇ.

ئەلالاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى مەزمۇن : 

Click Here To EnLarge


ئەلالاشتۇرۇش ھۆججىتى
چۈشۈرۈش
بۇ ئەلالاشتۇرۇش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ «بىلقۇت خەزىنىسى» قاچىلانغان مۇندەرىجىگە قاچىلاش ئارقىلىق ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارىسىز.
قاچىلاش ئۇسۇلىنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ
Posted: 2008-09-02 20:29 | [ئاپتور]
ubul

دەرىجىسى : ئەتىۋارلىق ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 821
شۆھرىتى: 821 نومۇر
پۇلى: 30 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 


چۈشۈرۈشنى باشلاپ كەتتىم ئەمسە .
awazlik
Posted: 2008-09-02 21:18 | 1 -قەۋەت
burkut2005

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 275
شۆھرىتى: 289 نومۇر
پۇلى: 39 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 


رەخمەت سىلەرگە مەن چۈشۇرۋالدىم.
ئۆگەت ۋە ئۆگەن
Posted: 2008-09-07 17:40 | 2 -قەۋەت
matrix

دەرىجىسى : تۈتۈن بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 49
شۆھرىتى: 50 نومۇر
پۇلى: 235 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-05-09
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-10

 


ھۆرمەتلىك بىلقۇت ئەپەندى،ئەينى ۋاقىتتا سىزگە تېلىفون  قىلىپ سۈرۈشتۈرسەم،<<ئەگەر كومپىيوتېرنىڭ قاتتىق دېسكىسى بۇزۇلۇپ  كەتمىسىلا مەڭگۈ ئىشلىتلەيسىز،ھەمدە ھەر ئايلىق ئەلالاشتۇرۇشتىنىمۇ مەڭگۈ بەھرىمان  بولىسىز....>>دىگەن ئېدىڭىزغۇ؟  ئەجەبا،ئەمدىلىكتە<< شەخىس نۇسخىسىغا ھەقلىق،كارخانا نۇسخىسىغا ھەقسىز>>دەپسىزغۇ؟ئادەم دىگەن ئۆز گىپىدە تۇرۇشى  كىرەك جۇمۇ...<<ئوغۇل  بالىنىڭ لەۋزى ھالال>>دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى بېلىدىغانسىز؟؟؟بۇنىڭغا چوقۇم چۈشەنچە بەرمىسىڭىز  بولمايدۇ...مەن تېخى <<بەك ياخشى لوغەتكەن>> دەپ ھەممە  يەردە سىلەرنى تەشۋېق  قىلىۋاتسام،سىلەرگە ۋاكالەتچى  بولايمۇ  دىگەن تېخى،شېركەتنىڭ ئېناۋىتى ھەممىدىن مۇھېم جۇمۇ...گەپلىرىمنى ئويلىنىپ كۆرەرسىز.....
ئۇيغۇر تور ئىشلىرى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى!!!
Posted: 2008-09-10 23:41 | 3 -قەۋەت
langgar

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 9
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 55 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-09-29

 


مەنمۇ بىلىقۇت خەزنىسىنى 5-ئايدا سىتىۋالغان ئىدىم بىر يىلغىچە ھەقسىز ئەلالاشتۇرۇشتىن بەھرىمان بولىدىغانلىغىمنىدىن ناھايتى خۇشال بولغان ئىدىم لىكىن ھازىر 10-ئايدىن باشلاپ شەخسى نۇسخىسىنىڭ ھەقلىق بولىدىغانلىغىنى دەپسىلەر بۇمۇ سىلەرنىڭ تىجارەت  ئۇسسۇلىڭلارمۇ مەن ئويلايمەن سىلەر خەزنىنى سىتىۋىلىپ ئىشلەتكىلى بىر يىل توشقانلارغا ھەقلىق قىلساڭلارمۇ بىريىلغا توشمىغانلارغا نىسپەتەن بۇنى ئويلىشىپ باقساڭلار
Posted: 2008-09-29 23:43 | 4 -قەۋەت
konamiltik

دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 2
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-10-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-20

 


كوپ رەھمەت
Posted: 2008-10-09 00:12 | 5 -قەۋەت
karahan

دەرىجىسى : يېڭى قاراۋۇل


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 7
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 40 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-12

 


ھەقسىز يىڭلاپ بىردىكەن دەپ خۇشال بولساق ،ئەمدى پۇل ئالمەن دەپسىلە،
نىمىشقا گىپىڭلاردا تۇرمايسىلەر ،
[ بۇ يازما karahan تەرىپىدىن 2008-10-12 21:44 دە قاي ]
سالام
Posted: 2008-10-10 14:31 | 6 -قەۋەت
amarjan23

دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 1
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-12

 


ياخشى  ئىكەن  باشقا ئايدىكىنىمۇ چۇشۇرۋالغان بولسم ياخشى بولاتتى 1-ئايدىن 8-ئايغىچە
Posted: 2008-10-12 10:51 | 7 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ئەلالاشتۇرۇش


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.079249(s) query 4, Time now is:10-23 02:56, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation