ئۇيغۇرلاردا دوغاپ ۋە جۇلاپ BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئۇيغۇرلاردا دوغاپ ۋە جۇلاپ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 262ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ئۇيغۇرلاردا دوغاپ ۋە جۇلاپ


ئۇيغۇرلار ياز ۋە تومۇز كۈنلىرى (بەزىلەر قىش، ياز) سوغۇق ئىچىملىك ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خىل ئىچىملىكلەرنىڭ تۈرى كۆپ، تەييارلىنىشى خىلمۇ خىل بولىدۇ.
ئۇيغۇرلار ناشتىدا يېڭى سىقىلغان ساپ ئانار شەربىتى ئىچىش، ئادەتتە گۈلە، چىلان، كۆك ئۈزۈم، چىلانقات ياكى قارىئۆرۈك، ئۈزۈم چىلانغان سۇ، ساپ مۇز سۈيى، قېتىق ۋە سۈزمە قوشۇلغان قۇدۇق ۋە بۇلاق سۈيى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقىدە ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بۇ ئادەت تەرەققىي قىلىپ كەسىپكە ئايلانغان. جۈملىدىن ئەتىيازدىن ئاخىرقى كۈزگىچە شەھەر، يېزا - بازارلىرى، ھەر قايسى دوقمۇشلاردا دوغاپ، جۇلاپ ۋە چۈلە قاتارلىق سوغۇق ئىچىملىك ساتقۇچىلارنى كۆرىسىز.
سوغۇق ئىچىملىك تەييارلاش ئۇسۇلى:
جايلاردا مۇزچىلار ۋە مۇزخانىلار بولىدۇ. مۇزچىلار ھەر يىلى 1 - ئايدا دەريا - كۆللەرنىڭ قېلىن مۇزلىغان پاكىز مۇزلىرىنى تۆت چاسا قىلىپ چاناپ ئېلىپ گەمە، مۇزخانىلاردا شامال ئۆتۈشمەيدىغان قىلىپ ساقلايدۇ.
ھەر يىلى 4 -، 5 - ئايلاردا شەھەر، يېزا، كوچا دوقمۇشلىرىدا كۆپكۆك (نىڭ رەڭ) سايىۋەن تارتىلىپ، شىرە - ئورۇندۇقلار قويۇلۇپ ئەتراپى پاكىز سۈپۈرۈلۈپ، سۇ سېپىلىدۇ. دوغاپ، جۇلاپ، ماروژنى ساتقۇچىلار، مۇز، قېتىق، سۈت، سۈزمە، قىيام، شېكەر سېتىۋالىدۇ ۋە شىرە ئۈستىگە ئون - يىگىرمە لېگەن شېشىلەردە قىيامنى تىزىپ، بىر يانغا قېتىق، ئوتتۇرىغا مۇز، يەنە بىر يانغا سۇ تۇڭىنى توختىتىپ تىجارەت باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ مۇز چوقۇش، مۇزغا قېتىق، سۈزمىلەرنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇشى ئۆزگىچە بولۇپ، قېتىق بىلەن مۇز تاۋاقتىن ئون - ئون بەش سانتىمېتر ئۆرلەپ كۆپۈك چىقىرىدۇ. ئاندىن ئازراق سوغۇق سۇ قۇيىدۇ. خالىغۇچىلارغا قىيام ئارىلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ خىل دوغاپ ئۆزگىچە تەمگە ئىگە بولۇپ، ئىچىشلىك بولىدۇ. جۇلاپنى چوقۇلغان مۇز ئۈستىگە قىيام قۇيۇپ ئازراق سۇ قۇيۇپ تەڭشەپ بېرىدۇ. دوغاپنىڭ يەنە بىر خىلى بولۇپ، <ساراڭ دوغ> دەپ ئاتىلىدۇ.، ئۇ قېتىق (سۈزمە) قا بىر - ئىككى قوشۇق قىيام قويۇپ،م مۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. تەمى چۈچۈمەل بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ.
چۈلە: چۈلە ساتقۇچىلار ھەر يىلى كۈزدە خۇۋەينە ئۆرۈكنى (بۇ خىل ئۆرۈك يوغان، گۆشلۈك ۋە تاتلىق، شىرنىلىك بولىدۇ) تاللىۋالىدۇ. ئەتىياز كىرىش بىلەن گۈلىنى سوغۇق سۇدا يۇيۇپ تازىلاپ، قايناق سۇغا چىلاپ ئىككى - ئۈچ سائەت قويۇپ قويىدۇ. گۈلە ئېسىلىپ توقىچاق شاپتۇلدەك بولىدۇ. ئۇنىڭغا شاپتۇق قېقى، چىلاندىن ئازراق سېلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا شاپتۇل قېقى، چىلاندىن ئازراق سېلىۋېتىدۇ. بۇنىڭدا تەمى تېخىمۇ ياخشى بولۇش بىلەن تەبىئىتى مۆتىدىللىشىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن ئۇسسۇغاندا بىر قانچە تال گۈلە بىلەن بىر تاۋاق سۈتنى شېكەر بىلەن قاينىتىپ مۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇپ سوۋۇتۇپ ئىچىدۇ. بەزىلەر مۇز سۈپىنى ئىچىدۇ. بازار كۈنلىرىدە چېلەككە مۇز سۈيى ئېلىپ قېتىق ئارىلاشتۇرۇپ كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، كۇرۇشكىدا كەملەپ ساتىدىغانلارمۇ بار.
ئۇيغۇرلار ماروژنىنى ھەر خىل ئېتىدۇ، ئۇلارنىڭ مىللىي ئۇستىلار ياسىغان ماروژنى ياساش سايمىنى بار. مىستىن ياسالغان تۇڭ ئىچىگە شېكەر بىلەن پىشۇرۇلغان سۈتنى قۇيىدۇ. تۇڭنىڭ سىرتقى تەرىپىگە تۇز ئارىلاشتۇرغان مۇز قاچىلاپ، تۇڭنىڭ ئايلاندۇرغۇچ رولىنى ئوڭ قول بىلەن ئايلاندۇرىدۇ. سول قولدىكى پالاق سۈت ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، تۇڭ ئايلىنىپ سىرتتىكى مۇزنىڭ سوغۇق تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ قىراۋ باغلايدۇ. ئۇيغۇرلار يەنە قايماق سالغان، تۇخۇم ئېقى، مەخسۇس تۇخۇم سېرىقى سالغان، ئاق ماي، سېرىق ماي ئارىلاشتۇرغان ماروژنىلارنى ياسايدۇ.
Posted: 2008-08-24 11:44 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ھۈنەرلىرىمىز


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070486(s) query 3, Time now is:10-23 02:55, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation