فىرئەۋن قەرۋىسى توغرىسدا....
پىرامىدانىڭ ئۆرۈلۈپ كەتمەسلىكىنىڭ سىرى
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قەدىمكى زاماندىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بەزىلىرى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ، بەزىلىرى غايىپ بولغان بولۇپ، پەقەت مىسىردىكى پىرامىدالارلا مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، بۇنىڭدىكى سىر نەدە ؟
بىز ئالدى بىلەن بىر تەجرىبە ئىشلەپ كۆرەيلى : بەلگىلىك مىقداردىكى گۈرۈچ، قۇم، شېغللارنى ئايرىم-ئايرىم يۇقىردىن تۆۋەنگە قارىتىپ ئاستا-ئاستا تۆككەندە ئۈچ دانە كۇنۇس شەكلىدە ئۇلارنىڭ ماسسىسى ئوخشاش بولمىسمۇ، لېكىن شەكلى ناھايتى ئوخشايدۇ.ئەگەر سىز ئۆلچەپ باقسىڭىز ئۇلارنىڭ چۇققا بۇلۇڭلىرى ئوخشاشلا52 گرادۇس بولىدۇ. بۇخىل تەبىئېي شەكىللەنگەن بۇلۇڭ ئەڭ مۇستەھكەم بولىدۇ . ئەجەبلىنەرلىكى پىرامىدانىڭ چوققا بۇلۇڭى دەل 51 گرادۇس 50 مىنۇت 9 سېكنۇت بولۇپ، بۇ ، ئۇنىڭ بۇ خىل <<تۇراقلىق بۇلۇڭ>> بويىچە ياسالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
قۇملۇقتا بوران ناھايتى كۈچلۈك چىقىدۇ. پىرامىدانىڭ ئۆزگىچە ياسىلىش شەكلى بولغانلىقى ئۈچۈن ، بوراننىڭ ۋەيران قىلىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرەلەيدۇ .. كىشلەرگە مەلۇمكى ، ماگىنىت كۈچ سىزىقلىرنىڭ ئېغىش ھەركىتى يەر يۈزىدىكى قۇرۇلۇشلانى ، ھەتتا ئېگىز تاغلارنىمۇ ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. لېكىن پىرامىدانىڭ ئۇچى ماگىنىت كۈچ سىزىقلىرىنىڭ مەركىزىدە بولغاچقا، ئۇ ماگىنىت كۈچ سىزىقلىرىنىڭ ھەركىتىگە ئەگىشىپ ھەركەت قىلىدۇ . شۇڭا ئۇ ئۇچرايدىغان تەۋرىنىش ئامپلىتۇدىسى ناھايتى ئاجىز بولۇپ، يەر تەۋرەشمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ .
52گرادۇسلۇق «بۇلۇڭ»، تۆت قىرلىق كۇنۇس <<شەكىل>> ۋە ماگىنىت كۈچ سىزىقلىرى بىلەن بىللە ھەركەتلىنىدىغان «ئورنى» پىرامىدانىڭ مۇقىم تۇرۇشىنىڭ تۈپ ئاساسىدۇر. لېكىن كىم بىزگە 4500يىللار ئىلگىرىكى قەدىمكى كىشىلەرنىڭ 52گىرادۇسنىڭ تۇراقلىق بۇلۇڭ ئىكەنلىكىنى ، تۆت قىرلىق كۇنۇس شەكلىنىڭ قۇملۇق بورىنىنى ئاجىزلاشتۇرالايدىغانلىقىنى قانداق بىلگەنلىكىنى ، يەنە غايەت زور پىرامىدانى ماگىنىت كۈچ سىزىقلىرىنىڭ مەركىزىگە قانداق قىلىپ قۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟
بۇ يەنىلا يىشىلمەس سىر بۇلۇپ كەلمەكتە ؟
مىسىر پىرامىدادىكى زەھەرلىك گازنىڭ سىرى
1988- يىلى 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سەھەردە قۇياش ئاستا_ ئاستا كۆتىرىلىپ ، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىنىڭ سىرتىدا ، قۇملۇق تۆپىلىكىدىكى پىرامىدالار بىلەن شىر گەۋدىلىك ئادەم باشلىق ھەيكەللەر ئالتۇن نۇرغا چۆمۇلگەن ئىدى .سائەت 9 بولغاندا ، ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قۇملۇق تۆپىسىگە يېغىلىشقا باشلىدى . نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر قاھىرە پىرامىداسىنىڭ يول ئېغىزىغا تىقىلىشىپ ، پىرامىدا ئىچىدىگى قافرانىڭ لەھەتىنى كۈرۈش ئۇچۇن كۇتۇپ تۇرىشاتتى . كىشىلەر تەرتىپلىك ھالدا نۆۋەت بىلەن قەۋرە يولىغا كىرەتتى . چۇشتىن بۇرۇن سائەت 11.30 دا ، ئىككى چوڭ ساياھەتچىلەر ئۆمىگى يول ئېغىزىدىن ئەمدىلا ئايرىلىشىغا ، توساتتىنلا كىشىلەرنىڭ خىيالىغىمۇ كىلىپ باقمىغان ۋەقە يۈز بىرىدۇ .لەھەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر بۇرۇنلىرىنى ئەتكەن ، ياشلىرىنى ئېقىتقان ۋە قاتتىق چىقىراشقان ھالدا ، بىر _ بىرىگە قارىماي قەۋرە يولى ئېغىزىغا قاراپ يۇگۇرشۇپ پۇتۈنلەي پاتىپاراق بۇلۇپ كىتىدۇ . يول ئېغىزىغا قېچىپ چىققان ساياھەتچىلەرگە ئەگىشىپ مۇنداق بىر قۇرقۇنۇشلۇق خەۋەر تارقىلىدۇ:" پادىشا قافرا دەرغەزەپكە كىلىپ ، ساياھەتچىلەرگە زەھەرلىك گاز پۇركىمەكتە ." بۇ خەۋەر خۇددى دەھشەتلىك چاقماق چېقىلغاندەك قۇملۇق تۆپىلىگىنى لەرزىگە كەلتۇرۋېتىدۇ.
قورقۇنۇچلۇق خەۋەر مىسىر دائىرىلىرىنى قاتتىق چۈچىتىۋىتىدۇ . قۇملۇق تۆپىلىكتىكى مۇھاپىزەتچى خادىملار ، قەدىمقى مەدىنى يادىكارلىقلار قوغدىغۇچى ۋە تەكشۇرگۇچى خادىملار دەرھال ئاتلىنىپ ، نەخ مەيدانغا يىتىپ كىلىدۇ . ئۇلار پىرامىدا يولى ئېغىزىدىكى ۋاختىدا قېچىپ چىقىشقا ئۇلگۈرەلمىگەن ساياھەتچىلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ ، قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ۋەزىيەتنى ناھايىتى تىزلا تىزگىنلىۋالىدۇ . لىكىن ،زەھەرلىك گاز پىرامىدا ئىچىدىكى لەھەتكە تولۇپ كەتكەن ھەمدە يول ئېغىزىغا ئۆزلىكسىز ئېتىلىپ چىقىپ تۇرغانلىقتىن ، يول ئېغىزىغا يېقىنلاشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ كۆزىگە شۇ ھامان ياش تولىۋىلىپ ، بېشى ئايلىنىپ كەتكەچكە ، لەھەت ئىچىدىكى زەھەرلىك گازنى تىزگىنلەشكە ئامال قىلالمايدۇ .
مىسىرنىڭ مەدىنى يادىكارلىقلارنى باشقۇرۇش مۇئەسسەسىنىڭ رەئىسى ، خىمىيە دوكتورى ئەھمەت چادرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ، خىمىيە تەجرىبىخانىسىدىكى خادىملارنى باشلاپ يىتىپ كىلىدۇ . مىسىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىگى خىمىيلىك قۇراللارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۇرۇش قىسمىنىڭ مۇتەخەسسلەر گۇرۇپپىسىمۇ ئۆلچەش _ تەجرىبە قىلىش ئەسۋاپلىرىنى ئېلىپ يېتىپ كىلىدۇ. ئۇلار زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش نىقاۋىنى كىيىپ ، يول ئېغىزىغا بېسىپ كىرىدۇ . لەھەتكە ئېلىپ بارىدىغان يولنىڭ ئۇزۇنلىغى 98 سانتىېمىتىر بۇلۇپ ، بۇ يولنىڭ يېرىمىنىڭ ئۇستى ئۇچۇق ئىدى . يول يۇزى ياغاچ پەلەمپەيلىك بۇلۇپ ،تاشقىرىدىن ئىچكىرسىگە قاراپ ماڭغانسىرى تۇۋەنلەپ باراتتى . يولنىڭ ئوتتۇرىسدا قىسقىغىنە تەكشى ئارلىق بار ئىدى . يولنىڭ ئاندىن كىيىنكى بۇلۇگى تەدرىجى يۇقىرىغا ئۆرلەپ باراتتى ، يولنىڭ ئوتتۇرسىدا قىسقىغىنا تەكشى ئارلىق بار ئىدى . يولنىڭ ئاندان كىيىنكى بۇلىگى تەدرىجى باراتتى ،يولنىڭ ئاخىرقى چېكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە پادىشا قافرانىڭ لەھەتى بار بۇلۇپ لەھەتنىڭ تىگىنىڭ يۈزى پىرامىدا سىرتىدىكى يەرنىڭ يۇزى بىلەن ئوخشاش ئىگىزلىكتە ئىدى ، ئۇلار لەھەت ئىچىگە كىرىپ ئەستايىدىل تەكشۇرۇشنى باشلىۋىتىدۇ . خىمىيە تەجرىبىخانىسىنىڭ خادىملىرى ئالدى بىلەن زەھەرلىك گاز ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ تەكشۇرۇشكە ئەۋەتىدۇ . خىمىيلىك قۇراللارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۇرۇش قىسمىنىڭ مۇتەخەسسلىرى ئەسۋاپ ئۇسكىنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ، زەھەرلىك گازنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ . ئۇلار زەھەرلىك گازنىڭ پادىشا قافرانىڭ لەھەتى ئاستىدىن چىقىۋاتقانلىغىنى ناھايىتى تىزلا تاپىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن ، مىسىر ھۆكۈمىتى كەسكىنلىك بىلەن دېزىنفېكىسيە قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ ، قافرا پىرىمىداسى لەھەتىنىڭ قەدىمى ئىزىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى قارارقىلدى . خىمىيە قۇرالىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۇرۇش قىسمى تىزلىك بىلەن ئەھەت ئىچىگە زور مىقداردىكى دېزىنفىكسىيە دورىسىنى چېچىپ ، زەھەرلىك گازنىڭ بۇلغىنىشىنى تۇگىتىدۇ .ساقچىلار ئەتراپتىكى رايۇنلارنى قاتتىق قامال قىلىپ ، ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەرگە يېقىنلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
دېزىنفىكسىيە قىلىش تەدبىرى كۇرۇلگەندىن كىيىن ، 4 -- ئاينىڭ 27 -- كۇنى يەنى قافرا پىرامىداسى لەھەتىدىن زەھەرلىك گاز چىقىرىپ 2 -- كۇنى ،زەھەرلىك گاز تىزگىنلىنىدۇ . زەھەرلىك گازنىڭ مىقدارى %50 كېمىيدۇ .4 - ئاينىڭ 18 -- كۇنى سەھەردە ، زەھەرلىك گازنىڭ مىقدارى 5% گە چۇشىدۇ. شۇ كۇنى چۇشتە زەھەرلىك گاز پۇتۇنلەي تۇگىتىلىدۇ .لەھەت ئىچى دىزىنفىكسىيە دورىسىنىڭ ھىدى بىلەن تولىدۇ .
قافرا پىرامىداسى ئىچىدىكى زەھەرلىك گاز مىسىر ۋە ھەرقايسى ئەللەرنى ھەيران قالدۇردى . چۇنكى مىسىرنىڭ 4 -- سولالىسىنىڭ پادىشاسى قافرا مىسىر بويىچە 2 --چوڭ پىرامىدانى بىنا قىلغۇزۇپلا قالماي ، بەلكى ھەممە يەرگە ئۆزىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلىگەن ئىدى .( بۇنىڭ ئىچىدە سىفىنكىس -- شىر گەۋدىلىك ئادەم باشلىق ھەيكىلىنىڭ ئۇستىنكى يېرىمى بىلەن ئۇنىڭ قاھىرە موزىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان يالتىراق ئۇزۇنچاق تاشتىن ياسالغان ھەيكىلى بار). شۇڭا ئۇنىڭ تەسىرىمۇ ناھايىتى چوڭ ئىدى .شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى ئەللەرنىڭ گىزىت _ ژورناللىرى كەينى _ كەينىدىن قافرا پىرامىداسىدىكى زەھەرلىك گازنى ئېلان قىلدى . بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەرخىل سۆز _ چۆچەكلەر چىقىشقا باشلىدى . بەزىلەر قەستەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇش ئۈچۇن ، پادىشا قافرانىڭ " جەسىدى تىرىلىپتۇ " ، ئۇنىڭ لەھەتى ئىچىگە كىرگەن ساياھەتچىلەرنى زەھەرلىك گاز بىلەن " جازالىغىدەك"__ دىسە، بەزىلەر : تېرورچىلار بۇ پىرامىدادىكى لەھەتنىڭ ئىچىگە زور مىقداردىكى زەھەرلىك گاز بىلەن پارتلىغۇچى بۇيۇملارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇدەك ، زەھەرلىك گاز چىقىپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇزۇنغا قالماي قاتتىق پارتلاش يۈز بىرىپ ، قافرا پىرامىداسىنى بۇزۇپ تۇپ _ تۇز قىلىۋەتكۇدەك ......دىگەنگە ئۇخشاش سۆز چۆچەكلەر تارقاتتى .
مىسىر دائىرلىرى بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىنىڭ كېڭىيىپ كىتىشنىڭ ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئازىيىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن ، دەرھال كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ ، زەھەرلىك گازنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلدى . مىسىرنىڭ قەدىمقى مەدىنى يادىكارلىقلارنى باشقۇرۇش مۇئەسسەسىدىكى ئالىملاردىن دوكتۇر ئەھمەد سالىھ ، دوكتور شەۋكى نەھەراتلار مىسىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىگى ئەۋەتكەن خىمىۋىيلىك قۇراللارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۇرۇش قىسىمىنىڭ مۇتەخەسلىرى بىلەن تەتقىقات __ مۇھاكىمىگە قاتناشتى . مىسىرنىڭ گىزا رايونىدىكى قەدىمقى مەدىنى يادىكارلىقلارنى باشقۇرۇش مۇئەسسەسىنىڭ رەئىسى ناتىف مۇھەممەت ھەسەننىڭ تۇنۇشچە ، قاھىرەنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى قۇملۇق تۆپىسىدە يەر يېرىلىش تۇز بەرگەن . قافىرا پىرامىداسىنىڭ لەھەتتىكى زەھەرلىك گاز ۋەقەسى تۆپىلىك ئاستىدىكى يەر ئاستى سۇيى تەركىبىدىكى زەھەرلىك گازلارنىڭ يەر يېرىقلىرى ئارقىلىق يەر يۇزى ئۇستىگە چىققانلىغىدىن كىلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن ئىكەن . چۇنكى يېقىندا ، مىسىردىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر تەتقىق قىلىپ بۇ پىرامىدا جايلاشقان قۇملۇق تۆپىلىك بىر يەر ئاستى كۆلىنىڭ ئۇستىگە ئۇرۇنلاشقان بۇلىشى مۇمكىن ، دەپ ھىساپلىغان . لىكن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل قاراشقا قوشۇلمىدى . ئۇلار : قارىغاندا ، زەھەرلىك گاز تەبىئى شەكىللەنمىگەن ، چۇنكى مىسىرنىڭ خىمىيلىك قۇراللارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۇرۇش قىسىمى دىزىنفىكسىيە دورىسىنى چېچېپ 72 سائەتتىن كىيىن زەھەرلىك گاز پۇتۇنلەي يوقالغان . ئەگەر تەبىئى شەكىللەنگەن تەبىئى گاز بولغان بولسا نىمىشقا ئۇنداق تىز يوقىلىپ كىتىدۇ .ھەم قايتا پەيدا بولمايدۇ، دىگەن سۇالنى ئوتتۇرىغا قويدى .
يەنە بەزى كىشىلەر: مەلۇم جىنايەتچى ياكى جىناتەتچىلەر گوروھى قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش ئۇچۇن، كۆزدىن ياش ئاققۇزىدىغان بىر قىسىم زەھەرلىك گاز قۇرۇلمىلىرىنى لەھەت ئىچىگە ئوغرىلىقچە قويۇپ قويغانلىغى سەۋەبىدىن زەھەرلىك گاز ۋەقەسى يۈز بەرگەن ، دەپ ھىساپلاشماقتا . يۇقىردا ئالىملار ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكىردە بايان قىلىنغىنىدەك ، بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىرلەر خىلمۇ _ خىل بۇلۇپ ، تىخى بىرلىككە كەلگىنى يوق . مىسىردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە خادىملار بۇ ۋەقەگە بولغان تەتقىقاتنى تىخىمۇ كۇچەيتمەكتە ، يىڭى كۆز قاراشلار يەنىلا داۋاملىق پەيدا بولماقتا . مىسرلىقلار شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىدۇكى ئۇزاققا قالماي بۇ سىر ئېچىلغۇسى .
ئىھرامنىڭ سىرى
مىسىردىكى پىرامىدالارنىڭ سانى چوڭ -كىچىك بولۇپ يەتمىش-سەكسەنگەيىتىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ پىرامىدا قاھىرەنىڭ جەنۇبىغاجايلاشقان گىزادىكى پىرامىدابولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىگىزلىكى140نەچچە مېتىربولۇپ،پۈتۈن پىرامىدا ئىككى مىليوندىن كۆپرەك يوغان تاش بىلەن قوپۇرۇلغان. بۇ تاشلانىڭ كۆپىنچىسى ئادەمنىڭ بويى بىلەن تەڭ بولۇپ،ھەربىر تاشنىڭ ئېغىرلىقى ئىككى توننا كېلىدۇ.كىشىلەرچوڭ پىرامىدانى سەيلە قىلغاندا، ئىختىيارسىزبۇپىرامىدا قانداق ياسالغاندۇ؟ بۇ تاشلارنى قانداق يۆتكەپ ئەكەلگەندۇ؟ دەپ ھەيران قېلىشىدۇ .بۇ ھەقتە بەزىكىشىلەرقەدىمقى مىسىرلىقلار ھايۋان ياكى غالتەكتىن پايدىلانغان بولۇشى مۇمكىن ،دەپ پەرەز قىلسا،يەنە بەزىكىشىلەربۇلارنىڭ ھەممىسى قانداقتۇر بىر ئىلاھى كۈچىنڭ قۇدرىتىدىن بولغان دىيىشكەن ئىدى . ئالىملارمۇ بۇ پىرامىدانى تەتىقىق قىلىپ ،ئۇنىڭ زادى قانداق ياسالغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر خۇلاسىگە كېلەلمىگەنلىكتىن بۇ بىر سىر تاكى ھازىرغىچە يېشىلمەي بىر سىرلىق پەردە ئاستىدا يۇشۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئىدى .
يېقىندا ئامىرىكا يەر شارى ئورگانىك ماددا تەتقىقاتى ئورنىدىكى ئالىم داۋېدوېس خېمىيلىك ئانالىز ئۇسۇلى ئارقىلىق پىرامىدادىكى تاشلارنىڭ سۈنئى تاش ئىكەنلىگىنى ئېنىقلىغان. ئۇنىڭ يېقىندا ئامىرىكا يەر شارى ئورگانىك ماددا تەتقىقاتى ئورنىدىكى ئالىم داۋېدوېس خېمىيلىك ئانالىز ئۇسۇلى ئارقىلىق پىرامىدادىكى تاشلارنىڭ سۈنئى تاش ئىكەنلىگىنى ئېنىقلىغان. ئۇنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، چوڭ پىرامىدادىكى تاشلار ھاك تېشى بىلەن سەدەپ تېشىنىڭ ئارىلاشمىسى بۇلۇپ سۇنئى ئۇسۇل بىلەن ئىنسانلار تەرىپىدىن قۇيۇلغان . ئۇ بۇگۇنكى كۇندىكى بىتون قۇيۇش ئۇسۇلىغا ئوخشىشىپ كىتىدىكەن . داۋېدوۋېسىنىڭ دەلىللىشىچە ، بۇ خىل ئارىلاشما ماددا ناھايىتى ياخشى قېتىش خۇسىسىيىتىگە ئىگە بۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۇنى باشقا تاشلاردىن پارىقلەندۇرىۋىلىشى ناھايىتى تەس ئىكەن . ئۇ يەنە ، ئۇ يەنە تاشلارنىڭ ئارىسىدىن بىر ئىنگىلىز سۇڭى كىلىدىغان بىر ئۇرۇم چاچنى تاپقان . ئۇ بۇچاچنى ئەينى چاغدىكى تاش قويغۇچىلارنىڭ تاش لېيىغا چۇشۇپ كەتكەن چېچى دەپ ھىساپلىغان . ئۇ يەنە: تاش قويمىلارنى كىشىلەر ئېغىرلىغى 20 --30 قاداق كېلىدىغان سىۋەت بىلەن تۇشىغان . شۇڭا، ئۇ چاغدىكى ئىش مەيدانىدا ئىشلىگۇچىلەر كىشىلەر پەرەز قىلغاندەك 50 مىڭ ئادەم بولماستىن ، بەلكى 1500 كىشى بولىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن . داۋېدوۋېسنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ، قەدىمى مىسىرلىقلار پىرامىدا ياساش جەيرانىدا 4 خىل قۇرۇلۇش ماتىرىيالى ئىشلەتكەن بۇلۇپ ، ئۇلار :سېغىز توپىدىن قۇرۇلغان خىش ، ھاك تېشى توپىسىدا ياسالغان خىش، سۇنئى تاش ۋە ياغاچ قېلىپتا قۇيۇلغان تاش لىمدىن ئىبارەت ئىكەن .
بەزى ئالىملارنىڭ ئارخىلوگيىلىك تەتقىقات نەتىجىسى ئىنسانلارنىڭ نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىلا تاش قويما ياساشنى بىلىدىغانلىغىنى ئىسپاتلىغان ، شۇڭا، داۋېدوۋېسىنىڭ يەكۈنى خېلىلا ئىشەنچىلىك دەپ قارىماقتا . يەنە بەزى ئالىملار بولسا ، قاھىرەنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان گىرانت تاش تاغلىرى بار تۇرسا ، قەدىمى مىسىرلىقلار نىمە ئۇچۇن ئۇلاردىن ۋاز كىچىپ بۇ خىل مۇرەككەپ مەسغۇلات ئۇسۇلى بىلەن ئىككى مىليوندىن ئارتۇق سۇنئى تاشنى قويۇپ چىقىدۇ ؟دەپ ئۇنىڭ يەكۇنىگە گۇمان قىلىشماقتا .
[ بۇ يازما burkut2005 تەرىپىدىن 2008-08-22 18:44 دە ]