ئۇيغۇر  مۇزېيى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئۇيغۇر  مۇزېيى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 10ـ كۆرۈرمىنى
sarsani

دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-08-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-08-21

 ئۇيغۇر  مۇزېيى


ئۇيغۇر  مۇزېيى

      قەد كۆتەرگەن ئەمەس، ئاسمانغا بوي تاقاشقان مەيخانا بىناسىدەك؛ بىزەلمىگەن قىزلار يالىڭاچ بەدەن ھوزۇرىنى ئاتا قىلىۋاتقان كەچلىك بەزمىخانىدەك.
    ئاددىيمۇ ئەمەس، يىغىپ ساقلىغۇچىنىڭ غېرىپ كۈلبىسىدەك؛ نامراتمۇ ئەمەس، قەرز بىلەن بىزەلگەن بولمىش ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ ئۆيىدەك...
ئۇندا سەلتەنەت ياتار ئەسىر چۈشىنى كۆرۈپ، ئەينەك ساندۇق ئىچىدە.
سۇسىرىغان ئەخلاق گۈلى ئۆز ئەسلىنى يوقاتمىغان چاڭ ئاستىدىمۇ.
ئىتىقاد، غۇرۇر ھەر بىر ئوقيا، قىلىچ بىسىدا داتلاشماي تۇرغان تامغا ئېسىلىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى تۇغىمىغا ئىنتىلىپ.
ئىختىرا، كەشپىياتلار ياتار ئۆز ئورنىدا، ئۆتۈشمە يول ئاستىدا يامغۇردىن پاناداپ ئۇخلاپ قالغان مۇساپىردەك.
قېتىپ قالغان ئۇندا ھىېسياتچان تارىخچىنىڭ كۆز يېشى قەھرىۋا بولۇپ. ئۇندىكى ھەرپلەر ئۆز تۇغۇمىنى ئىستەپ تولغاق يەر تىنماي...
مەست چىقىپ كەلدى، ئۆز مەكتىپىنىڭ ئارقا دەرۋازىسىدىن  4 جۇپ ئوغۇل- قىز. يولنىڭ قارشىسىغا ئۆتۈپ تۇرۇپ قالدى «مۇزىي» دېگەن ۋىۋىسكىنى كۆرۈپ دېدى بىرى:
-خاتالىشىپتۇق، بۇ كوچىغا بارايلى، بار ئۇ يەردە كۆڭۈلخۇش مەيخانىسى، يۈرۈڭلار،  بۇ يەردىن،  بىز كىپەن ئوغرىسى بولمىغاندىكىن.
-ئۇمۇ مۇزىيما؟ - دەپ سوراپ قالدى كىندىكى ئىچىلىپ قالغان قىز.
-ھەئە، ئۇ بۈگۈنكى بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇھەببەت مۇزىيى – دەپ جاۋاب بەردى،  گالىستۇك ئاسقان يىگىتمۇ بوش كەلمەي...
كەچكى سەيلىگە چىققان، دانىشمەنلىكىڭنى يوقاتقان ئەي چال،  ئازابلانما، رەنجىپمۇ يۈرمە، ھازىر بۇ مۇشۇنداق تۈگىمەيدىغان ناخشا.  بۇ ئۇيغۇر« پەيلاسۇپ»لىرىنىڭ «ئازاب – ئۆز رەڭگىنى يوقاتقان بەخت، 17-يول ئاپتۇبۇسىغا چىقساڭ ئاپىرىدۇ سېنى بەخت يولىغا...» دەپ توۋلىغىنىغا ئوخشاش.
Posted: 2008-08-21 18:52 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » نەسىرلەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.072721(s) query 3, Time now is:10-23 02:55, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation