دېڭىز قولتۇقى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : دېڭىز قولتۇقى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 433ـ كۆرۈرمىنى
tarim_boy

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 423
شۆھرىتى: 459 نومۇر
پۇلى: 997 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-19

 دېڭىز قولتۇقى


دېڭىز قولتۇقى دېڭىز بىلەن ئوكيانلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرگەن قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ تەرىپى قۇرۇقلۇققا تۇتىشىدۇ، بىر تەرىپى دېڭىزغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن كەڭلىكى دېڭىز - ئوكيانلاردىن كۆپ كىچىك بولىدۇ.
دېڭىز قولتۇقىنىڭ شەكىل - ھالىتى ھەر خىل، بەزىلىرى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، قۇرۇقلۇققا چوڭقۇر ئىچكىرىلەپ كىرگەن بولىدۇ؛ بەزىلىرى بىرقەدەر تۈز ۋە كەڭ بولىدۇ. بەزى دېڭىز قولتۇقىنىڭ ئەتراپى قۇرۇقلۇقلار ئارقىلىق مەھكەم ئورىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ پەقەت بىر كىچىك ئېغىز ئارقىلىق تاشقى دېڭىز بىلەن ئۆزئارا تۇتىشىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ شەندۇڭ يېرىم ئارىلىدىكى جاۋجۇ قولتۇقى؛ بەزىلىرى كەڭ ۋە تەكشى بولۇپ، دېڭىز بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كېتىدۇ، مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى بوخەي قولتۇقى، شەرقتىكى خاڭجۇ قولتۇقى ۋە نەنخەي دېڭىزىدىكى بېيبۇ قولتۇقى قاتارلىقلار.
ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردە، دېڭىز قولتۇقىنىڭ شەكىل - ھالىتى ۋە ئورنى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. خاڭجۇ قولتۇقىنى مىسال ئالساق،5000  −6000  يىللار ئىلگىرى ھازىرقى خاڭجۇ قولتۇقى جايلاشقان رايون يەنىلا بىپايان دېڭىز ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى دېڭىز قولتۇقىنىڭ ئورنى داۋاملىق تۈردە ھازىرقى خاڭجۇ شەھەر رايونىغا قاراپ ئىچكىرىلەپ كىرگەن. دېڭىز قولتۇقىنىڭ شىمالىدىكى يان تەرەپتە باۋشىشەن تېغى، گېلىڭ تېغى، جەنۇب تەرەپتە بولسا ۋۇشەن تېغى، زىياڭشەن تېغى قاتارلىقلار بار ئىدى، غەرب تەرەپ قاتار - قاتار كەتكەن جەنۇب ۋە شىمال چوققىلىرىدىن ئىبارەت ئىدى. ھازىرقى شىخۇ كۆلى بىلەن خاڭجۇ شەھىرى ئەينى ۋاقىتتا كۆپكۈك بىپايان دېڭىز سۈيى بىلەن قاپلانغانىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىككى يان تەرىپىدىكى لاي - لاتقىلار ئۈزلۈكسىز دۆۋىلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن، لاي - لاتقىلىق تىنمىلار داۋاملىق تۈردە شەرققە قاراپ سوزۇلۇپ، دېڭىز قولتۇقىنىڭ ئورنى تەدرىجىي ھالدا شەرققە قاراپ يۆتكىلىپ، ئەڭ ئاخىردا كانايغا ئوخشايدىغان دېڭىز قولتۇقى − خاڭجۇ قولتۇقى شەكىللەنگەن.
دېڭىز قولتۇقىنىڭ شەكىل - ھالىتى ھەر خىل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چوڭ - كىچىكلىك پەرقىمۇ ناھايىتى چوڭ. بەزى دېڭىز قولتۇقلىرىنىڭ كۆلىمى دېڭىزلاردىنمۇ چوڭ بولىدۇ، مەسىلەن، بېنگال قولتۇقى، مېكسىكا قولتۇقى قاتارلىقلار. دېڭىز قاتنىشى قاتارلىق ئەمەلىي پائالىيەتلەردە، كىشىلەر دائىم دېڭىز بىلەن دېڭىز قولتۇقىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. مەسىلەن، مېكسىكا قولتۇقى بولسا دېڭىز، ئەمما ئۇ قولتۇق دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئەرەب دېڭىزى بولسا قولتۇق، ئەمما ئۇ دېڭىز دەپ ئاتىلىدۇ.
كۆكلە تارىم
Posted: 2008-06-20 10:12 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » جۇغراپىيە


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070905(s) query 3, Time now is:10-23 02:48, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation