بالىياتقۇ ساغلام بولسا چىراي گۈزەللىشىدۇ BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : بالىياتقۇ ساغلام بولسا چىراي گۈزەللىشىدۇ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 684ـ كۆرۈرمىنى
بىلقۇت

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 30
يوللىغان تېما : 5920
شۆھرىتى: 6321 نومۇر
پۇلى: 12541 RMB
تۆھپە: 11 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 بالىياتقۇ ساغلام بولسا چىراي گۈزەللىشىدۇ



ئاياللار ئادەتتە تېرە ئاسراشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. لېكىن نۇرغۇن ئايال تېرە گۈزەللكىنىڭ بالىياتقۇ ساغلامىلقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئاياللار بالىياتقۇسىنى ئىسىق ۋە ساغلام تۇتۇشى كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسنىڭ مۇدىر ۋىراچى دىڭ گيفيڭ مۇنداق دېدى:ئادەتتە بالىياتقۇدا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر، مەسىلەن، ھامىلە چۈشۈپ كېتىش، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش قاتارلقىلار بالىياتقۇنى ئېغىر زەخمىلەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىچكى ئاجراتمىسى نورمالسىزلىشىشتىن  بالىياتقۇدىكى پاتولوگيلىك ئۆزگىرىش، ھەيىز نورمالىسز بولۇش، بالىياتقۇدىن قان كېلىش، بالىياتقۇ ئۆسمىسى، بالىياتقۇراكى، بالىياتقۇ بوينى راكى، تۇخۇمدان ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئاياللار ياش ۋاقتىدىن باشلاپ قېرىغىچە بالىياتقۇسىنى ئاسىرشى كېرەك. تۇنجى قېتىم ھەيز كەلگەنلىك بالىياتقۇنىڭ ئاساسي جەھەتتىن يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا قىزلار ياشلىق مەزگىلىدە بەدەن چېنقتۇرۇشى، مۇۋاپىق غىزالىنشى، قارىغۇلارچە ئۆزىنى تاماقتىن قىسماسلىقى، تۇرمۇشى تەرتىپلىك بولۇشى، تازىلىققا راىئايە قىلىشى كېرەك.
توي قىلغان ئاياللار ئۆزىنى پاكىز تۇتۇشى، تەكرار ھامىلە چۈشۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بولمىسا بالىياتقۇ يۇقۇملانغان ۋە زەخملەنگەندىن باشقا، كەلگۈسىدىكى ھامىلگە زىيان يېتىدۇ.
بالىلىق بولغان ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بالىياتقۇنىڭ يۈكىمۇ ئېغىرلايدۇ.شۇڭا تۇغۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك. بەزى ئاياللار خىزمەتكە بەكلا بېرىلىپ كېتىپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى دەم ئېلىشقا دىققەت قىلمايدۇ.بۇنىڭ بىلەن قورساق بېسىمغا ئۇچراپ، بالىياتقۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ بالىياتقۇ ئۈچۈن ئېغىر زەخىم ھېسابلىندۇ.
ھەيىز توختىغاندا، بالىياتقۇ ئالاھىدە بۇرچىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولىدۇ.لېكىن چوڭ ياشتىكى ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش ئەھۋالى كۆپىيۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياشانغان ئاياللار مۇۋاپىق چېنىقىپ تۇرۇشى، سىرتلاردا كۆپىرەك پائالىيەت قىلىشى، مۇۋاپىق غىزالىنشى، سەمىرىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
Posted: 2008-05-10 12:16 | [ئاپتور]
nawruzguli

دەرىجىسى : مىڭ بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 259
شۆھرىتى: 260 نومۇر
پۇلى: 1655 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-07-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-22

 


پايدىلىنىش ئەھمىيىتى چوڭ تېمىكەن. ھازىر ئاياللارنىڭ يۇقارقى كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ.
 
Posted: 2008-07-25 17:34 | 1 -قەۋەت
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 


بىلقۇت مۇنبىرى ئەمدى بىلقۇت دوختۇرخانىسىغا ئۆزگەرگىلى تۇردىغۇ؟!!!        
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-07-26 08:46 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » خانىم - قىزلار ساغلاملىقى


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.072736(s) query 4, Time now is:10-23 02:32, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation