ياقىلىق ئىشچىلار BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ياقىلىق ئىشچىلار تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 545ـ كۆرۈرمىنى
Bilqut_K

دەرىجىسى : كۇلۇب شاھى


نادىر يازمىلار : 77
يوللىغان تېما : 2683
شۆھرىتى: 2843 نومۇر
پۇلى: 924 RMB
تۆھپە: 21 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ياقىلىق ئىشچىلار


غەرب دۆلەتلىرىدە، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ھەر خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى كىيىمىنىڭ رەڭگىگە قاراپ ئىسىم قويىدىغان ئادەت بار. ئەنئەنە بويىچە، ئۇلار «كۆك ياقىلىق ئىشچىلار» ۋە «ئاق ياقىلىق ئىشچىلار» دەپ ئايرىلىدۇ.
«كۆك ياقىلىق ئىشچىلار» ئادەتتە جىسمانىي ئەمگەكنى ئاساس قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ماشىنا مەشغۇلاتى، رېمونتچىلىق، يۈك توشۇش، قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچىلار. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئورنى بىرقەدەر تۆۋەن، خىزمەت شارائىتى بىرقەدەر ناچار بولۇپ، ئەمگەك قىلغاندا ھەمىشە كۆك رەڭلىك كىيىم كىيىدۇ.
«ئاق ياقىلىق ئىشچىلار» «كۆك ياقىلىق ئىشچىلار» غا قارشى مەنىدە ئېيتىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئەقلىي ئەمگەكنى ئاساس قىلىدىغان ياللانما خادىملار، مەسىلەن، تېخنىكا خادىملىرى، تېببىي خادىم، باشقۇرغۇچى خادىملار ھەمدە مۇرەككەپ تېخنىكا ئەسۋابلىرى، كۇنۇپكا، سانلىق مەلۇمات مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ۋە خىزمەت شارائىتى ياخشى بولۇپ، خىزمەت ۋاقتىدا رەتلىك، پاكىز كىيىنگەچكە، «ئاق ياقىلىق ئىشچىلار» دەپ ئاتىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى يەنە يېڭىدىن «ياقىلىق ئىشچىلار» بارلىققا كەلدى. «ھال رەڭ ياقىلىق ئىشچىلار» نىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئاياللار كەسپى بويىچە خىزمەت قىلىدىغانلار، مەسىلەن، پرىكازچىك، ئوقۇتقۇچى ۋە كاتىپ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. «كۈل رەڭ ياقىلىق ئىشچىلار» رېمونت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچىلارنى، مەسىلەن، ماشىنا رېمونتچىسى، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى رېمونتچىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. «زەر ياقىلىق ئىشچىلار» ئۇچۇر دەۋرىدە بىلىمگە تايىنىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئىشچىلارنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ئىنژېنېر، ئادۋوكات، ھەر خىل تىپتىكى ئوبزورچى ۋە خام چوتچى، مۇھەررىر، پروگرامما مۇھەررىرى ۋە پىلان تۈزگۈچى خادىم قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «پولات ياقىلىق ئىشچىلار»، يەنى سىرچىلىق، كانچىلىق، مېتاللۇرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئىشچىلارنىڭ ئورنىدا ئەمگەك قىلىدىغان ماشىنا ئادەملەر.
Posted: 2008-04-30 14:04 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » دېپلوماتىيە


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070288(s) query 3, Time now is:10-23 02:31, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation