قۇندۇز بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 قۇندۇز


قۇندۇز ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىگە تارقالغان بولۇپ، ئېلىمىزدە قۇندۇز پەقەت شىنجاڭغىلا، يەنى بۇرچىن، چىڭگىل ناھىيىسى ۋە ئۇلۇنگۇر دەرياسى بويلىرىغا تارقالغان.
تېبابەتتە قۇندۇزنىڭ ئاساسەن قۇندۇز قەھرى )水獭丸(كومىلىچى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ دورا قۇندۇزنىڭ ئانۇس تۆشۈكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بىر جۈپ بەزدىن ئاجرىلىپ چىقىدۇ. بۇ يەنە قۇندۇز ئىپار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنى قۇندۇزنى ئۆلتۈرۈپ، پۇراقلىق خالتىسىنى ئېلىپ، خالتا سىرتىنى ئىسپىرت بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىپ، سايىدە قۇرۇتۇپ ئالىدۇ.
تەبىئىتى:ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى:قۇندۇز قەھرى نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، سپازما بوشىتىش، يەل تارقىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قىزىتىش، يۇمشىتىش، پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھەيز ۋە سۈيدۈكنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:قۇندۇز قەھرىنى بابۇنە يېغىدا ئېرىتىپ قۇلاقنى ياغلىسا، قۇلاق كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇندۇز قەھرىنى مۇناسىپ مايلار بىلەن ئېرىتىپ سىرتتىن چېپىپ بەرسە، بەدەندىكى ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ.
قۇندۇز قەھرىنى بىھوش كىشىنىڭ بۇرنىغا پۇراتسا، ھەر خىل سەۋەبتىن بولغان ھوشسىزلىق، قاتتىق ئۇخلاپ كېتشلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇندۇز قەھرى، پەرپىيۇن، قارىمۇچ، زەنجىۋىل، سىيادانلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ، تاسقاپ، چاچنى چۈشۈرۈۋېتىپ باشقا قويسا، ھەر خىل سەۋەبتىن بولغان ھوشسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇندۇز قەھرى بىلەن قارىمۇچنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ، تالقان قىلىپ بۇرۇنغا تارتسا ياكى قۇندۇز قەھرىنى گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ باشقا چاپسا، تۇتقاقلىق كېسەللىكىگە داۋا بولىدۇ.
قۇندۇز قەھرى، زەيتۇن يېغى، ئاقىر قەرھالارنى تەڭ مېىقداردا ئېلىپ، ئاقىر قەرھانى سوقۇپ، تاسقاپ، ئۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئەزالارنىڭ تىترىشىنى توختىتىدۇ.
قۇندۇز قەھرىگە سوزاپ مېيى ياكى ئىنەك پىتى مېيى ئارىلاشتۇرۇپ قۇلاقنى ياغلىسا، قۇلاق ئاغرىشقا داۋا بولىدۇ.
قۇندۇز قەھرىنى يۇمشاق سوقۇپ بۇرۇنغا تارتسا، بۇرۇننىڭ پۇراش سېزىمىنى ياخشىلايدۇ.
قۇندۇز قەھرى، زەنجىۋىل، ياۋا سەۋزە ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، زىرە، رۇمبەدىيان، پىننە، ياۋا پىيازلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تالقان تەييارلاپ، ئۇنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا، ئاشقازاننىڭ سوۋۇپ كېتىشى، ھېق تۇتۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇندۇز قەھرى بىلەن قۇستە يېغى، پەرپىيۈن يېغىنى بەرسە، پالەچلەنگەن سوڭغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇندۇز قەھرىگە قۇستە مېيىنى ئارىلاشتۇرۇپ، بەل )بۆرەك( ساھەسىگە چېپىپ بەرسە، قان سىيىش كېسەللىكىگە، بۆرەكنىڭ سوۋۇپ كېتىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇندۇز قەھرىنى سامساق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، ھاشارات زەھىرىنى قايتۇرىدۇ.
قۇندۇز قەھرى، زەپەر، تۇخۇم ئېقى، سېمىز ئوتنىڭ سۈيى، ئىسپەغۇل، مارجان، شۈخلا سۈيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، بۇ دورىلارنىڭ سوقۇشقا تېگىشلىكلىرىنى سوقۇپ، تاسقاپ، باشقا دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، سىرتىدىن چېپىپ بەرسە، كۆز، قاپاق گىرۋەكلىرى ياللۇغىغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
قۇندۇز قەھرىنى مۇناسىپ مايلار بىلەن ئېرىتىپ مەلھەم دورا تەييارلاپ سىرتتىن چېپىپ بەرسە، قىزىلئۆڭگەچ ۋە كېكىردەكنىڭ قېتىپ قېلىش كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە رۇمبەدىيان، سۇمبۇل، كۇندۇر، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، مەستىكىلەرنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ ئىلەشتۈرۈپ، قاينىتىپ، تىلىپنى سۈزۈپ، سۈيى ئىلمان ھالەتكە كەلگەندە ئاز - ئازدىن ئىچىپ بەرسە، ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
قۇندۇز قەھرى، مۇرمەككى، ئەپيۈن، زەپەر، قۇستە، قەرەدمانا، كۆكنار، غاپەس، تاغ تېكىسىنىڭ مۈڭگۈزى، بۆرە جىگىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرام، ھەسەلدىن دورىلار مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر ئېلىپ، بۇ دورىلارنىڭ سوقۇشقا تېگىشلىكلىرىنى سوقۇپ، قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلاپ، ئالتە ئاي تۇرغۇزۇپ، بۇنى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى گرامدىن يەپ بەرسە، جىگەر ئاجىزلىقى، جىگەر قېتىشىش، ۋە ھەر خىل جىگەر كېسەللىكلىرى، تال، ئاشقازان كېسەللىكلىرى، كونا يۆتەل، قان قۇسۇش، بۆرەك، دوۋساق كېسەللىكلىرى، دەم سىقىلىشلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ، بوۋاسىرنى داۋالايدۇ، پۈتۈن بەدەندىكى يەللەرنى ھەيدەيدۇ.
قۇندۇز قەھرى، شەھمەنزەل، قارىمۇچ، ئۈستىقۇددۇسلارنىڭ ھەر بىرىدىن توققۇز گرام، كۇندۇشتىن 24 گرام ئېلىپ، ئۇلارنى سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بۇرۇنغا تارتسا ياكى ئىچىپ بەرسە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
قۇندۇز قەھرى، ئىپار، كۇندۇش، سىيادان، پەرپىيۇن، قارىمۇچ، يۇمىلاق زىراۋەندى، ھەببى بېلسان ئاقىرقەرھا، توغرىغىلارنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئارىلاشتۇرۇپ، بۇرۇنغا تارتسا، پالەچ، لەقۋالارنى داۋالايدۇ، مېڭىنى تازىلايدۇ، مۇسكۇللارنىڭ بوشىشىپ كېتىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇندۇز قەھرىدىن 15 گرام، ئاقىر قەرھا، سىيادان، قۇستە، پىلپىل، قارىمۇچ، ئىگىرلەرنىڭ ھەر بىرىدىن ئالتە گرام، ھىڭ، يۇمىلاق زىراۋەندى، ھەببۇلغار، قىچا، شەترەنجى ھىندىلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرام، بالادوردىن 14 گرام، ھەسەلدىن دورىلار مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر ئېلىپ، بۇ دورىلارنىڭ سوقۇشقا تېگىشلىكلىرىنى سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان قىلىپ، ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىپ، ئالتە ئاي تۇرغۇزۇپ، كۈندە بىر قېتىم، ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلسا، پالەچ، لەقۋا، يۈز نېرۋا پالىچى، تۇتقاقلىق، ئۇنۇتقاقلىق كېسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ، تاماق سىڭدۈرىدۇ، ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدۇ.
قۇندۇز قەھرى، مەسائىلە، جاۋشىر، مۇرمەككى، قۇستىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا، ئىپار، ئەنبەرلەردىن بىر ھەسسىسىگە باراۋەر ئېلىپ، قائىدە بويىچە پاراشوك تەييارلاپ، ھاراق بىلەن يۇغۇرۇپ، جىنسىي يولغا كىرگۈزۈپ بەرسە، ھامىلىدار بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
قۇندۇز قەھرىدىن 12 گرام، پىلپىل، قارىمۇچ، قارا ھېلىلە، سېرىق ھېلىلە، ئامىلىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرام، بالادور، بىدەڭگى كابىلى، شېكەر، ھەببۇلغارلارنىڭ ھەر بىرىدىن 36 گرام، سەئدى كۇفىدىن 60 گرام ئېلىپ، تالقان قىلىنىدىغان دورىلارنى قائىدە بويىچە تالقان قىلىپ، بالادور يېغىنى ھەسەل بىلەن قاينىتىپ، ئۈستىدىن دورىلارنى سېلىپ مەجۈن تەييارلاپ، ئالتە ئاي تۇرغۇزۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلسا، ئاشقازاندىكى كونا - يېڭى يەللەرنى يوقىتىدۇ، تۇتقاقلىق كېسەللىكىنى تۈگىتىدۇ، رەڭگىروينى چىرايلىق قىلىدۇ، زېھنىنى ئۆتكۈر قىلىدۇ، تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ دورىنى ئىستېمال قىلىۋاتقاندا، جىنسىي ئالاقە، غەم - ئەندىشە قىلىشتىن، ھاراق - شاراب ئىچىشتىن پەرھىز قىلىنىدۇ، تۇزسىز شورپا ئىچىپ بېرىلىدۇ.
قۇندۇز قەھرى، ئاقىرقەرھا، شەترەنجى ھىندى، بىزورۇلبەنجىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن توققۇز گرام، سەكبىنەج، شەھمەنزەنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرام، سەبرەدىن 15 گرام ئېلىپ، ئۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇدا يۇغۇرۇپ كۇمىلاچ قىلىپ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، ئۈچ گرامدىن يەپ بەرسە، باش، قول، پۇتلار تىترەش كېسەللىكىگە شىپا بولىدۇ.
قۇندۇز قەھرى، مەسائىلە، ئاسارۇن، ئەپيۇنلەرنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، كۇمىلاچ تەييارلاپ، ئۇنى شۈمۈپ بەرسە، كونا يۆتەلنى توختىتىدۇ.
قۇندۇز قەھرىدىن بىر يېرىم گرام، مەسائىلە، مارجان، زەپەر، مىڭ دىۋانىنىڭ ھەر بىرىدىن ئۈچ گرام، ئەپيۇندىن ئىككى گرام ئېلىپ، دورىلارنى قائىدە بويىچە سوقۇپ، تاسقاپ، كۇمىلاچ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى گرامدىن ئىستېمال قىلسا، قوسۇش ۋ قۇسۇش بىلەن بىرگە كەلگەن قۇلۇنجىغا شىپا بولىدۇ.
قۇندۇز قەھرى، ئىپار، پىلپىل، زەنجىۋىللەرنىڭ ھەر بىرىدىن ئىككى گرام، ئۆشنە، سازەنجى ھىندى، قەلەمپۇر، قاقىلە، سۇمبۇل، قىزىل بەھمەن، ئاق بەھمەنلەرنىڭ ھەر بىرىدىن بەش گرام، مەرۋايىت، كەھرىۋا، مارجان، قىرقىلغان پىلە، زورەمبات، دۇرۇنەج ئەقرەبىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن ئۈچ گرام، ھەسەلدىن دورىلار مىقدارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر ئېلىپ، بۇ دورىلارنىڭ سوقۇشقا تېگىشلىكلىرىنى قائىدە بويىچە سوقۇپ، تاسقاپ ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ، 40 كۈن تۇرغۇزغاندىن كېيىن كۈندە ئۈچ ۋاخ ئۈچ گرامدىن يەپ بەرسە، يۈرەك ئاجىزلىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، يۈرەك تىترەش، تۇتقاقلىق، پالەچ، لەقۋا )يۈز نېرۋا پالىچى(، دەم سىقىلىشلارنى داۋالايدۇ. ھامىلدار ئاياللاردىكى ئارتۇق يەللەرنى يوقىتىدۇ، رەڭگىروينى چىرايلىق قىلىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە بۇ دورا داۋائىلمىشكى ھۇلۇۋ نامى بىلەن ئىشلىتىلىدۇ.
قۇندۇز قەھرىدىن بەش گرام، سۇمبۇل، ئىپار، سازەنجى ھىندى، مۇرمەككىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن ئالتە گرام، ئەپىسەنتىن، سەبرىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 24 گرام، ھەسەلدىن دورا مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر ئېلىپ، دورىلارنى قائىدە بويىچە سوقۇپ، تاسقاپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ گرامدىن يەپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان يۈرەك تىترەش، گال ئىششىقىغا شىپا بولىدۇ، ئاشقازاندىكى كېرەكسىز ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتىدۇ، ئاشقازان، ئۈچەيدىكى يەللەرنى يوقىتىدۇ. تېبابەتتە بۇ دورا داۋائىلمىشكى مور نامى بىلەن ئىشلىتىلىدۇ.
قۇندۇز قەھرىدىن 15 گرام، قۇستىدىن 30 گرام، كۈندۇشتىن 120 گرام، تاغ پىننىسىدىن 36 گرام، ئاقىرقەرھادىن 21 گرام، ئۈزۈمدىن توققۇز گرام ئېلىپ، ئۇلارنى بىر كىلوگرام ئەتراپىدىكى كونا شاراب بىلەن قاينىتىپ، سۈيىنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغاندا، ئۇنىڭغا 150 گرام كۈنجۈت يېغى قوشۇپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ، شاراب قىسمى پارغا ئايلىنىپ، ماي قىسىمى قالغاندا قاينىتىشنى توختىتىپ، تەييار بولغان مايدىن ئالتە گرامغا ئالتە گرام پەرپىيۇن قوشۇپ سىرتتىن ياغلىسا، پالەچ، لەقۋا، بەدەن بوشىشىپ كېتىشلەرگە داۋا بولىدۇ.
قۇندۇز قەھرى، كۇندۇر، زەپەر، ئاق خەربەقلارنىڭ ھەر بىرىدىن توققۇز گرام، گىلى ئەرمىنى، توغرىغا، ھارافلارنىڭ ھەر بىرىدىن ئالتە گرام ئېلىپ، بۇ دورىلارنى ھاراقتا ئېرىتىپ، سۈزۈپ قۇلاقنى ياغلىسا ئاڭلاش سېزىمى ناچارلىشىش، گاشلىق ۋە قۇلاقنىڭ غوڭۇلدىشىغا شىپا بولىدۇ.
قۇندۇز قەھرى، ئەپيۈن مەسائىلە، بەزرۇلبەنجى، زەپەر، مۇرمەككى، ئاسارۇن، كەرەپشە ئۇرۇقى، دارچىن، رۇمبەدىيان، سۇمبۇل، گىل ئەرمىنى، ئانار گۈلى قاتارلىقلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر ئېلىپ، قائىدە بويىچە بۇ دورىلارنى مەجۈن تەييارلاپ، بېھى سۈيى بىلەن ئىككى گرامدىن يەپ بەرسە، بەلغەمدىن بولغان ئىسھال ۋە قان - يىرىڭلىق ئىچ سۈرۈشكە داۋا بولىدۇ. تېبابەتتە بۇ دورا مەجۈنى ئىختىلاپ نامى بىلەن ئىشلىتىلىدۇ.
قۇندۇز قەھرى، جۇۋىنە، ئارپىبەدىيان، رۇمبەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئەنجىدان، سېرىق چېچەك ئۇرۇقى، زىراۋەندى، ئاسارۇن، مەستىكى، ياۋا زىرە، ئىزخىرلارنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا، ھەسەلدىن دورىلار مىقدارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر ئېلىپ، بۇ دورىلارنى قائىدە بويىچە مەلھەم تەييارلاپ، ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن يەپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقى، جىگەر، تال كېسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ.
قۇندۇز قەھرى، سەكبىنەج، كەرەپشە ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرام، سوقمۇنىيادىن 10 گرام، ھەسەلدىن دورىلار مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر ئېلىپ، سوقمۇنىيانى بادام يېغىدا سۈزۈپ، سەكبىنەجنى ھەسەل بىلەن ئېرىتىپ، باشقا دورىلارنى قائىدە بويىچە مەلھەم قىلىپ، ھەممىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە توققۇز گرامدىن ئىستېمال قىلسا قۇلۇنجىنى داۋالايدۇ.
قۇندۇز قەھرى، چۈچۈكبۇيا قىيامى، سەلىخە، ئاچچىق قۇستە، قارىمۇچ، ئەپيۈن، مەسائىلە، زەپەر، سۇمبۇللارنىڭ ھەر بىرىدىن توققۇز گرام، جاۋشىردىن ئۈچ گرام، دۇرۇنەج ئەرەبى، مەرۋايىت، زۇرەمباتلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرام، ئىپاردىن بىر گرام، ھەسەلدىن دورىلار مىقدارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلاپ، ھەر قېتىم ئىككى گرامدىن ئىستېمال قىلسا، تۇتقاقلىق، پالەچ، سوغۇقتىن بولغان خاپىغان، سوغۇقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقى، ئاشقازان كۆپۈشلەرگە داۋا بولىدۇ.
قۇندۇز قەھرى، قارىمۇچ، ئاقىرقەرھا، زەنجىۋىل، توغرىغا، نۆشۈدۈر، گىل ئەرمىنى، سەبرە، دارچىن، ئىپار، ئاق خەربەق، رەيھانلارنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ، تاسقاپ بۇرۇنغا پۈركۈپ چۈشكۈرتۈلسە، پالەچنى داۋالايدۇ.
قۇندۇز قەھرى، قۇشئوت، رەيھانلارنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، تالقان قىلىپ، بۇرۇنغا مۇۋاپىق پۈركۈپ بەرسە، مۈگدەش، خۇدىنى يوقىتىش كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.
قۇندۇز قەھرى، كۈندۇش، ئاق خەربەق، قىزىل قىچا، ئۇزۇنچاق زىراۋەندىلەردىن تەڭ مىقدادا ئېلىپ، يۇمشاق تالقان قىلىپ بۇرۇنغا پۈكۈپ بەرسە، چۈشكۈرۈتۇپ مېڭىنىڭ توسالغۇسىنى ئاچىدۇ.
قۇندۇز قەھرى، ھىڭلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا، ئىسكەنجىۋىل، ھەسەللەردىن دورىلار مىقدارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر ئېلىپ، دورىلارنى ئىسكەنجىۋىل بىلەن ئېرىتىپ، تەييارلانغان بۇ دورىنى تۇتقاقلىق كېسىلى تۇتقاندا كېسەلنىڭ ئاغزىغا تېمىتىپ بەرسە ھوشىغا كېلىدۇ.
قۇندۇز جىگىرىدىن بىر دانە ئېلىپ، قاينىتىپ، تەم تەڭشىگۈچلەر بىلەن تەڭشەپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلىسا، كونىرىغان بوۋاسىر ۋە تۆۋەنكى ئەزالار قاناشقا شىپا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە قۇندۇز قەھرىنى قوشۇپ رەۋغىنى كۇندۇر، ئايارەج جالىنۇس، ئايارەج لوخانزىيا، ھەببى ئەپتىمۇن، ھەببى پالەچ، ھەببى مۇسكىر، مەجۈنى زۇپائى كەبىر، قاتارلىق مۇرەككەپ دورا نۇسخىلىرى ياسىلىدۇ
Posted: 2008-02-24 19:01 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ھايۋاناتلار

Total 0.058095(s) query 3, Time now is:03-17 17:45, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation