ماقال- تەمسىللەر بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 ماقال- تەمسىللەر

بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس،
تىرىشماسلىق ئەيىب.

بىلىم ئالمىغان ياش،
كېرەكسىز بىر تاش.

بىلىم ئەقىلنىڭ چىرىغى.

بىلىمسىز ئادەم — مېۋىسىز دەرەخ.

بىلىملىكنىڭ باھاسى يوق،
بىلىمسىزنىڭ ساپاسى يوق.

بىلىم ئۆگەنسە كىشى،
كۆككە يېتۇر بېشى.

جانلىق نادان ئۆلۈك،
جانسىز ئالىم تىرىك.

سورا - سورا بىلىم ئاپتۇ،
ئويلا - ئويلا كېيىن قاپتۇ.

قىلىچنىڭ كۈچىدىن،
قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق.

بىلىمنى ئوغرى ئالماس.

مالسىزلىقتىن ئاڭسىزلىق يامان.

مۇشەققەتسىز ھۈنەر بولماس.

بىلىمسىزگە بېرىلگەن مەنسەپ،
كىچىك بالىغا تۇتقۇزۇلغان ئۇستىرا.

ياشلىقىڭدا بىلىم ئال،
قېرىغاندا ئىشقا سال.

بىلىملىك ئوقۇر،
بىلىمسىز توقۇر.

بىلىمى يوق كىشىنىڭ،
بەرىكىتى يوق ئىشىنىڭ.

بىلىملىكنىڭ گېپى روشەن.

ئىككى ئاقىل ئاراسىدا قىل ئۈزۈلمەس،
تۆمۈر زەنجىرنى ئۈزگەي ئىككى بىلمەس.

ئەقىل كۆرمە، كۆز كۆرمەس.

خىيال كېچىدە ئېچىلار،
گۈل سەھەردە.

بىكار گەپتىن جىگدە ياخشى،
ئارپا ناندىن گىردە.

بىلىملىكنىڭ چارىسى كۆپ،
بىلىمسىزنىڭ باھانىسى كۆپ.

بىلىمسىز باش، گەۋدىگە يۈك.

بىلىمدىن ئارتۇق بايلىق يوق.

بىلىملىككە ئامەت كۆپ،
بىلىمسىزگە ئاپەت كۆپ.

دۆلەت تۈگەر، بىلىم تۈگىمەس.

رەھىم بىلەن يۈتەر،
زۇلۇم بىلەن پۈتەر.

سورىغاندا ئەيىب يوق.

قاپاقتەك كاللىدا،
تېرىقتەك مېڭە بولسۇن.

پۇلۇڭا ئىشەنگۈچە،
ئەقلىڭگە ئىشەن.

يەر تېرىساڭ رەت بىلەن،
موللا بولساڭ خەت بىلەن.

مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخى تۆۋەن،
بىلىملىك كىشىنىڭ يۈزى.

موللا ئىسارى، قەلەم بىچارى.

موللا خۇدا بەردى قۇيما دىۋەڭ.
قۇيماق يېسىڭىز كىشىگە دېمەڭ.

نادانغا ئات بەرسە، مىنىپ ئۆلتۈرەر.

بىلىملىك ئەل غېمىدە، نادان ئەجەل غېمىدە.

بىلىملىك ئىشىغا ئىشىنىدۇ، نادان چۈشىگە ئىشىنىدۇ.

ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك، پەن — بىلىم ئالتۇن كۆشۈك.

ئەمگىكى ئازنىڭ ھۈنىرى ئاز، تىرىشمىغاننىڭ بىلىمى ئاز.

بىلىم تاپماي ماختانما.

ئىشنىڭ يامىنى يوق، بىلىمنىڭ ئېغىرى يوق.

ئەقىل ئازمايدۇ، بىلىم توزىمايدۇ.

ئۆزۈڭ بىلمىگەننى كىشىدىن سورا، كىشى بىلمىسە كىچىكتىن سورا.

ئۆزى بىلمىگەننىڭ ئاغزىغا قارىما.

كۈچۈڭگە ئىشەنمەي، بىلىمىڭگە ئىشەن.

بىلىملىك باتۇر، بىلىمسىز تارتىنچاق.
بىلىمسىزگە پۇشايمان ھەمراھ.

چوڭ بىلەنمۇ، كىچىك بىلەنمۇ كېڭەش، ئاخىرى ئۆز ئەقلىڭ بىلەن يەش.

بىلىمى ئازنىڭ ئاچچىقى يامان.

ئىككى بالىنىڭ ئارىسىدىكى بوۋاي بالا بولىدۇ.
ئىككى بوۋاي ئارىسىدىكى بالا دەنا بولىدۇ.

بىلىمسىز ئەر كۈلگە ئوخشايدۇ.

بىلىملىك كىشى ئۇزار، بىلىمسىز كىشى توزار.

كۆچەت سالساڭ پۇتاپ تۇر، تۈز لىم ئالىسەن. 
پۇرسەت تېپىپ كىتاب كۆر بىلىم ئالىسەن.

بىلىمسىزدىن ئۈلگە چىقماس، كۆڭۈزلسىزدىن كۈلكە چىقماس.

بىلىملىكنىڭ كۆزى كىتابتا، بىلىمسىزنىڭ كۆزى تامدا.

ياشلىقتا بىلىم ئالمىغان، 
قېرىغاندا ھەسرەت چېكەر.




قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق.

بىلگەنگە ئون ئىككى،
بىلمىگەنگە ئوتتۇز ئىككى.

بىلىملىك ئاسمانغا چىقىپتۇ،
بىلىمسىز ساماندا يېتىپتۇ.

ھۈنىرى يق ئەردىن مىكيان ياخشى.

بىلىمسىزگە ھال ئېيتقۇچە، ئىچىڭدە سىڭىپ كەتسۇن.

بىلىم ئېلىش ئالتۇن يىغىشتىنمۇ ئارتۇق.

يىغلىماقنىڭ كۈلمىكى بار،
كۈلمەكنىڭ يىغلىمىقى )بار(.

بەگ بولسا پۇلدىن ئازماس،
بىلىم بولسا سۆزدىن )ئازماس(.

سورا - سورا بىلىم ئاپتۇ،
ئوينا - ئوينا نادان قاپتۇ.

ھۈنەرلىك كىشى خار بولماس،
ھۈنىرى بار قۇل )بولماس(.

ئىلىمسىز ئادەم — مېۋىسىز دەرەخ.

بىلگەن بىلگەننى قىلۇر،
بىلمىگەن نېمىنى )قىلۇر(؟

بىلىم ئالاي دېسەڭ، ئۆزۈڭنىڭ بىلىمسىز ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىل.

بىلىملىك ئويلاپ تاپار،
بىلىمسىز كولاپ )تاپار(.

پەننى سۆيگەن زار بولماس،
ئەلنى سۆيگەن خار )بولماس(.

دۇتار تارىسى ساتاردا يوق،
بىلىمسىز كىشى قاتاردا )يوق(.

سەپەر قىلغان يول بىلەر،
كۆپ كۆرگەن مول )بىلەر(.

ئىلىملىك نۇر،
ئىلىمسىز خور.

ئاي تۈندە كېرەك،
بىلىم كۈندە )كېرەك(.

بىلىم قاچماس تىرىشچاندىن،
بەخت قاچماس ئىشچاندىن.

بەگ بولسا يولدىن ئازماس،
بىلىم بولسا سۆزدىن )ئازماس(.

بىلىم يىغىش ئالتۇن يىغىشتىنمۇ ئارتۇق.




ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭكى.

سورىغان بىلىم ئالۇر،
ئۇيالغان كېيىن قالۇر.

بىلىملىكنىڭ باھاسى يوق.
بىلىمسىزنىڭ ساپاسى )يوق(.

بىلىملىك كىشى ئۇزار،
بىلىمسىز كىشى تۇزار.

بىلگەن بىلگىنىنى ئىشلەر،
بىلمىگەن بارمىقىنى چىشلەر.

ئەقىل توزىماس،
بىلىم خورىماس.

مېۋىلىك دەرەخ ئېگىلىپ تۇرىدۇ.

بىلىم ئەقىلنىڭ چىرىغى.

بىلىمسىز بىرنى يېڭەر،
بىلىملىك مىڭنى )يېڭەر(.

چىراغ يېقىپ بىلىم ئال.

بىلىم دۆلەت،
كىيىم سۆلەت.

بەلگە بولسا يولدىن ئازمايسەن،
بىلىم بولسا سۆزدىن )ئازمايسەن(.

بىلىمسىز ئادەم، مېۋىسىز دەرەخ.

كۆپ ئوقۇغان كۆپ بىلەر.

بىر كىتاب ئوقۇساڭ، بىر سەر ئەقىل قوشۇلار.

بىلىملىك  — نۇر،
بىلىمسىز — خور.

بىلىملىك ئاسمانغا چىقار،
بىلىمسىز ساماندا ياتار.

ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىسىدىن ئەلا.

نادانلىق — قاراڭغۇلۇقتىن يامان.

توغرى سۆز تاشنى يارار،
ئەگرى سۆز باشنى )يارار(.

بىلىمسىزدىن ئۈلگە چىقماس،
كۆڭۈلسىزدىن كۈلكە )چىقماس(.

ھۈنەر ئېقىپ تۇرغان بۇلاق،
بىلىم يېنىپ تۇرغان چىراغ.

بىلىملىكنىڭ تەدبىرى كۆپ.

بىلىملىكتىن ئارتۇق، دۆلەتمەن يوق.

بىلىملىك كىشىنى ماقتار،
بىلىمسىز ئۆزىنى )ماقتار(.

ياخشىلىق يەردە قالماس،
بىلىملىك كىشى خار بولماس.

بىلىم — بىلگۈچىدە،
ئەقىل سەزگۈچىدە.

بىلىم يىغىش - ئالتۇن يىغىشتىنمۇ ئەلا.

بىلگەنگە ئون ئىككى، بىلمىگەنگە ئوتتۇز ئىككى.

مېۋىسىز دەرەخ ئوتۇن بولىدۇ،
بىلىملىك كىشى پۈتۈن بولىدۇ.

ھارۋا يولى تار ئەمەس،
بىلىملىكلەر خار ئەمەس.

چالا موللا ۋالاقلايدۇ،
ئەگىرى نوغۇچ تاراقلايدۇ.

بىلگىنىڭنى ئايىما،
بىلمىگەننى بىلىمەن دەپ كايىما.

بىلىملىك كىشى — بولۇر سەپنىڭ بېشى.

بىلىملىك ھاكىم بولۇر،
بىلىمسىز مەھكۇم )بولۇر(.

مېۋىلىك دەرەخ ئېگىلىپ تۇرىدۇ،
كىشىلەر ئاڭا تىيەك قويىدۇ.

مېۋىسىز دەرەخ غادىيىپ تۇرار،
كىشىلەر ئۇنى پۇتاپ تۇرار.

يۇمشاقنى قاتۇرغان شىلىم،
پولاتنى ئۇچۇرغان بىلىم.

بىلگىنى راۋاب چېلىپتۇ،
بىلمىگىنى چاۋاك )چېلىپتۇ(.

بىلگەننىڭ ئەتىۋاسى كۆپ،
بىلمىگەننىڭ پەتىۋاسى )كۆپ(.

بىلىملىك ئويلاپ تاپار،
بىلىمسىز كولاپ )تاپار(.

بىلىملىك ئەل غېمىدە،
نادان ئەجەل غېمىدە.

بىلىملىكنىڭ كۆزىدە ئالەم بار،
بىلىمسىزنىڭ كۆزىدە مالەم )بار(.

بىلىملىكتىن نۇر چىقىدۇ،
بىلىمسىزدىن قۇسۇر )چىقىدۇ(.

بىلىمسىز باش يارىدۇ،
بىلىملىك تاش )يارىدۇ(.

مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخى تۆۋەن، 
'بىلىملىك ئەرنىڭ يۈزى )تۆۋەن(.

ئەخمەق مال - مۈلۈك قوغلىشار،
ئەقىللىق بىلىم )قوغلىشار(.

ئاي تۈندە كېرەك،
بىلىم كۈندە )كېرەك(.

ھۈنەرنى تېپىپ ئالغىلى بولماس،
بىلىمنى سېتىپ ئالغىلى )بولماس(.

ئادەم بىلگىنىنى دەيدۇ.
توخۇ كۆرگىنىنى يەيدۇ.

چۈجە خوراز بىلگىنىنى چىللايدۇ.

چالا موللام ئادەم ئۆلتۈرەر.

ئۆرۈك - ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولار،
تۈرۈك موللىنى كۆرسە جىم بولار.

ئالىم زالىمنىڭ قېلىچىنى سۇندۇرالايدۇ.

تېتىر، تېتىرنىڭ ئىشى پېتىر.

بىلگەنگە ئوچۇق، 
بىلمىگەنگە تۇتۇق.

قۇش زىننىتى پەي بىلەن،
ئادەم زىننىتى بىلىم بىلەن.

بىلىم ئەرنىڭ يۈزى.

بىلىمسىز كىشى  — لەززەتسىز ئىشى.

بىلىمسىز ئادەم مېۋىسىز دەرەخ.

بىلىمسىز شەھەر سورىماس،
شەھەر سورىسا يېشى قۇرىماس.

بىلىمگە بېقىپ ئىززەت، 
ئۇستازغا بېقىپ شاگىرت.

نادان ھاكىم يۇرت بۇزار.

بىلىم ئېلىش يىڭنىدە قۇدۇق كولىغاندەك.

ياخشىنىڭ ئېتى ئۆلمەس،
ئالىمنىڭ خېتى )ئۆلمەس(.

يېرىم چېلەك سۇ شالاقشىيدۇ.

بوش تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ.





ئېتەلا خېمىر، ياقالا پېتىي،
ئۇرۇقىدا بولسا ھەممىگە تېتىي.

سەللە يوغان، ئىمان يوق،
پەشخۇن يوغان، بىر نان )يوق(.

قىزىلچىنى قەنت قىلغان ھۈنەر بىلەن پەن.

بىلىمسىزنىڭ دەناسى يوق،
قىلغان سۆزىنىڭ مەناسى )يوق(.

قاشتېشى سايدا تولا،
تېپىپ ساتساڭ پايدا تولا.

بىلىملىك ئادەم ئالىم،
بىلىمسىز ئادەم زالىم.

ئەقىلدىن ئارتۇق بايلىق بولماس.

ئېتىزدا يوق، خاماندا يوق،
تاغاردا يوق، قازاندا )يوق(.

پۇلۇڭغا ئىشەنگۈچە، ئەقلىڭگە ئىشەن.

بىلىكى چوڭ بىرنى يېڭەر،
بىلىمى چوڭ مىڭنى )يېڭەر(.

يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر،
بىلىم بىلەن ئەل كۆكىرەر.

بىلىملىككە ھۆرمەت قىل.

بىلىمسىزلىك — پەمسىزلىك.

بىلىملىك بولساڭ ھەق سۆزلە.

بىلىملىكنىڭ دەسمايىسى — پەن.

نادانغا سۆھبەت ياراشماس،
بىلىملىككە تۆھمەت )ياراشماس(.

بىلىملىكنى قارىلىساڭ،
ئۆزۈڭنى خارلايسەن.

بىلىمىم بار دېسەڭ،
بىلىكىڭنى پەس تۇت.

بىلىملىك — بىلىمسىزدىن تۆر تالاشماس.

بىلىم دېگەن ئۆزى ھۈنەر،
نەگە نېمە تېرىسا ئۈنەر.

قارىغىن ئىچى پور قاقشال تېرەككە،
قەد كېرىپ تۇرسىمۇ، كەلمەس كېرەككە.

بىلىم ئالساڭ، تىلىڭ چىقىدۇ،
ئالمىساڭ يېلىڭ چىقىدۇ.

بىلىملىكنىڭ يولى ئۇلۇغ،
بىلىمسىزنىڭ قولى قۇرۇق.

بىلىم ئالغان خار بولماس،
ماڭغان يولى تار )بولماس(.

ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا.

قويچىغا چوماق كېرەك.

كۆپ ئوقۇغان، كۆپ بىلەر.

بىلگەن بىلگىنىنى قىلار،
بىلمىگەن نېمىنىقىلار؟

بىلگەنگە ئون ئىككى،
بىلمىگەنگە ئوتتۇز ئىككى.
بىلىملىك ئاسمانغا چىقىپتۇ،
بىلىمسىز ساماندا يېتىپتۇ.

دۇتارنىڭ تارىسى ساتاردا يوق،
بىلىمسىز كىشى قاتاردا )يوق(.

بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇپتۇ.

سورىغان بىلىم ئاپتۇ،
سورىمىغان كېيىن قاپتۇ.

بىلىملىك ئۇزار،
بىلىمسىز  توزار.

دەرەخ يىلتىزى بىلەن كۈچلۈك،
ئادەم بىلىمى بىلەن كۈچلۈك.

ئالتۇن چىققان يەر قەدىرلىك.

ئوقۇغان كۆرگەن - بىلگىنىنى سۆزلەر،
ئوقۇمىغان نېمىنى سۆزلەر؟

بىلىمسىز ئادەم — مېۋىسىز دەرەخ.

ئوقۇغاننىڭ ئەقلى ئۇزىرار،
ئوقۇمىغاننىڭ بوينى )ئۇزىرار(.

بىلىمسىزنىڭ جېنى يوق،
ھۈنەرسىزنىڭ نېنى )يوق(.

ئەقىللىقنى دوست تۇتقىن، ساڭا ئەقىل ئۆگىتەر،
بىلىملىكنى دوست تۇتقىن ساڭا بىلىم ئۆگىتەر.

بىلىملىك تۈگكەن تۈگۈچ ئەلنىڭ بايلىقى،
نادانلار تۈگكەن تۈگۈچ تۆگە مايىقى.

ياشلىقىڭدا بىلىم ئال،
قېرىغاندا ئىشقا سال.

بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىب.

بىلگەندىن ئۆگەن، بىلمىەنگە ئۆگەت.

سورا - سورا بىلىۋاپتۇ،
ئويلا - ئويلا كېيىن قاپتۇ.

بىلىمسىزگە ئىش يوق،
ئىشسىزغا ئاش )يوق(.

بىلىملىك بىلەر پايدا - زىياننى،
بىلىمسىز تۈگىتەر ئاتىسى يىغقاننى.

بىلىملىك بېرىلەر،
بىلىمسىز كېرىلەر.

بىلىم ياشنىتار،
نادانلىق قاقشىتار.

بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما.

ئەخمەق مال - مۈلۈك قوغلىشار،
ئەقىللىق بىلىم )قوغلىشار(.

بىلىملىك نۇرلىنار،
بىلىمسىز خورلىنار.

بىلىم تەجرىبىلەرنىڭ جۇغلانمىسى،
قابىلىيەت غەيرەتنىڭ نەتىجىسى.

مۇبارەك قورسىقىدا بىلىم يوق،
تولا گەپ ساتىدۇ ھېلىم دوك.

بىلىم ئىشقىدا كۆيسەڭ ئالتۇن شوتىدا ئۆرلەيسەن.

بىلىملىككە گەپ قىلسام ئاڭلىدى، بىلدى،
بىلىمسىزگە گەپ قىلسام ئاڭلىدى، كۈلدى.

بىلىم يىغىش ئالتۇن يىغىشتىنمۇ ئارتۇق.

بىلىمسىزنىڭ يۈزى قېلىن،
بىلىملىكنىڭ بېلى )قېلىن(.

بىلىملىكنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن،
ناداننىڭ ئۆمرى قىسقا.

ئۇلۇغ سۇ شەپە قىلماس،
بىلىملىك كىشى ھەيۋە قىلماس.

ئېشىمدا يوق پۇرچاق، پوقامدا نېمە قىلسۇن؟

يەر قاتتىق بولسا ئۆكۈز ساپاندىن كۆرىدۇ.

پۇل بارغا جاپا،
پۇل يوققا تاپا.

سورا  - سورا بىلىم ئاپتۇ،
ئۇيۇلا - ئۇيۇلا كېيىن قاپتۇ.

نادان كىشى ماختانسا،
سىناق ۋاقتىدا مات بولىدۇ.

ئەقىل - ئىدراك قەيەردە بولسا،
ئۇلۇغلۇق شۇ يەردە بولىدۇ.

پەن ئۆگەنگەن قەنت يەيدۇ،
ئۆگەنمىگەن غەم يەيدۇ.

ئۆگەنگەنگە گەپ كەتمەس،
نادان باشتىن دەرد كەتمەس.

قېلىپقا بېقىپ كەش،
ياقىغا بېقىپ پەش.

جىگدىدىن بادام چىقماس،
بىلىملىك كىشىدىن نادان )چىقماس(.

خىيال كېچىدە ئېچىلار،
گۈل سەھەردە )ئېچىلار(.

ئەخمەقنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن.

ئەقىل كۆرمىسە كۆز كۆرمەس.

گۆھەر ياتىدۇ سايدا،
تونىمىسا نېمە پايدا.

تىلىڭ كۆيسە مۇز يالا،
ئىچىڭ كۆيسە تۇز يالا.

سەھەر قىلسا ناشتا،
كېسەل تۇرماس باشتا.

گۇمان ئىماننى يەپتۇ.

كۆمەچ پىشقىچە توقاچ كۆيۈپتۇ.

ئىخلاس قىلساڭ سەمىمىي نىيەتتە،
خەزىنىمۇ ئېچىلار ئەلبەتتە.

توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ،
ئوتۇنچى جاڭگال )چۈشەپتۇ(.

بىكار گەپتىن جىگدە ياخشى،
ئارپا ناندىن گىردە )ياخشى(.

قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرماس.

ئات بايغا يارىشۇر،
ناۋات چايغا )يارىشۇر(.

ئۆردەك كۆلدە ياشايدۇ،
يولۋاس چۆلدە )ياشايدۇ(.

بىلىم — دەسمايىسىز ھۈنەر.

تەننىڭ ساقلىقى — پادىشاھلىق.

بىلىم بىلگەننىڭ،
ئەقىل سەزگەننىڭ.

پاراسەت بولسا، قىلدا پىل باغلىيالايسەن.

ئەقىلسىز  باش گەۋدەڭگە يۈك.

ئەقىلدىن ئارتۇق بايلىق يوق.

بىلىملىكنىڭ چارىسى كۆپ،
دېتى يوقنىڭ بانىسى )كۆپ(.

يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس.

بىلىملىك نۇرلىنار،
بىلىمسىز خورلىنار.

قۇرۇق چېلەك تاراقلايدۇ،
نادان ۋالاقلايدۇ.

ئەقىلسىزلىك — باشقا كەلگەن ئاپەت،
پاراسەت — ئامەت.

سۆلەت گىرىمىدە، 
گۈزەللىك بىلىمىدە.

بىلىملىكتۇر يۇرت بېشى،
بىلىمسىزدۇر ساي تېشى.

بىلىملىككە ئامەت بار،
بىلىمسىزگە ئاپەت )بار(.


بىلىم دۆلەت، كىيىم سۆلەت.
بىلىملىك كىشى ئۇزار،
بىلىمسىز كىشى توزار.
ئىش بىلگەننىڭ.
بىلىم كۆككىمۇ يەتكۈزىدۇ،
كۆپكىمۇ يەتكۈزىدۇ.
ئەقىل تاپاي دېسەڭ ئۆگەن،
بەڭۋاشلىققا سالغىن يۈگەن.
ھەرىكەت قىلساڭ بەرىكەت تاپىسەن،
ئىخلاس قىلساڭ مەرىپەت )تاپىسەن(.
سالجىنىڭ قېنى يوق،
ساۋاتسىزنىڭ جېنى )يوق(.
بىلىملىكنىڭ باھاسى يوق،
بىلىمسىزنىڭ ساپاسى )يوق(.
خارەتكە يىلىم كېرەك،
ئادەمگە بىلىم )كېرەك(.
يول سورىغان يولدىن ئازماس.
ئېشىكىم نەدىن بىلۇر كۈنجىرا ناۋاتنىڭ قەدرىنى،
ئىش بىلگەننىڭ،
نان يېگەننىڭ.
ئىش بىلگەن ئىشنى ھاردۇرار،
بىلمىگەن ئۆزىنى ھاردۇرار.
ئىش بىلمەس ئىشنىڭ ئاستىدا ئۆلەر.
ئادەمنىڭ سادىسىدىن،
ئېشەكنىڭ مادىسى ياخشى.
ئۆلۈككە يىغلىغان ئېسىت كۆزۈم،
نادانغا سۆزلىگەن ئېسىت سۆزۈم.
بورىچى ھالۋىچى بولسا،
كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ.
ساتىراش ئۆلمىسە ئەركىشى قېرىماس،
ھۈنەرلىك ئادەم مېۋىلىك دەرەخ.
توڭ - توڭ ئېتەر تۆمۈرچى،
پۇلنى ئۇسسۇيدۇ كۆنچى.
خىمىنەكتە ئورا كولاپ،
جان لىشار بۇزچى.
ھۈنەر قىلسا ئۈنەر.

ئوتنىڭ چىشى يوق،
ھۆل قۇرۇق بىلەن ئىشى يوق.
قۇيداڭ سۆڭەكنىڭ يېغى چىقماس.
ئاتنىڭ كىشنىمەيدىغىنى يوق،
ئىتنىڭ چىشلىمەيدىغىنى يوق.
ھەرىنىڭ ھەسىلىمۇ بار،
زەھىرىمۇ بار.
ئۇلۇغ سۇ يانىڭ،
كوتمەك جىگدە سانىڭ.
سەگنى چىشلىمەيدۇ دېمە،
ئاتنى تەپمەيدۇ )دېمە(.
توخۇ توڭغانسېرى دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقار.
ئاۋايلاپ ئۇچمىغان قۇش، قانىتىدىن ئايرىلىپتۇ.
ھارغان ئېشەك دۆڭگە چاپار.
ھايۋانغا ئېغىل كېرەك،
پاتقاققا شېغىل )كېرەك(.
ئات سەمرىسە دۆڭگە چاپار، 
بۇقا سەمرىسە توپا چاچار.
ئېشەك سەمرىسە تۆۋەنگە چاپار،
تېكە سەمرىسە سۈيدۈك چاچار.

مايماق ئېشەك قېچىر تەخەيلەپتۇ.

كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس،
ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق.
ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا.
كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس.
داڭلىغان ئېشەك پاسارغا چىچىپتۇ.
ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ،
تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.
ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار.
گۇمان ئىماننى قاچۇرۇپتۇ.
جان بولسا جاھان،
ئاش بولسا قازان.


ئادەم ئېغىلدا ياشىسا، ئېشەكنىڭ خۇيىنى ئالۇر.

ئابرويىڭنى ياش چېغىڭدا ساقلا،
كىيىمىڭنى يېڭى چېغىدا )ساقلا(.

ئاتتىن چۈشسىمۇ، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ.

ئاتنىڭ ياخشىسى ئالا،
خوتۇننىڭ يامىنى بالا - قازا.

ئادەمنىڭ زىننىتى ئەخلاق،
دەرەخنىڭ زىننىتى ياپراق.

ئادەمنىڭ ئالدى گۈل، كەينى تىكەن.

ئاچ كۆزنىڭ ئېشى ئارتىدۇ،
دەردىنى كېچىسى تارتىدۇ.

ئاسمان ئۆرۈلۈپ كەتسىمۇ، ئاستىدا مانتا يەپتۇ.

ئاش كەلسە ئىمان قېچىپتۇ،
نەپسى يامان شورتاڭ كېچىپتۇ.

ئاغرىقنى بۇس ئۆلتۈرەر،
يىگىتنى نومۇس )ئۆلتۈرەر(.

ئالتۇن يەردە ياتماس،
يامان ئەلگە پاتماس.

ئايدا يېگەن توق بولار،
كۈندە يېگەن ئاش )بولار(.

ئەدەپ — ئەقىلنىڭ سۆرىتى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېسە، بەش تەڭگەمنى بەر دەپتۇ.

ئەۋلىيادىن پۇتۇڭنى تارت،
پادىشاھتىن تىلىڭنى )تارت(.

بەڭگىنىڭ ئوڭى يوق،
پاشىنىڭ قوڭى )يوق(.

بوياقچىنى بوياقچى دەپ قويسا، ساقىلىنى بوياپتۇ.

بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ياخشى.

بېخىل سىقىمنىڭ ئىچىنى ئايايدۇ،
تېشىنى يالايدۇ.

بېخىلدىن پۇل ئالماق،
پېتىر ناندىن قىل ئالماق.

بېخىلنىڭ پۇلى چىققىچە، جېنى چىقىدۇ.

بېخىل جېنىدىن كېچەر، نېنىدىن كەچمەس.

بېخىلنىڭ بېغى كۆكەرمەس.

بېخىلدىن نان سورىغىنىڭ، جان سورىغىنىڭ.

بېخىلغا ھاجىتىڭ چۈشسە يوق دەيدۇ،
سېخىيغا ھاجىتىڭ چۈسە خوپ دەيدۇ.

بىرى مەستىن قورقىمەن،
يەنە بىرى مۆرىمەستىن )قورقىمەن(.

پەيلى ياماننىڭ خۇيى يامان.

پۈتكەن ئىشقا ئىگە تولا،
جەڭدىن كېيىن باتۇر )تولا(.

پوقىغا بېگىز ئۆتمەس.

پىتنىخورنىڭ سۆزى يامان،
سۆزىدىن ئۆزى يامان.

تاماخورنىڭ قازىنى تۆشۈك.

تاماخورنىڭ كۆزى تويماس.

تامىقىنى يەپ تاۋىقىنى چېقىپتۇ.

تىلەپ ئالغان تىزغا يەتمەس،
بەدخۇي يىگىت قىزغا يەتمەس.

تېزىنى باسسا مېزى،
بېزىنى باسسا مېزى.

جاننى كېپەككە سات،
نومۇسنى ئالتۇنغا ئال.

چۆچۈرە پاتمىغان ئاغزىمغا كالا بېشى بوش كەلدى.

خەلپىتىم كۈلمەس، كۈلسە تېلىقىپ قالۇر.

خوش - خوش دەيدۇ،
موك - موك يەيدۇ.

دىمىقى ئۈستۈن كۈلپەتتە ئۆتەر.

رەھىمىسى يوق ئادەمدىن، رەھىمىسى بار ئىت ياخشى.

زىدى پەسنىڭ تېگى پەس.

غالجىر خۇدانى بىلمەس،
ئىت ھارامنى )بىلمەس(.

غەيۋەتخورنىڭ تىلىنى كەس،
ئاڭلىغۇچىنىڭ قۇلىقىنى )كەس(.

غەرەزدىن غەرەز تۇغۇلار،
بەغەرەزدىن ھەزەر )تۇغۇلار(.

قارنىم ئۈچۈن يىغلىمايمەن،
قەدرىم ئۈچۈن يىغلايمەن.

قۇلۇڭ سۇنغان يەرگە پۇتۇڭنى سۇنما.

قورقۇنچاقنىڭ كۆزى يامان،
چېقىمچىنىڭ سۆزى )يامان(.

قېلىنلىق — يېرىم دۆلەت.

قېچىپ كەتكەن — چېچىپ كەتتى.

قېرىغاندا قېرى تارتۇق،
قىلىقلىرى ئاندىن ئارتۇق.

قىرىق كىشىدىن، قىيىق كىشى يامان.

كۆزى يوقنىڭ، يۈزى يوق.

كۆردۈم دېگەن كۆپ سۆز،
كۆرمىدىم دېگەن بىر سۆز.

كۆتتى قىرماققا چىققۇچە،
خۇيى بارماققا چىقىپتۇ.

كەمتەر بولساڭ ئۆسەرسەن،
مەغرۇرلانساڭ چۆكەرسەن.

كىچىك پېئىل بولغاننىڭ ئىشى بۇزۇلماس.

كېپەكتە قۇۋۋەت يوق،
ئالدامچىغا ئۇيات )يوق(.

كىشىدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلەر.

مال ئىچىدە مال بار،
ئادەم ئىچىدە ئادەم )بار(.

ماختاپ قويسا مالخىيىغا چىقىرىپتۇ.

ماختىغان قىز مەرىكىدە ئۇسۇرۇپتۇ.

ماختانغاننىڭ ئۆيىگە بارما،
كېرىلگەننىڭ تويىغا )بارما(.

مەسلىك - پەسلىك.

موللامنىڭ ئاغزى دۇئادا،
كۆزى بولسا داستىخاندا.

موللا بولماق ئاسان، ئادەم بولماق قىيىن.

مېھماننى ئۆيگە باشلاپ،
ئۆزى يۈرەر ئەر سوراپ.

مېۋىلىك دەرەخ ئېگىلىپ تۇرىدۇ،
كىشىلەر ئاڭا تېرەك قويىدۇ.
مېۋىسىز دەرەخ غادىيىپ تۇرىدۇ،
كىشىلەر ئۇنى پۇتاپ تۇرىدۇ.

نەپسىڭ سېنىڭ بالادۇر،
ئاخىرى ئوتقا سالادۇر.

نىيىتى بۇزۇق، باشقىلاردىن ئەيىپ ئىزلەيدۇ.

ھايدىغىنىڭ ئالتە ئۆچكە،
مالىمانلىقىڭ مەھەللىنى ئالدى.

ھوشۇر ئايدا پوشكال يەپ، سەپەر ئايدا كېكىرىپتۇ.

ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ، ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.

ئۇيات — ئۆلۈمدىن يامان.

ئۇيات ئۆلۈمنى يېڭەر.

ئۇيات تۇرغان يەردە ئىمان تۇرار،
ئۇيات تۇرمىغان يەردە گۇمان )تۇرار(.

ئۆزەڭ ئەگرى بولساڭمۇ، گېپىڭ تۈز بولسۇن.

ئۆزى سوغۇقنىڭ قىلىقى سوغۇق.

ئۆزى تويماسنىڭ كۆزى تويماس.

ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆرۈنمەس،
كۆزنىڭ ئەيىبى كۆزگە )كۆرۈنمەس(.

ئۆزۈمنىڭ يامانلىقىمدىن، كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق.

ۋالاقتەككۈر گەپ بەرمەس،
پۇچۇق كەپكۈر نەپ )بەرمەس(.

ئىرغاينىڭ ئىگىلگىنى - سۇنغىنى،
ئەرنىڭ ئۇيالغىنى — ئۆلگىنى.

ئىت ئىتلىقىنى قىلمىسا، كۆڭلى تىنماس.

ئىت كېچىسى قاۋاپ سەھەردە ئۇخلايدۇ.

ئىت بېشى تەخسىدە تۇرماپتۇ.

ئىززىتىنى بىلمىگەن ئەدىپىنى يەر.

ئىچى تارغا دۇنيامۇ تار.

يامان قىلار ئۇياتقا،
ياخشى يېتەر مۇراتقا.

ياخشى بولسا ئۆزىدىن كۆرەر،
يامان بولسا باشقىدىن )كۆرەر(.

ياخشى بولساڭ ئېشىڭنى يەيسەن،
يامان بولساڭ بېشىڭنى يەيسەن.

ياخشى ئەسكى بلۇپ قانچە ئەسكى بولۇر،
يامان ياخشى بولۇپ قانچە ياخشى بولۇر.

يالغان ئېيتقان ئەر ئەمەس،
ھوسۇل بەرمىگەن يەر ئەمەس.


ياخشى ئۇرۇشسا بەرگىلى نەرسە تاپالماس،
يامان ئۇرۇشسا ئالغىلى )نەرسە تاپالماس(.

ياخشى يېگىنىنى ئېيتار،
يامان كىيگىنىنى )ئېيتار(.

ياخشى كېلىپ ھالىڭغا يېتەر،
يامان كېلىپ كۆتۈڭگە تېپەر.

ياخشىدىن ئات قالىدۇ،
ياماندىن دات )قالىدۇ(.

ياماندىن ئاشقىنى يېرىم قوشۇق.

يالغان ئېيتقان خۇدانىڭ دۈشمىنى.

يەپ تويمىغان يالاپ تويماس،
ھە دېسەڭ ساڭا قالماس.

يەتتىدە قىلغىنىڭ مۇنچە،
قىرقىدا قىلۇرسەن قانچە.

يەنە دېسەم يەنە شۇ، ئاتام ئېيتقان بايىقى.

يىراقتىن قارىسام ئەلدىن ئارتۇق،
يېقىندىن قارىسام ھاشىم تارتۇق.

دەرەخ گۈزەل ياپراق بىلەن،
ئادەم گۈزەل ئەخلاق بىلەن.

ئەدەبنى ئەدەپسىزدىن ئۆگەن.


ئەخلاق ئادەم زىننىتى.

تىلىگەننى تىلىمەڭ،
ئىتتىك پىچاقنى بىلىمەڭ.
مۇتىھەمنى يۆلىمەڭ.

قولۇڭنى سوزغان يەرگە،
پۇتۇڭنى ئۇزاتما.

زېرىككەك بولماڭ، تېرىككەك بولماڭ،
كۆڭۈلچەك بولماڭ، ئېرىنچەك بولماڭ.

كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە،
كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە كىشىگە دېمە.

ھايات چېغىدا تىللىما،
ئۆلگىنىدە يىغلىما.

ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ سوراپ كىر.

سۇ كۆتەر ئاپتىۋا بىلەن،
ئات ككتۈر ئوبدان بىلەن.

كاتتىباشتىن تەخسىكەش يامان.

ئاز يەپ كۆپ چاينا،
ئاز سۆزلە، كۆپ تىڭشا.

ياخشى ئىدىم يامان بولدۇم،
ئارپا ئىدىم سامان بولدۇم.

سۇنى سەپ سىڭە يەرگە،
گەپنى قىل سىغا يەرگە.

يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس.

ھۆرمەت قىلساڭ، ھۆرمەت كۆرىسەن.

يىغىدىن يابويى قاچ.

ئەرنىڭ يالغىنى ئۆلگىنى.

قازاغا رىزا، بالاغا سەۋرى.

شەيتىنىڭغا ھاي بەر.

ئەخلاقسىز خوتۇن — تۇزسىز ئاش.

ياخشى كۆڭۈل — باغ، 
ياخشى ئىدىيە — يىلتىز.

ياخشى گەپ گۈل، ياخشى ئىش مېۋە.

گۈل بەرگىدە گۈزەل.

ئادەم بولساڭ، ئالەم سېنىڭكى.

ياخشى خۇلق يېرىم دۆلەت.

گۈزەل ئەخلاق ئادەمنى بېزەيدۇ.

ئەدەبلىك ئېغىزنىڭ سۆزى گۈزەل.


ئۆزى كاپىرنىڭ، خوتۇنى تالاق.

ئېغىز يېسە، يۈز ئۇگىتار.

ئېغىزنىڭ دەرۋازىسى يوق،
تىلنىڭ ئۇستىخىنى )يوق(.

يەنە دېسەم يەنە دەيدۇ،
ئاستا دېسەم كىشىگە )دەيدۇ(.

ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە.

ھەممە ئىشنى موللا بىلەر،
موللا قوپۇپ كۆلگە سىيەر.

ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس.

قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار،
يامانغا يولۇقساڭ بالاسى )يۇقار(.

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق.

ھاردىم دېسە ھاپاش بوپتۇ.

ياخشى ئەرنىڭ بالىسى غېرىب بولسا بولۇر،
قۇل بولماس.

يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى.

ئاش كەلسە ئىمان قېچىپتۇ.

نەپسى دېگەن بالادۇر،
ئاخىر ئوتقا سالادۇر.

پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال،
ئاغرىمىسا كىشىگە سال.

قوينڭم ئوغرى - قونجۇم ئوغرى.

كىشىنى ئالدايمەن دېگىنىڭ، ئۆزۈڭنى ئالدىغىنىڭ.

ئابروينى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولماس.

ئاچكۆزنىڭ قورسىقى تويسىمۇ كۆزى تويماپتۇ.

ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت.

ئادەمنى نومۇس ئۆلۈرەر.
توشقاننى قومۇش )ئۆلتۈرەر(.

ئادەم قىممىتى سۆز بىلەن،
ئاشنىڭ قىممىتى تۇز )بىلەن(.

قېچىر ئاتنى چوڭ دادام دەر.

ئادەم يېنىدا تۇرسا ئادەم خۇيىنى ئالار،
ھايۋان يېنىدا تۇرسا ھايۋان خۇيىنى ئالار.

ئاچكۆزلۈك ئەقىلدىن ئازدۇرىدۇ.

ئۆزىنى سورىغان شەھەرگە سۇلتان بولار،
ئۆزىنى سورىمىغان ئاياغقا ئۇلتاڭ )بولار(.

كىشىنىڭ شەھىرىدە سۇلتان بولغىچە،
ئۆز شەھىرىڭدە ئۇلتاڭ بول.

كەمتەر كامال تاپار،
مەنمەنچى زاۋال )تاپار(.

ياخشى ئىشقا ئالغىش ياغار.

لەۋزىدە تۇرمىغان يىگىت ئەمەس.

نەپسىنى يىغقان سۇلتان بولۇر،
يىغمىغىنى ئۇلتاڭ )بولۇر(.

سۆيدۈرگەنمۇ تىل،
بەزدۈرگەنمۇ )تىل(.

ئۇيات تۇرغان يەردە ئىمان تۇرار.

خىل - خىلدا، تىل قوۋۇزدا.

ياخشى بولساڭ ئېشىڭنى يەرسەن،
يامان بولساڭ بېشىڭنى )يەرسەن(.

تۇزۇڭنى يەپ، تۇزلۇقۇڭغا چىچاي.

ئۆزۈم يالغانچى ئەمەس، يارىغىم يالغانچى.

ئەسكى بىلەن گەپ تالاشقىچە، ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقان ياخشى.

ئېغىر بولساڭ ئامبال بولۇرسەن،
يېنىك بولساڭ تامبال )بولارسەن(.

ھايۋان ئىگىسىنى تارتمىسا ھارام.

ياخشى ئاتنىڭ تېرىسى قېيىش بولۇر، كۆن بولماس.
ياخشى ئادەمنىڭ بالىسى گاداي بولۇر، قۇل بولماس.

ئىنسابلىقنىڭ دىلى ساپ.

ئىزا تارتقىنىم - غىزا يېگىنىم.

جىمغۇرنىڭ ھۈنىرى ئىچىدە.

ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ، ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.

قول ئىچىگە ئېگىلىدۇ.

ئېگىلگەنگە ئېگىل، بېشىڭ يەرگە تەككۈچە،
غادايغانغا غاداي، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە.

شەيتاننىڭ شاپتۇل يېگىنىگە ھەيران مەن،
يېسىغۇ يېسۇن، شوپۇڭداپ يېگىنىگە ھەيرانمەن.

ئەلگە بارساڭ ئېلىپ بار، تېۋىڭىنى  قويۇپ بار.

قاراڭغۇدا دەپ ھاڭ باقماي،
يورۇقلۇقنى ئىزدەپ تاپ.

دۆلەتمەن بولغاندا، سۆلەتمەن بول.

سېخىي نان دېگۈزمەيدۇ،
بېخىل نان يېگۈزمەيدۇ.

ھۆپۈپ كاماردا ئۆتەر،
ئاچكۆز تامادا )ئۆتەر(.

قورسىقىڭنىڭ مەيلى بولسا، ئابرويۇڭنى قوشۇپ يەر.

قەسەمخورنىڭ ئۆمرى قىسقا.

ئېگىلمىگەنگە ئېڭىشمە.

ئاتنى نەگە باغلايمەن، ئەسسالام دېگەن تىلىمغا.

ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام.

بالاڭ ئۆلسە ئەرگە باق،
ئېرىڭ ئۆلسە يەرگە )باق(.

بىر مەستىن قورقىمەن،
بىر مۆرىمەستىن )قورقىمەن(.

تېجىمەل كېپەن تاپسا ئۆلۈۋالار.

خۇشامەتچىنىڭ كۈلكىسى كۆپ،
جاڭگالنىڭ تۈلكىسى )كۆپ(.

ئەخلاق ئادەم زىننىتى، 
ئەخلاقسىزنىڭ يوقتۇر قىممىتى.

كۈچۈكۈم - كۈچۈكۈم دېسە، بىر نېمىسىنى چىقىرىپتۇ.

قانائەتلىك كىشىنىڭ قارنى توق.

يەپ تويماس،
يالاپ قويماس.

تازغا ئەمەل تەگسە چىقمىغان دۆڭ قالماپتۇ.

ياخشى ئادەم ئىشىدىن مەلۇم،
ياخشى يىل باھاردىن )مەلۇم(.

كۆيۈمى يوق تۇغقاندىن يات ياخشى.

كىشىدىن ئۇيالغىچە ئۆزۈڭدىن ئۇيال.

پاقا ھەمىشە ئۆزىنىڭ قۇمچاق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

ئۆزى سوغۇقنىڭ قىلىقى سوغۇق.

تالالىقى بار، ئۆي ئىچىلىكى يوق.

ئۆزى ئۆيىگە كىرگىچە كەشىسى تۆرگە چىقىپتۇ.

ئۆزى تويسىمۇ كۆزى تويماس.

ھۆرمەت تۆرگە باشلايدۇ،
غەيرەت گۆرگە )باشلايدۇ(.

ئادەمنىڭ ئادەملىكى ئاچچىقى كەلگەندە بىلىنەر.

ياخشىدىن ئات قالىدۇ،
ياماندىن دات )قالىدۇ(.

خوشامەتچىنىڭ چىشى بولمىسىمۇ، سۆڭەك غاجايدۇ.

ئۆز ئۆيدە پۈۋلەر ئىچكەن دوغىنى،
خەقنىڭكىدە يالماپ يۇتار چوغنى.

كىشىنىڭ ئىشى ئالتىنچى ئايدا قول توڭدۇرۇپتۇ.

مېھمان بار چاغدا مۈشۈكنى پەش دېمە.

كىشىگە قىلغان ئۆزىگە يانار.

كىشىگە سانىسا ئۆزىگە، 
قاشقا سانىسا كۆزىگە.

كىشىگە كىلسەڭ، ئۆزۈڭگە يىغلايسەن.

ئېگىز تاغدا قار بولۇر،
مەرت يىگىتتە ئار )بولۇر(.

كىشى نان تەڭلىسە يېمەيمەن دېمە،
قولۇڭغا ئال يېمىسەڭ يېمە.

سۆزى سوغۇقنىڭ قىلىقىمۇ سوغۇق.

كەچ قالغان قاراڭغۇدىن قورقماپتۇ.

يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.

دۈشمەن قەست قىلسا، دوست قۇتۇلدۇرار.

قارنىڭ بىر بىلەن قان تۆكۈشمە.

ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت.

ئابرويۇڭنى ياشلىقىڭدىلا ساقلا.

سۆزلىگۈچىدە ئەيىب يوق، ئاڭغۇچى ئىبرەت ئالسۇن. 

سۆگەتنىڭ تۈزى يوق،
يىگىتنىڭ سېتى )يوق(.

تاغقا يامغۇر كار قىلماس،
قېلىنغا گەپ كار )قىلماس(.

ئاغزى يۇمشاق گۆش يەيدۇ،
ئاغزى قاتتىق مۇش )يەيدۇ(.

سۇ كەلتۈرگەن ئېزىز، 
كوزا چاققان خار.

سۆزلىگەن ئەخمەق بولسىمۇ،
ئاڭلىغان ئەقىللىق بولسۇن.

ئەدەپ - ئەخلاق بازاردا سېتىلماس،
ئەدەپسىزگە ھېچ كىشى قېتىلماس.



قىزىمنىڭ بالىسى ئۆزۈمنىڭ بالىسى،
كۆيدۈرگەن ئانىسى.
ئوغلۇمنىڭ بالىسى قىرغاۋۇل بالىسى،
كۆيدۈرمىگەن ئانىسى.

پالتاڭ بولسا ئوتۇن كاممۇ،
ئوغلۇڭ بولسا خوتۇن )كاممۇ(.

ئېرىڭدىن يامانلىماي، ئەيىبىڭدىن يامانلا.

كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ كۆڭلى پەس،
كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ كۈنى )تەس(.

ئۆركەر يانغا ئۆتسە، يازغا تەۋە،
تۇماق گەدەنگە چۈشسە تازغا )تەۋە(.

ئىت ۋاپا، 
خوتۇن جاپا.

ھەئە - دەڭ، مومامنىڭ ئېشىنى يەڭ.

خوتۇننى ماختىغان بىرىنچى ئاخماق،
ئۆزىنى ماختىغان ئىككىنچى ئاخماق.

يېغىرى بار ئادەم سەمرىمەيدۇ.

ئېچىلغاننىڭ ئەيىبى يوق، ئۆزىنى بىلىپ ياپسا،
ئاداشقاننىڭ ئەيىبى يوق، قايتىپ كېلىپ ئۆيىنى تاپسا.

ھۆل ئوتۇن ئوچاقنى كاردىن چىقىرىدۇ،
ئەسكى خوتۇن ئەرنى )كاردىن چىقىرىدۇ(.

خوتۇن كىشى گالدىن قېرىيدۇ،
تام ئۇلىدىن )قېرىيدۇ(.

تالاغا چىققۇچە ئۆزۈڭنى تۈزە،
تالادىن كىرگۈچە، ئۆيۈڭنى )تۈزە(.

ھارام تاماق تەنگە سىڭمەس.

غەيۋەتخورلۇق ۋابا كېسىلىدىن يامان.

قانائەتلىك كىشىنىڭ قارنى توق.

يول ماڭساڭ سېلىقى بىلەن ماڭ نېرى بولسىمۇ،
قەدىناسنى تاشلىما قېرى بولسىمۇ.

ئوغلۇڭنى ئېگىزدىن ئۆيلە،
قىزىڭنى پەسكە بەر.

يىراقتىن خوتۇن ئالما،
يېقىندىن ئېشەك )ئالما(.

كىشىنىڭ خوتۇنى بوينىنى ئىسسىتسىمۇ، قوينىنى ئىسىتماس.

تېرىمىغاننىڭ كەپسىنى چوڭ.



ئۆزىنى ماختاش —ئۆلۈمنىڭ قاراۋۇلى.

نەپسىنى يىغمىغان ئوڭدا قالار.

يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى،
جېنىمنىڭ راھىتى.

پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال،
ئاغرىمىسا كىشىگە )سال(.

ئاچ قورساق خام دېمەيدۇ،
كەمتەر نام )دېمەيدۇ(.

پاقا كۆلچەككە باقار،
تاماخور چۆنتەككە )باقار(.

ئىچى تارغا دۇنيامۇ تار كۆرۈنەر.

جاھاننى سۇ باسسا، غازنىڭ قاپتىلىغا كەلمەپتۇ.

كۆڭۈلنى دۇرۇس تۇتساڭ بىر ساپ ئۈزۈمدىن قىرىق ئادەمگە يېتەر.

تەلۋە تۆرنى بەرمەپتۇ.

ئاسمان بېسىۋالسا، تېگىدە يېتىپ مانتا يەپتۇ.

ئۆرۈك، ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ.

يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ.

كۆرەلمەسنىڭ كۆتى ئوچۇق.

ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس.

ئاغزىم تەگدى ئېشىڭغا،
تەنەڭ تەگدى بېشىمغا.

بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس،
بىر يامانلىق )ئۇنتۇلماس(.

ئىشتانسىزغا ئىش تەگسە،
چىقمىغان دۆڭ قالماپتۇ.

ئۆزىنى بىلگەن خار ئەمەس.

گەپ دېسە بەش ئېشەككە يۈك،
ئىش دېسە خەپشۈك.

ئۆزىنى بىلگەن قازىنىڭ ئالدىغا بارماس.

ئىش قىلسا چېپىگە تارتىدۇ،
ئاش ئىچسە چۆپىگە )تارتىدۇ(.

ئورۇق ئۇينىڭ پوقى چوڭ،
تۆشنى يېلىڭنىڭ گېپى )چوڭ(.

ئوسۇرغاققا ئارپا نېنى باھانە بوپتۇ.

بىكاردىن كېپەن تاپسا ئۆلۈۋاپتۇ.

يامان ھارۋا يول بۇزار،
يامان ئادەم يۇرت )بۇزار(.

شامالدا ئىز يوق،
ھاياسىزدا يۈز )يوق(.

ئەر ئىنسابلىق بولسا، خوتۇن ۋاپادار بولۇر.

راستنى ئېيتسام ئۇرارسىز،
يالغان ئېيتسام تۇرارسىز.

قېرىغاندا قېرى تارتۇق،
قىلىقلىرى ئاندىن ئارتۇق.

ياماننى كۆرمىگىچە، ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەس.

ياخشىدىن ئات قالىدۇ،
ياماندىن دات )قالىدۇ(.

ياخشى كۆرگىنىنى ماختايدۇ،
يامان كىيەىنىنى )ماختايدۇ(.

ئېگىلگەنگە ئېگىل، بېشىڭ يەرگە يەتكىچە،
غادايغانغا غاداي، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە.

ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەپتۇ.

ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا،
ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە.

ياخشى ئادەم ئېشىنى يەر،
يامان ئادەم بېشىنى )يەر(.

كىشىگە قىلساڭ يامانلىق،
ئۆزۈڭگە قويمايسەن ئامانلىق.

ياخشى خۇيۇم ئىسىتقا،
يامان خۇيۇم سوۋۇتقا.

ياخشى ئادەم ئاش ئۈستىگە كېلۇر،
يامان ئادەم گەپ ئۈستىگە )كېلۇر(.

ياخشىنى ماختىساڭ يارىشىدۇ،
ياماننى ماختىساڭ ئادىشىدۇ.

ئۆمۈچۈك ئۆمىلىيەلمەس،
ئۆمىلىگەننى كۆرەلمەس.

ھەسەتخورنىڭ دىلى قارا،
قەسەمخورنىڭ يۈزى )قارا(.

بېخىل ئالغاننى ئۇنۇتار،

موللا كىشىگە مەسە ياخشى،
تاماخورغا بەرسە )ياخشى(.

ياخشىنىڭ شاپائىتى يۇقار،
ياماننىڭ كاساپىتى )يۇقار(.

راست گەپنىڭ خىجالىتى يوق،
يالغانچىنىڭ ئىناۋىتى )يوق(.

ھۆرمەت ئىگىسى يالغانچىلىقتىن يىراق.

خۇشامەتچىنىڭ تەقسىسى بىللە،
ئالدامچىنىڭ ھىيلىسى )بىللە(.

نەپسى يامان ھېيتتا ئۆلەر.

ياخشى - ئىشى بىلەن ياخشى.

يالغانچىنىڭ راست سۆزىمۇ يالغان.

ھۆرمەت ئىگىسى يالغانچىلىقتىن يىراق.

خۇشامەتچىنىڭ تەقسىسى بىللە،
ئالدامچىنىڭ ھىيلىسى )بىللە(.

نەپسى يامان ھېيتتا ئۆلەر.

ياخشى - ئىشى بىلەن ياخشى.

يالغانچىنىڭ راست سۆزىمۇ يالغان.

پۇلۇڭ بار چاغدا، ئەھۋال سورايدۇ،
پۇلۇڭ يوق چاغدا، ئارقاڭدىن غاجايدۇ.

كىشىگە قىلغان، كىشىدە قالماس.

ئۆزىنى بىلمەي شىلتىڭ ئېتىپتۇ،
پالازغا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتۇ.

نىيەتنىڭ ئالاسى — خۇدانىڭ بالاسى.

ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشىدۇر،
يامانلىققا ياخشىلىق، ئەر كىشىنىڭ ئىشىدۇر.

قۇشقاچقا ناۋات بەرسەڭ، تەمىنى بىلمەس،
يامانغا ياخشىلىق قىلساڭ، قەدرىنى )بىلمەس(.

ئەقىلسىزنىڭ پەمى يوق،
گەپ - سۆزنىڭ تەمى )يوق(.

سۆزدىن يانغان ئەر ئەمەس.

ئېلىشتا ئوتتۇز، بېرىشتە توققۇز.

ئېلىشتا ھاي - ھاي،
بېرىشتە ۋاي - ۋاي.

ئېلىشتا ئالمان، بېرىشتە بەزگەك.

ئاغىزى دۇئادا،
كۆزى تامادا.

يەرنى ئەمگەك ئۆزگەرتىدۇ،
ئادەمنى مەنسەپ )ئۆزگەرتىدۇ(.

ئاتاڭنىڭ يېشىدا بولغىچە ئىشىدا بول.

ئاتاڭنى ساتقىچە يوتاڭنى سات، بىر كېچە توق يات.

ئاتام مېنىڭ ئاكامچە بار،
ئاكام مېنىڭ يوتامچە بار.

ئاتاڭ ئۆلسە ئۆلسۈن،
ئاتاڭنى كۆرگەنلەر ئۆلمىسۇن.

ئاتا - ئانا ھايات مازار.

ئانا — تاغدەك پاناھ.

ئاتىسى تەپكەن موزاينىڭ ئېتى ئاغرىماس.

ئاتامنىڭ ئۆلگىنى ئانامغا ياراشتى،
جەلپىكىنى ئىتلار تالاشتى.

نانىنى ئۇرما، ئۇۋالى بار.

ئىت ئىگىسىگە قاراپ قاۋىمايدۇ.

ئىگىسىنى ئىززەتلىسەڭ، ئىتىغا سۆڭەك سال.

يەرنىڭ غېمى ئوغۇت،
ئانا غېمى تۇغۇت.

ئوغۇل تۇغۇلسا ئۆزىدىن كۆرەر،
قىز تۇغۇلسا خوتۇنىدىن )كۆرەر(.

ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ.

كېلىنىڭ يامان بولسا ئوغلۇڭدىن كۆر،
كۈيئوغلۇڭ يامان بولسا قىزىڭدىن )كۆر(.

ياخشى بولسا كېلىن،
يامان بولسا يېلىن.

قىزىم يەپ قىرغا چىقتى،
ئوغلۇم يەپ ئوۋغا )چىقتى(.

ئاكىسى بارنىڭ ياقىسى بار.

ئاكىسى ئوينىشىدۇ، ئۇكىسى چىڭدىشىدۇ.

قىزىمنىڭ بالىسى قىرغاۋۇل بالىسى،
ئوغلۇمنىڭ بالىسى ئوغلاق بالىسى.

بارى - يوقى بىر بالام،
بېشى - كۆزى تاز بولام.

كىچىك بالا بىر توغرام ناننىڭ قۇلى

قاپاق ساڭگىلاپ چوڭ بولىدۇ،
بوۋاق يىغلاپ )چوڭ بولىدۇ(.

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى،
تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى.

يات يېگۈچە، 
تۇغقان ئۆلگۈچە.

ياتنىڭ تۆرىدە ئولتۇرغىچە،
تۇغقاننىڭ كۈلىڭدە ئولتۇر.

بەش قولۇڭ ياغ بولسا تۇغقىنىڭغا سۇۋا.

ئىسسىمىغان كاڭدىن كات ياخشى،
كۆيۈمى يوق تۇغقاندىن يات ياخشى.

ئاق قۇشقاچنىڭ تۇغقىنى يوق،
توغقانسىزنىڭ ئۆلگىنى )يوق(.

ئەۋلادى ئەمەل تۇتسا، ئەجدادى شۆھرەت تېپىپتۇ.

كالاڭ يېيىشلىك بولسا بەردى خۇدا،
كېلىنىڭ يېيىشلىك بولسا ئۇردى خۇدا.

ئەدەب - ئەخلاق بازاردا سېتىلماس،
ئەدەبسىزگە ھېچ كىشى قېتىلماس.

ئەخلاقسىز دانىشمەن ئاشپەزنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالار.

ئاق ئۇننى كۆرۈپ قارا ئۇندىن كەچمە،
ئابرۇيىڭنى دەپ لەقەمدىن )كەچمە(.

كىيىمىڭنى تازىلىقتا ساقلا،
ئابرويىڭنى ياشلىقتا )ساقلا(.

كىچىك پېئىل بولساڭ كىچىكلەپ كەتمەيسەن.

شامال تېرىساڭ، بوران ئالىسەن.

كۆڭلۈم تارتتى پولۇ ئاشقا،
تەنتەكلىكىم چىقتى باشقا.

ئېغىرلىق  — تادانلىق،
يېنىكلىك — نادانلىق.

توشقاننىڭ يۈگرىكى چوماققا ئۇچراپتۇ.

يۈزۈم ئاق بولسۇن دېسەڭ، ئىشىڭنى توغرا قىل.

سوقۇشقاق خوراز سېمىز بولماس.

ئىزا تارتقىنىم — غىزا تارتقىنىم،
دەشنام يېگىنىم — بەش نان يېگىنىم.

پوققا چالما ئاتسا ئۆزىگە چاچرايدۇ.

ئاغرىقنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا.

شەھەر ئالىمەن دەپ شەرمەندە بوپتۇ.

ئات تۇۋىقىدىن سەمرىيدۇ،
ئادەم قۇلىقىدىن )سەمرىيدۇ(.

چىراي كۆرۈپ ھال سورا.

ئىت چىشلىدى دەپ، ئىتنى چىشلىگىلى بولماس.

ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ سوراپ كىر.

ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن،
ئەرباب سالۇر ھەر باب بىلەن.

ئاشنىڭ قېشىدا پۇتۇڭنى يىغ،
پادىشاھنىڭ قېشىدا تىلىڭنى )يىغ(.

ئۆزۈڭدىن يۇقىرىغا قاراپ پىكىر قىل،
ئۆزۈڭدىن تۆۋەنگە قاراپ شۈكرى قىل.

ئۇستا بار يەردە قولۇڭنى يىغ،
موللا بار يەردە تىلىڭنى )يىغ(.

ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت تاپارسەن.

چوڭى ئىززەت قىلسا، كىچىكى ھۆرمەت قىلار.

قولۇڭنى سوزغان يەرگە پۇتۇڭنى سوزما.

ئاش بەرگەن قازاننى چاقما.

سۈيىنى ئىچكەن كۆلگە تۈكۈرمە.

ئۆزۈڭ قىلىپ ۋاپاسىزلىق، ئۆزگىدىن ۋاپا كۈتمە.

ۋەدىگە ۋاپا مەردنىڭ ئىشىدۇر.

ئوقىتىڭنى يوقاتساڭ يوقات، لەۋزىڭنى يوقاتما.

غەم ئۆمۈرنى يەيدۇ.
يالغان سۆز رىسقىنى.

راستلىققا زاۋاللىق يوق.

راست ئېيتساڭ قۇتۇلىسەن،
يالغان ئېيتساڭ تۇتۇلىسەن.

سۆزۈڭ توغرا بولسا، يۈزۈڭ يورۇق بولار.

تىلىڭنى تۈز تۇت چىشىڭ سۇنمىسۇن،
خالايىق قاراپ ساڭا كۈلمىسۇن.

ئاغزى يۇمشاق موزاي ئون ئىنەكنى ئىمەر.

بېشىڭ نەدىن كەتتى؟
— تىلىڭدىن )كەتتى(.

پۇتى ئىتتىك ئاش تاپار،
ئاغزى ئىتتىك ئىش تاپار.

تەگىسەڭ تېرىق بولار،
تەگىمىسەڭ ئېرىق )بولار(.

ئېغىزنى گەپكە ئۆگەتمەڭ،
قوڭنى ئۇسۇرۇققا )ئۆگەتمەڭ(.

بىر ئاچقانغا سۆزلىمە،
بىر ھارغانغا )سۆزلىمە(.

گەپ قوغلىغان كىشى ئىت قوغلىغان بىلەن باراۋەر.

گاس دەپ غەيۋەت قىلما،
قارىغۇ دەپ خىيانەت )قىلما(.

غەيۋەتخورنىڭ تىلىنى كەس،
ئاڭلىغۇچىنىڭ قۇلىقىنى )كەس(.

كۈلمە كىشىنىڭ دەردىگە،
ئۆزۈڭگە كېلەر ئەتىگە.

كىشىگە كۈلمە، ئۆزۈڭ يىغلايسەن.

قوشناڭ يىغلىسا سەن كۈلمە.

تولا كۈلكە يىغلىتىدۇ.

كەپسىز، كەپتەر پوقى يەپسىز.

ياخشىلىق قىلىۋەرسەڭ نامىڭ چىقار،
يامانلىق قىلىۋەرسەڭ جېنىڭ )چىقار(.

ياخشى بلساڭ ئېشىڭنى يەرسەن،
يامان بولساڭ بېشىڭنى )يەرسەن(.

يامان ئاتاق بىلەن يۈرگەندىن،
ياخشى ئاتاق بىلەن ئۆلگەن ياخشى.

ياخشى بولساڭ يولداش،
ھەر ئىشىڭغا ھەممە قولداش.

خۇش پۇراق گۈل تەننىڭ دەۋاسى،
ياخشى ئادەم ئەلنىڭ ناۋاسى.

ياماننىڭ ياخشىسى بولغۇچە، ياخشىنىڭ يامىنى بول،
قارىمۇقنىڭ دانىسى بولغۇچە، بۇغداينىڭ سامىنى بول.

ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەس.

ياخشىدىن ئۆچ ئالساڭ دۈشمىنىڭ كۈلەر.

ياخشىدىن ئۈلگە قالىدۇ،
ياماندىن كۈلكە )قالىدۇ(.

ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ،
ياماننىڭ مېزى )قالىدۇ(.

ئەرنىڭ ئىچىگە ئالەم پاتار،

كەڭ بولساڭ، كەم بولمايسەن.

كۆڭۈلنى كەڭ تۇتساڭ بىر ساپ ئۈزۈم قىرىق بىر كىشىگە يېتەر.

ئالدىڭغا كەلسە، ئاتاڭنىڭ خۇنىدىن كەچ.

دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگىچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە.

ئىنتىقامنى ئۆزۈڭ ئالساڭ ھالاك بولارسەن،
ئىنتىقامنى خۇداغا قويساڭ ئامان قالارسەن.

كىشىگە قىلغان كىشىدە قالماپتۇ.

مېھماننى ئىشقا بۇيرۇما،
ھاجەتمەننى قۇرۇق قول ياندۇرما.

نامەردنىڭ سۈيىنى ئىچكىچە، مەردنىڭ قاچىسىنى يۇ.

سېخىنى جەننەتتە كۆر،
مەردنى مەيداندا )كۆر(.

نومۇس ئۆلۈمدىن قاتتىق.

قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە،
باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە.

ئاقىل بولساڭ نەزەر سالما پارىغا،
پارا بىلەن يۈزۈڭنى بويىما قارىغا.

خىيانەتلىك دۆلەتتىن قاچ،
قانائەتچان سۆلەتتىن )قاچ(.

ئادىل بولساڭ ئادەم بولىسەن.

ئوغرى بولساڭ ئىنساب بىلەن بول،
قازاننى ئالساڭ چۆمۈچنى قوي.

قانائەتلىكنىڭ قارنى توق.

كۆزى توقنىڭ قارنى توق.

ئادەمنى ئادەمگە يات قىلغان كېبىر،
ئادەمنى قەدەمدە مات قىلغان كېبىر.

كۆكنى كۆرۈپ كۆكسۈڭنى كەرمە.

ماختانچاقتىن ئەل قاچار.

چاپىنى مۇسۇلمان،
سايىسىغا غادايغان.

ئۆزىنى چوڭ تۇتقانچە ئابرويى چۈشەر،
ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقانچە كۆڭلى كۆتۈرۈلەر.

ئۆزىنى بىلىملىك چاغلىسا، پاشىنىڭ قولىدا دەرس ئوقۇيدۇ.

ھالىڭغا بېقىپ ھال تات،
خالتاڭغا بېقىپ ئۇن )تات(.

گۇمان — ئىماننى قاچۇرىدۇ.

يارىماس گەپنى تىلىڭدىن كۆرمەي دىلىڭدىن كۆر.

دىلى پاكنىڭ ئىشى پاك.

سۆزى مايماقنىڭ دىلى مايماق.

ئاق بولمىسىمۇ پاك بولسۇن.

ئادەمنىڭ بويىغا قارىغۇچە، خۇيىغا قارا.

كىشىنىڭ كىيىمىگە قارىماي قەلبىگە قارا.

ئىمانىڭ بولمىسىمۇ، ئىنسابىڭ بولسۇن.

نىيىتىڭ پاك بولسا، ھۆرمىتىڭ چوڭ بولار.

ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي،
كۆتۈڭنى قىس، يولۇڭغا ماڭ.

دوستۇڭنى سورىغىچە، ئۆزۈڭنى سورا.

ئۆزىنى ئايىغان سۇلتان،
ئايىمىغان ئۇلتاڭ.

مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ.

بېخىل ئالغاننى ئۇنتار،
سېخىي بەرگەننى )ئۇنتار(.

سېخىي تاپسا بېرىپ يەر،
بېخىل تاپسا ئۆلۈپ )يەر(.

بېخىلنىڭ بېغى كۆكەرمەس،
كۆكەرسىمۇ مېۋە بەرمەس.

كىشىگە بەرسەم ئىسىت ئېشىم،
ئۆيگە قوپسام سېسىق ئېشىم.

بېخىل سىقىپ يالايدۇ،
تاماخور ئىشىك مارايدۇ.

ھەسەتخوردا كۆز يوق،
قەسەمخوردا يۈز )يوق(.

قەسەمخورنىڭ يۈزىدە قېنى بولماس.

باخشىنىڭ كۈنى داپ بىلەن،
يالغانچىنىڭ ئۆتەر لاپ بىلەن.

يالغانچىنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرسە، ئىشىنىدىغان ئادەم تېپىلماس.

قورقۇنچاق بار يەردە شەرمەندىچىلىك بار.

ئىشتانسىزنىڭ گېپى چوڭ،
ئاشلىقى يوقنىڭ چارىكى )چوڭ(.

ئىچى ياماننىڭ ئېشىنى ئىت ئىچىدۇ.

بار بولسا كۆرەلمەيدۇ،
يوق بولسا چىدالمايدۇ.

نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك.

كۆڭلى قارىنىڭ يۈزى قارا.

كۆزى كىچىكتىن كۆڭلى تار يامان.

ئىچى تارنىڭ گۆرى تار.

ئىچى تارغا دۇنيامۇ تار كېلەر.

دىلى بۇزۇق باشقىلاردىن ئەيىب ئىزلەر.

دىلى زەھەرنىڭ قۇلىمۇ زەھەر.

ياخشىغا بەرسەڭ نېپى تېگەر،
يامانغا بەرسەڭ گېپى )تېگەر(.

كىشىنىڭكىنى بۇلاپ يەپتۇ،
ئۆزىنىڭكىنى سىقىپ يالاپتۇ.

بېخىلنىڭ بىر تاۋاق ئېشى قىرىق يىلغىچە ئېغىز كۆيدۈرەر.

ئامانەتكە خىيانەت.

سەن تاتۇق، مەن تاتۇق،
قېرىغاندا قىرىق تاتۇق،
قىلىقلىرى ئاندىن ئارتۇق.

خۇدايىم بەرسە، پەيغەمبەر غىڭ قىلالماپتۇ.

ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس،
تاماخورنىڭ پەتىسى )تۈگىمەس(.

ئادەمنىڭ ھورۇنى تاماقنى كۆپ يەيدۇ،
ھايۋاننىڭ ھورۇنى تاياقنى )كۆپ يەيدۇ(.

يۇندىسىنى ئىت كۆرمەپتۇ،
تۈتۈنىنى بۇلۇت )كۆرمەپتۇ(.

ئالسام - بەرمىسەم.

ئالغىچە سۆزىنى كۆرۈڭ،
بەرگىچە كۆزىنى )كۆرۈڭ(.

ئاۋىلىدا مېنىڭ ئىدى،
سورىۋىدىم دورا بولدى.

ئەجەب داڭلايسەن ئەنجاننى،
باقالمايسەن بىر جاننى.

ئوتتۇز كۈن روزا تۇرۇپ، پوق بىلەن ئېغىزلىنىپتۇ.

ئوتتۇز كۈن تەرەت ئېلىپ، بىر كۈندىلا سۇندۇرۇپتۇ.

تېزىنى باسسا مېزى چىقىپتۇ.

تىرناق ئارىسىدىن كىر ئىزدەپتۇ.

مەھەللىگە ئوت كەتسە، دۆڭگە چىقىپ تاماشا  كۆرۈپتۇ.

ھورۇن ھەممىدىن بىزار،
ھەممىدىن ھۇرۇندىن بىزار.

ھۆپۈپنىڭ تۇمشۇقى ئۇزۇن،
سېغىزخاننىڭ قۇيرۇقى )ئۇزۇن(.

كۆز كۆزنى كۆرمەيدۇ،
ئادەم ئۆزىنى )كۆرمەيدۇ(.

يىقىلغان چېلىشقا تويماس،
بەدنىيەت خۇيىنى قويماس.

ئاتتىن چۈشسە، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ.

ئىتقا ئۇيات كىرسە ئۇلتاڭ يېمەس.

ئاچ كۆزنىڭ قارنى بەشتۇر،
بىرى دائىم بوشتۇر.

گىرىنى بازار ئوڭلايدۇ،
تويماسنى مازار )ئوڭلايدۇ(.

ئۆزى تويسا كۆزى تويماپتۇ.

تويماس كۆزنى گۆرنىڭ توپىسى تويغۇزار.

يەپ تويمىغان يالاپ تويماس.

بېخىلنىڭ پوقىغىمۇ بېگىز ئۆتمەس.

تاشتىن سۇ چىقارغان بېخىل.

بېخىلدىن پۇل ئالماق، پېتىر ناندىن قىل ئالماق.

ئەخمەق ئاينىماس،
ئوغرى بېيىماس.

رودىياي ئەمەل تۇتسا، ئېغىلغا زەدىۋال تارتىدۇ.

يامانغا يان تاياق بوپتۇ.

بىر كۈن يامغۇردا قالسا ھەپتە چۈشكۈرۈپتۇ.

خۇدايىم بەرسە پەيغەمبەر قىزغىنىپتۇ.

ئۇسۇرغاققا ئارپا نېنى باھانە.

كۆردى قارامنى،
تۇتتى ياقامنى.

>ئەسسالام< دېسە، >بەش تەڭگەمنى بېرىڭ< دەپتۇ.

ئىچى بوش تۇڭ داراڭلايدۇ.

ئورۇق ئۇينىڭ پوقى چوڭ.

يۇرتىغا پاتىمىغان ھېچيەرگە پاتماس.

ئۆزگە كېلىدىغان گەپنى چاغلىماق تەس،
جايىدا تەلىم بەرسە پايلىماق تەس.



باي بولساڭ، نامراتنىڭ غېمىنى ئويلا.

باي پۇل - مېلىغا سۆيۈنەر،
نامرات ئىككى قولىغا )سۆيۈنەر(.

بەغەرەزدىن بەخت قېچىپتۇ.

ياۋاشنىڭ ئايىغىدا قۇرت ئۆلمەس.

پاسا ئوتىنىڭ چوغى چوڭ،
قوڭى ئوچۇقنىڭ گېپى چوڭ.

قاغىنىڭ ئېقى يوق،
ياخشىلىقنىڭ چېكى )يوق(.

موللا ئېلىشنى بىلەر، بېرىشنى بىلمەس.

تۇرقى ئىنسان، خۇلقى ھايۋان.

ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا،
ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە.

ئەسكى ئۆزىنى بىلمەس،
ياخشىنى كۆزگە ئىلمەس.

ياخشى سۆز تاشنى يارار،
يامان سۆز باشنى )يارار(.

بەدنىيەتنىڭ خۇيىنى تاشلىيالماس.

نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك.

قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار.

ئادەم گۈزەل ئەخلاق بىلەن،
گۈل گۈزەل ياپراق بىلەن.

ئوتۇننىڭ ئەسكىسى كەندىر شېخىيدان،
ئادەمنىڭ ئەسكىسى بەڭگى يېغىيدان.

ئۆزى بېسىق، گېپى سېسىق.

سۆزنىڭ ئوبدىنى ئۇتتۇ،
سۆزنىڭ ئەسكىسى كۇتتۇ.

ئەجرىسىز مېۋە بولماس،
پالاقسىز كېمە )بولماس(.

ئادەمنىڭ سۆزىگە باقماي، ئۆزىگە باق.

ئادەمنىڭ تېشىغا قارىماي ئىشىغا قارا.

سۆزى تولا، ئىناۋىتى ئاز.

ئوچۇق كۆڭۈل — سۈزۈك سۇ.

ئىشچاننىڭ مىننىتى يوق،
بېخىلنىڭ ھىممىتى يوق.

پېشىڭ ئۇزارسا پۇتلاشقىنىڭ شۇ،
گېپىڭ ئۇزارسا دۆتلەشكىنىڭ شۇ.

تەكەببۇر كىشى — قومۇش پۆپىكى،
كەمتەر كىشى — ئالتۇن كېپىكى.

چىرايىڭ چوقۇر بولسا مەيلىكى، ئىچىڭ قوتۇر بولمىسۇن.

يۈزۈڭ مەينەت بولسا ئەينەكنى چاقما،
سۆزۈڭ مەينەت بولسا ئېڭەكنى چاقما.

ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت.

ھايالىق كىشى ھۆرمەتلىك كىشى، 
ھاياسىز كىشى ئاقماستۇر ئىشى.

ئىشىكنى ئېچىڭ دېسە مورىنى يىقىتىپتۇ.

ئۇچرىمىغانغا سالام قىلماڭ،
سورىمىغانغا جاۋاب )قىلماڭ(.

كۆزى يوغاننىڭ سەتى يوق،
ئېغىزى يوغاننىڭ ئۇزى )يوق(.

توزغا كۆنگەن ئىت قوپاغا ئاستىدا ئۆلۈپتۇ.

بولسا كىشى كۆرەلمەس،
كۆڭلى خۇشال يۈرەلمەس.

باراڭسىز پىلەكتە دوناي قاپاق چۈشۈپتۇ.

ئادەمنىڭ سەتى يۈزىنى يۆگەيدۇ،
ئېشەكنىڭ ئەسكىسى يولدا ئۈركۈيدۇ.

سەۋرى قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر.

ئېشىكى ئۆلۈۋاتسا، كۆتى غىجەك تارتىپتۇ.

يامانلىق قىلغان ئادەمگە ياخشىلىق بىلەن ئىزا قىل.

بىر پۇللۇق ئۇسۇرۇق،
مىڭ تەڭگىلىك بۇرنۇمنى يوقاتتى.

چىتىك ئاتماڭ چوڭغا،
ئېلىپ ئۇرار توڭغا.

چاپىنى يىرتىقنى پىت تونۇر،
دىنى قىقنى ئىت تونۇر.

ياخشىغا بەرسەڭ كېتەر،
يامانغا بەرسەڭ كۆنەر.

يامغان ياغ ياراشماس،
مۈشۈككە يۇمغاقسۈت.

ياۋاش بولسا بوش دېمەڭ،
يۇمشاق بولسا گۆش دېمەڭ.

ياخشى ئۆلسە ھەممە ئۆلەر،
يامان ئۆلسە بىرى ئۆلەر.

غېرىبنىڭ بېشىنى سىلىغان بەگ بولۇر.

ياخشىنىڭ گېپى جەننەت.

ياخشىلىقنى كىم قىلسا جاندىن،
خۇدا بەرگەي ئەجرىنى باياۋاندىن.

كەمتەر بولساڭ ئۇتارسەن،
مەغرۇر بولساڭ غۇلارسەن.

ئالاي دېسەڭ ئاۋۋال بەر.

كەمتەر كامال تاپار،
بەدنىيەت زاۋال تاپار.

ئەگرى كىشى ئازىدۇ،
توغرا كىشى ئۇزايدۇ.

يالغانچىنىڭ رىسقى قىسقا، ئۆمرى كۆتەي.

ئادەم بولمىساڭ ئەخلاقىڭ بىلەن،
ئەخمەق بولىسەن ساقىلىڭ بىلەن.

ياخشى ئات ئېغىلغا يۈرەر،
يامان ئات چېقىلغا يۈرەر.

بولۇشلۇقنىڭ پوقىدىن مەلۇم.

يول قويغاننىڭ تىلى بار،
يول قويمىغاننىڭ تىلى يوق.

بىر موچەنلىك بۇرنى يوق،
بىر كويلۇق ئالمىنى ئېلىپ پۇراپتۇ.

مۇلايىملىق ئاجىزلىقتىن كەلمەيدۇ،
ئېغىر - بېسىقلىق دۆتلۈكتىن كەلمەيدۇ.

ياخشى ئاتقا بىر قامچا،
يامان ئاتقا مىڭ قامچا.

ئابروينى ئالتۇنغا ئال، جاننى كېپەككە سات.

سىنالغان ياخشىدىن جاپا كەلمەس،
ئەسكىدىن ۋاپا )كەلمەس(.

كۆرپە سېلىش ھۆرمەت،
داستىخان سېلىش ھىممەت.

خاتالاشقان ئانىدىن رەھىمسىز بالا بالا تۇغۇلىدۇ.

ياتقان ئىتقا تاش ئاتما،
ناتونۇش ئايالغا قاش ئاتما.

قىرىق يىل باققان ئېشەك ئىگىسىنى تونۇماس.

ئايىغىڭ تېز بولسا سۇلتان بولارسەن،
تىلىڭ تېز بولسا ئۇلتان بولارسەن.

ئايىغى يۈگۈرۈك ئاشقا ئۈلگۈرەر،
تىلى يۈگۈرۈك مۇشقا ئۈلگۈرەر.

ئاتتىن چۈشسىمۇ ئىگەردىن چۈشمەپتۇ.

قەشقەردىن كەلگەن لىڭغىرچاق، ئۈچ كۈنگىچە غىچىرلاپتۇ.

ماختانغان قىز تويدا ئۇسۇرۇپتۇ.

موللىمەنۇ، موللىمەن،
موللىنى كۆرگەندە يولدا مەن.

ئادەم ئىللەتسىز بولماس.

توخۇدا چىش يوق،
بىكاردا ئىش يوق.

كەپتەرنىڭ ئەسكىسى گور،
ئېشەكنىڭ ئەسكىسى سۈر.

ئاتنىڭ ئەسكىسى جەدى،
ئادەمنىڭ ئەسكىسى بەدى.

خوتۇنىنىڭ ئىشتىنىدا ناماز ئۆتەپتۇ.

ئادەمنىڭ ئادەمدىن پەرقى بار،
چەكمەننىڭ ماتادىن پەرقى بار.


ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق،
ھورۇننىڭ جېنى تاتلىق.

غەرەز بىلمىگەندىن دوزاخ قاچىدۇ.

كاتتىباشتىن تەخسىكەش يامان.

ئاز يەپ كۆپ چاينا،
ئاز سۆزلەپ كۆپ ئاڭلا.

ئەخلاقى بۇزۇققا چايان دوست.

غەمسىزلىك — پەمسىزلىك.

نىيىتى يامان ئەيىب ئىزدەر.

ئاچچىقنىڭ دورىسى — سەۋرە.

تاقەت بولسا مالامەت بولماس.

ياخشى ئىدىم — يامان بولدۇم
ئارپا كۆزلەپ سامان بولدۇم.

ئىچى ياماننىڭ كۆڭلى خۇش بولماس.

ئەقىلسىزنىڭ دېتى يوق،
تىڭشىغۇدەك گېپى يوق.

يۈزى قېلىندا نومۇس نەدە؟

يەتتە ئويلاپ بىر كەس.

ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك - پوك.
نېمىدىن چىۋەكىسە، شۇ بولۇپتۇ.

ھايا يوق يەردە ئىمان يوق.
كۈندۈزى ماڭغان چاشقاننىڭ ئۆمرى كۆتە،
كېچىسى ماڭغان ئەرنىڭ )ئۆمرى كۆتە(.
ئادەمگە ئەدەب ياخشى،
ھايۋانغا ھەلەپ )ياخشى(.
يولدا ماڭدى ئىككى مەست،
نەگە بارا نەگىمەست.
تۇزغا كۆنگەن ئىت، قوپاغۇنىڭ ئاستىدا ئۆلەر.
ساراڭ بىلەن مەستكە گەپ قىلماڭ.
تۆگە ئوغرىلىغانمۇ ئوغرى،
يىڭنە ئوغرىلىغانمۇ ئوغرى.
موزاينى كالام دېمەڭ،
بەڭگىنى بالام )دېمەڭ(.
پاشىنىڭ قوڭى يوق،
بەڭگىنىڭ ئوڭى )يوق(.
باخشىنى بالم دېمەڭ،
بۇقىنى كالام )دېمە(.
بۇقىنى كالام دېمەڭ،
بەڭگىنى بالام )دېمەڭ(.
ئوغرىلىق قىلساڭ تۇتۇۋالىدۇ،
قىمار ئوينىساڭ ئۇتۇۋالىدۇ.
ئوغرى تۇتۇلار،
قىمارۋاز ئۇتۇلار.
ئېشەك قېرىسا ھاللازچى بولۇر،
جالاپ قېرىسا نامازچى )بولۇر(
خىزمەتچىنىڭ ھارغىنى ساقچى بولۇر،
جالاپنىڭ ھارغىنى بەشۋاقچى )بولۇر(.
ئوغرى گۇمانخور كېلۇر،
تاز مۇتىھەم )كېلۇر(.
بەڭگە قەلەندەر كېلۇر،
ئوغرى قىمارۋاز )كېلۇر(.
داپ داراڭلىغان، ئېشەك ھاڭرىغان يەردە يۈرۈپتۇ.
كۆرسە ئويۇن،
كۆرمىسە قويۇن.
قاراقچى خالى يەردە ئالار،
يانچۇقى چۇغادا )ئالار(.
ئاتالمىغاننىڭ ئوقى ئالتە غۇلاچ كېتەر.
تۆگە ئوغرىلىغانمۇ ئوغرى،
تۈگمە ئوغرىلىغانمۇ ئوغرى.
بۇ يەردە ئوغرى يوق،
ھېلى قويغان نەرسە ھېلى يوق.
بۆرىسى يوق جاڭگال بولماس،
ئوغرىسى يوق يۇرت )بولماس(.
ئېغرى تۇتساڭ مېلى بىلەن تۇت،
زىناخورنى جۈپتى بىلەن )تۇت(.


ئات ھارۋاڭ كەتسىمۇ كەتسۇن لىڭشىڭ (لىڭشىڭ — نوختا بېغى) كەتمىسۇن،
مىڭ سەر كەتسىمۇ مىڭ شىڭ كەتمىسۇن.

ئات ھارۋاڭ كەتسىمۇ كەتسۇن،
غازاڭنى چالا قاق.

ئاشقان - تاشقان بارات تازنىڭ،
كۆلدە پاتقاق ئاخماق غازنىڭ.

ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ.

ئادەمگە ئەقىل كېرەك،
پاتقاققا شېغىل )كېرەك(.

ئالدىراپ كېتىپ دۆڭگە مۆكۈپتۇ،
كۆرپىنى دەپ يوتقان سۆكۈپتۇ.

ئادەم بولمىساڭ ئەقلىڭ بىلەن،
ئەخمەق بولىسەن ساقىلىڭ بىلەن.

ئالدىرىغانغا لەببەت تېپىلماس،

ئالدىراقسانلىق شەيتانلىق،
سالماقلىق — رەھمانلىق.

ئەقىل ئۆزىنى ئايايدۇ.

ئالدىرىغان ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپتۇ.

ئالدىرىغان ئەر خوتۇنىغا تازىم قىپتۇ.


ئەقىللىق ئويلىماي ئىش قىلماس.

ئەخمەقنى ناماز ئوقۇ دېسە پېشانىسىنى يېرىۋاپتۇ.

ئەقىل بولمىسا كۆز دېگەن تامنىڭ تۆشۈكى.

ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا.

ئەقىللىقنىڭ ئېتى ھارماس، تونى توزىماس.

ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر،
ئەقىلسىز ئۆزگىنى )ئەيىبلەر(.

ئەرنىڭ سۆزى ئۆلگىچە، ئۆزى ئۆلسۇن.

ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ،
ئەخمەق خوتۇنىنى )ماختايدۇ(.

ئەقىلسىز باشنىڭ دەردىنى پۇت تارتىدۇ.

باتۇرلۇق بىلەن بۆرە تۇت،
ئەقلىڭ بىلەن تۈلكە )تۇت(.

بالا قۇش ئۇچۇشنى بىلىپ قونۇشنى بىلمەس.

بۆك ئال دېسە، باش كېسىپتۇ.

بىلىم بىلگۈچىدە،
ئەقىل سۆزلىگۈچىدە.

بىر مىسقال دۆلەتنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مىڭ مىسقال تەمكىنلىك كېرەك.

بىر قولۇڭغا ئوت ئالساڭ،
بىر قولۇڭغا سۇ ئال.

پۇشايمان پايدا بەرمەس،
پەتىسى يوق چېلىشقاقنىڭ دۈمبىسى يەرگە تېگىدۇ.

پۇلۇڭغا ئىشەنمە،
ئەقلىڭگە ئىشەن.

پۇچۇق قوشۇق،
ئۆزىگە چۇشلۇق.

پۇل تاپقۇچە، ئەقىل تاپ.

پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا ساپتۇ.

تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن.

تەدبىرىڭ قانداق بولسا،
تەقدىرىڭ شۇنداق بولار.

تۆگە مىنپ تۆگە ئىزلەپتۇ.

تۆگىنى ئۇسسۇلغا سالسا، يەتتە چۆنەك قوغۇننى بۇزار.

تۆگىدەك بويۇڭ بولغۇچە،
تۈگمىدەك ئەقلىڭ بولسۇن.

تۆگە يوغان بولسىمۇ شوينىدا باغلايدۇ،
خاۋازا كىچىك بولسىمۇ زەنجىردە )باغلايدۇ(.

تەسۋىنىڭ يىپى بولىدۇ،
ھەر ئىشنىڭ ئېپى )بولىدۇ(.

تەلۋە تەپسە زەنجىرنى ئۈزەر.

چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىپتۇ.

چوڭنىڭ ئەقلى چوڭ بولۇر،
قىلغان ئىشى ئوڭ )بولۇر(.

چۈشمەك ئاسان، چىقماق تەس.

چېچەن يىگىت، يىگننىڭ گۆش يېگىنىنى تۇيار.

خۇدا ئۇرىمەن دېسە، ئاۋۋال ئەقلىنى ئۇرىدۇ.

دۈمبىسى قىچىشسا، مەيدىسىنى تاتلاپتۇ.

زېرەك تېپىپ تېپىپ سۆزلەيدۇ،
ئەخمەق كۆپۈپ )سۆزلەيدۇ(.

زېرەكنىڭ جېنى چىقسا، ناداننىڭ كۈلگىسى كېرەك.

سەۋەب قىلساڭ زاۋال يوق،
قىلالمىساڭ ئامال )يوق(.

سۇنى كۆرمەي ئۆتۈكنى سالما.

سۇغا بېرىپ، چېلەكنى ئۇنتۇپتۇ.

غەمسىزنىڭ پاراسىتى يوق،
پەمسىزنىڭ پاراغىتى )يوق(.

قۇشنى يەم بىلەن ئۆگەت،
ئادەمنى پەم بىلەن )ئۆگەت(.

قاسساپقا پۇل برىپ، ناۋايغا قاراپتۇ.

قوتۇر كالىنىڭ پوقى چوڭ،
كارغا يارىماسنىڭ گېپى )چوڭ(.

قۇرۇق چاقماقتىن ئوت چىقىرىپتۇ.

كەمچىلىكنى بىلگەن ئەقىللىق كىشى، 
ماختىنىپ يۈرگەن ئەخمەقنىڭ ئىشى.

كاللا دېسە پاقالچاق دەيدۇ،
پىشۇرۇپ بېرەي دېسە خام يەيمەن دەيدۇ.

كوسسا قېرىغىنىنى بىلمەس،
ئەخمەق ھارغىنىنى )بىلمەس(.

كۆزگە ئىلمىغان چوماق پۇتقا ئىلىشار.

كۆز كۆرىدۇ، ئەقىل تونۇيدۇ.

كۆپ ئاتقان بىلەن مەرگەن بولماس،
كۆپ سۆزلىگەن چېچەن )بولماس(.

كېسەك كۆتۈرۈشتىن قورقوپ، كاڭمازا كۆتۈرۈپتۇ.

كېيىنكى پۇشايمان،
ئۆزۈڭگە دۈشمەن.

گۆھەر ياتىدۇ سايدا، 
تونىمىساڭ نېمە پايدا.

نەپسىڭنى تېزگىنى، ئەقلىڭنىڭ قولىدا.
Posted: 2008-02-15 20:10 | [ئاپتور]
laptop
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 7
شۆھرىتى: 7 نومۇر
تەڭگىسى : 40 تەڭگە
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-15

 

بۇلارنى لۇغەتنىڭ قوشۇمچىسىگە چىقىرىپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن.
Posted: 2008-03-14 17:06 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ماقال-تەمسىل

Total 0.059971(s) query 4, Time now is:03-17 17:53, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation