Windows  كونۇپكىسىنى ئىشلىتىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ! بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 Windows  كونۇپكىسىنى ئىشلىتىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ!

كونۇپكا تاختىسىغا قارىسىڭىز ئوڭ_ سول ئاستى تەرەپتە Ctrl بىلەن Alt نىڭ ئوتتۇرىسىدا Windows نىڭ بەلگىسى سىزىلغان كونۇپكا بار.بۇ كونۇپكا Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدار كونۇپكىسى بولۇپ باشقا كونۇپكىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.

1. يالغۇز Windows كونۇپكىسىنىلا باسساق باشلاش(开始) تىزىملىكى ئېچىلىدۇ.

2. Windows كونۇپكىسى بىلەن Break كونۇپكىسىنى بېسىپ سىستېما خاراكتېرى(系统属性) كۆزنىكىنى ئېچىشقا بولىدۇ.

3. Windows كونۇپكىسى بىلەن E كونۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىش ئارقىلىق كومپيۇتېرىم(我的电脑) كۆزنىكىنى ئېچىشقا بولىدۇ.

4. ھەر قانداق كۆزنەكتە Windows كونۇپكىسى بىلەن F كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئىزدەش(查找) ئىقتىدارىنى قوزغۇتۇشقا بولىدۇ.

5. باشقا پروگرامما كۆزنىكىدە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ياردەم كۆزنىكىنى ئاچماقچى بولساق Windows كونۇپكىسى بىلەن F1 كونۇپكىسىنى باسىمىز.

6. ئېكران يۈزىدە Windows كونۇپكىسى بىلەن F3 كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ھۆججەت ئىزدەش(查找文件) كۆزنىكىنى ئاچىمىز.

7. Windows+Shift+M ئۈچ كونۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق ۋەزىپە رامكىسىغا كىچىكلىتىپ قويۇلغان كۆزنەكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

Windows .8 كونۇپكىسى بىلەن D كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئېكران يۈزىدىكى كۆزنەكلەرنىڭ ھەممىنى ۋەزىپە رامكىسىغا كىچىكلىتىپ قويۇشقا، يەنە بىر قېتىم بېسىش ئارقىلىق كىچىكلىتىپ قويۇلغان كۆزنەكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

8.  windows كۇنۇپكىسى بىلەن R كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق [ئىجىرا قىلىش (运行 ) ] كۆزنىكىنى ئېچىشقا بولىدۇ.
Posted: 2008-02-09 18:13 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » مەشغۇلات سىستىمىسى

Total 0.057203(s) query 3, Time now is:03-17 17:44, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation