بۆز بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 بۆز

بۆز - ئادەتتە پاختا يىپتىن توقۇلغان رەختنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى قۇجۇدا خانلىق تەرىپىدىن مەلۇم چوڭلۇقتىكى بۆزنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت تامغىسى بېسىلىپ ۋە ئىمزا قۇيۇلۇپ بازاردا پۇل ئورنىدا ئوبوروتقا قاتناشتۇرۇلغان. بۇنداق پۇل لار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا بۆز دەپ ئاتالغان. (بەزى ۋەسىقىلەردە قانپۇ، قۇنپۇ، قانپۇ دەپمۇ ئاتالغان).
لياڭنامە. قۇجۇ تەزكىرىسى دە: قۇجۇدا ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر كۆپ ئىكەن. بىرىنىڭ مېۋىسى پىلە قۇرۇتىنىڭ غوزىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئىنچىكە تالاسى بار، يەرلىك خەلق ئۇنى بودى -  جا دەپ ئاتايدىكەن. يەرلىك خەلق ئۇنىڭدىن رەخت توقۇيدۇ. بۇ رەختنىڭ رەڭگى ئاق، بەك يۇمشاق بولۇپ، بازاردا پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ دېيىلگەن. روشەنكى، بۇ پاختا رەخت بولۇپ قەدىمدە بۆز دەپ ئاتالغان. جۇنامە. قۇجۇ تەزكىرىسى دە: باج - خىراج تۆلەش ئۈچۈن كۈمۈش پۇل ھېساب قىلىنىدۇ، يوقلاردىن بۆز - ماتا ئېلىنىدۇ دېيىلگەن. ۋېينامە. قۇجۇ تەزلىرىسى دە: مو بېشىغا قاراپ كۈمۈش پۇل تۆلەيدۇ، پۇلى يوقلار بۆز - خام تۆلەيدۇ دەپ يېزىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە ... ئىشلىتىش ئۈچۈن بۆز كېرەك بولۇپ، ... بۆزنى مۇنداق پۈتۈشتۇق: لۈكچۈننىڭ بازىرىدا ئۆتىدىغان، ئىمزالىق (ۋە) تامغىلىق يىگىرمە ئۈچ بۆزگە توختاتتۇق (مۇھەترېيىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ: قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 143 - بەت). دېيىلگەن. بۇ خىل پۇلنىڭ كونكرېتنى قىممىتى ئېنىق مەلۇمات يوق.
Posted: 2008-01-22 19:29 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ئۆلچەم بىرلىكلىرى

Total 0.056975(s) query 3, Time now is:03-17 17:53, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation