شوخلا بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 شوخلا

بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى  بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ،  غولىدا يۇمشاق تۈكلىرى بولىدۇ؛ گۈلى سېرىق كېلىدۇ؛ شىرنىلىك مېۋە تۇتىدۇ؛ مېۋىسى ياپىلاق ياكى شار شەكلىدە بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى:  ھەر 100 گرام شوخلا تەركىبىدە ئالما كىسلاتاسى، ئاقسىل، لىمون كىسلاتاسى، نىكوتىن كىسلاتاسى، 3.0 گرام ياغ، ئىككى گرام قەنت، ئادنىن، كالتسىي، خولىن، 37 مىللىگرام فوسفور، 4.0 مىللىگرام تۆمۈر، 3.0 مىللىگرام كاروتىن، 03.0 مىللىگرام ۋىتامىن B1، 02.0 مىللىگرام ۋىتامىن B2، 6.0 مىللىگرام ۋىتامىن PP، 22 مىللىگرام ۋىتامىن C بار.
تەبىئىتى:  ھۆل سوغۇق.
شىپالىق رولى:  شوخلىنىڭ ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، تەرلەشنى توختىتىش، ئاشقازاننى ياخشىلاش، ھەيزنى ياخشىلاش، قاننى سوۋۇتۇش، قىزىتما ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش؛ ئادەم بەدىنىنى ۋىتامىن، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، تۇز، ئاقسىل ۋە مىنېرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەش رولى بار.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
      شوخلىنى كۈندە بىر - ئىككى دانە يەپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
    شوخلىنى مېۋە ئورنىدا ئۇدا ئىككى ھەپتىگىچە يەپ بەرسە، چىش قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
    ئىككى دانە شوخلىنى پاكىز يۇيۇپ، توغراپ مەلۇم مۇددەت يەپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
    ئوبدان پىشقان شوخلىنى خام يەپ بەرسە، قان ئازلىق، بۆرەك ئىششىقى، يەرقان، سېمىزلىك قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
    شوخلىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، كۈندە بىر نەچچە قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە غار - غار قىلىپ بەرسە، ئېغىز يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
    شوخلىنى ئېزىپ، سۈيىنى چىقىرىپ كۈندە ئىككى - ئۈچ  قېتىم، ھەر قېتىمدا يېرىم پىيالىدىن ئىچىپ بەرسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
    يېرىم پىيالە شوخلا سۈيىنى يېرىم پىيالە تاۋۇز  سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، قىزىتما قايتۇرىدۇ.
    مۇۋاپىق مىقداردا شوخلا سۈيىگە ئازراق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ داۋاملىق يۈز، قول، بىلەك ۋە باشقا ئەزالارغا سۈرۈپ بەرسە، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، پارقىرىتىدۇ.
    ھەركۈنى ناشتىدا بىر تالدىن شوخلا ئىستېمال قىلىپ بەرسە،  كىچىك بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
    مۇۋاپىق مىقداردىكى شوخلىنى تەرخەمەك، قىزىلمۇچلار بىلەن قوشۇپ سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا، ئىسسىق تۇتۇش ۋە ئىسسىقتىن بولغان گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
    ئادەتتە شوخلىدىن قىيام، شىرنە ياساش جەريانىدا ئۇرۇقى كېرەكسىز ماتېرىيال قاتارىدا تاشلىۋېتىلىدۇ. چەت ئەللەردە ۋە مەملىكەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، شوخلا ئۇرۇقىدا ئاساسلىق 18 خىل ئاممۇنىي كىسلاتاسى، بولۇپمۇ ئورگانىزم ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان لىزىن كىسلاتاسى، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B1، B2 ۋە مىنېرال ماددىلار بولىدىكەن.  شوخلا ئۇرۇقىنى 60 گرادۇستىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قۇرۇتسا، ھەر 100 گرامىدىن 32 گرام ئاقسىل، 33 گرام ماي، 3.0 پىرسەنت فوسفور، بىر پىرسەنت كالتسىي، 005.0 پىرسەنت ۋە 001.0 پىرسەنت مىس ئايرىۋالغىلى بولىدىكەن. ھازىر نۇرغۇن مەملىكەتلەر شوخلا ئۇرۇقىنى ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ۋە لىزىن كىسلاتاسى ئېلىشنىڭ مەنبەسى قىلماقتا. ئۇنىڭدىن ئايرىۋېلىنغان ماينى مۇھىم ئوزۇقلۇق مايلىرى قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
Posted: 2008-01-22 19:15 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » كۆكتاتلار

Total 0.057404(s) query 3, Time now is:03-17 17:44, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation