ماكاسسارلار بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 ماكاسسارلار

ماكاسسارلار ھىندونېزىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن سۇلاۋېسى ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىليون 150 مىڭ.
ماكاسسارلار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ، جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ماكاسار تىلىنى قوللىنىدۇ. مىللىي يېزىقى بار.
ماكاسسارلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى خرستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم تارمىقىغا ئېتىقاد قلىدۇ، بىر قىسىم ئاھالىلىرى ئىچىدە ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادنىڭ قالدۇقلىرىمۇ ساقلاپ قېلىنغان.
ماكاسسارلار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە دېڭىز ترانسىپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال بىلەن كۆممىقوناق تېرىلىدۇ.
ماكاسسارلار ئەسلىدە بۇگېنىسلار بىلەن قانداش مىللەت بولۇپ، مالايلىقلارنىڭ ئەۋلادى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى تەخمىنەن بۇنىڭدىن 1000 يىل بۇرۇن ھىندونېزىيە ئاراللىرى ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىن كۆچۈپ كەلگەن. كېيىن ماكاسسارلار بىلەن بۇگېنسلار پەيدىنپەي ئىككى مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى ئوخشاش بولسىمۇ بىراق تىل پەرقى چوڭ.
ماكاسسارلار ئادەتتە 20 - 40 ئائىلە بىر كەنت بولۇپ ئولتۇرىدۇ، دېڭىز قاتنىشى ۋە سودىغا ماھىر كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ سودا كېمىلىرى سۇماترا، مالايا، كالىمانتان، ياۋا ۋە سۇلاۋېسى ئاراللىرى ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىزدا قاتناپ تۇرىدۇ.
ماكاسسارلار توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىنى ئاساسەن ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىدۇ.
ماكاسسارلار ئاياللىرىنىڭ <بۇدۇن> دەپ ئاتىلىدىغان كىيىم - كېچەك پاسونى ئۆزگىچە بولۇپ، پۈتۈن ھىندونېزىيىگە كەڭ تارقالغان، بۇنى ھىندونېزىيە ھەر مىللەت ئاياللىرى ياقتۇرۇپ كېيىدۇ.
Posted: 2008-01-22 18:41 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » مىللەتلەر

Total 0.057072(s) query 3, Time now is:03-17 17:44, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation