يۈگۈرۈش ئۇنىڭ سېمىزلىك ئەندىشىسىنى يوقاتتى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 يۈگۈرۈش ئۇنىڭ سېمىزلىك ئەندىشىسىنى يوقاتتى

روبىرت كىچىك ۋاقتىدا يېمەكلىكنى  ئائىلە بېسىمىدىن قۇتۇلۇشنىڭ  ۋاسىتىسى  قىلىۋالغانىدى.
شۇنداقتىمۇ 16 يىل ئىلگىرى قوشۇقتىن ۋاز كېچىپ، يۈگۈرۈش ئايىغىنى قولغا ئالدى. ھازىر ئۇنىڭ بەدەن شەكلى زىلۋالىشىپ ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشىلىنىپ كەتتى.
روبىرت ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، ئىزچىل تەخسە قۇرۇقداشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى. بىر ۋاخ تاماقنى شامال سوققان بۇلۇتتەك بىردەمدىلا يەپ بولۇپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشەتتى. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئاتا - ئانىسىنى خۇش قىلماقچى بولاتتى.
ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىدە  زور مىقدارىدىكى ئارتۇق گۆش پەيدا بولدى. ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقى ئاخىرلاشقاندا ئېگىزلىكى 83.1 مېتىر كېلىدىغان روبىرتنىڭ تەن ئېغىرلىقى 98 كىلوگرمغا چىقىپ كەتتى. بۇ 36 ياشلىق ئاتلانتا شتاتىنىڭ ئاھالىسى: >قارىماققا سېمىز ئەمەستەك كۆرۈنىمەن، ئەمما ئېغىرلىقىم ئادەتتىن تاشقىرى ئېشىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يول مېڭىشىم تەسلەشتى< دەيدۇ.
بىر يىلدىن كېيىن روبىرت، ئىقتىسادىي سەۋەب تۈپەيلىدىن ئالىي مەكتەپتىن چېكىنىپ، ئاتا - ئانىسى بىلەن ئۇ يەردىن كۆچۈپ كەتتى. روبىرتقا نىسبەتەن بۇ ئۆزگىرىشلەر بىر يېڭى باشلىنىشتىن، ئۇنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىر پۇرسىتىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۇ قايتىدىن جانلىنىپ، ئورۇقلاش قارارىغا كەلدى.
ئەمما ھەممىلا ئادەم روبىرتنىڭ ئورۇقلىيالىشىغا ئىشىنىپ كېتەلمىدى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ قىز دوستى ئۇنى زاڭلىق قىلدى. دېمىسىمۇ روبىرت سېمىزلىكىدىن بىر كىلومېتىرمۇ يۈگۈرەلمەيتتى. روبىرت: >مەن قىلالايدىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا، ئۆزۈمگە چوقۇم ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ قويىمەن< دەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ ھەر كۈنى ئاخشىمى روبىرت يۈگۈرۈشكە چىقىدىغان بولدى. ئۇ چۈشەندۈرۈپ: >يۈگۈرۈشنى تاللىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى، مەن بىر خىل سالامەتلىككە پايدىلىق بولغان رىقابەت خاراكتېرلىك چېنىقىش بىلەن شۇغۇللانماقچى. قانچىلىك يۈگۈرەلىسەم شۈنچىلىك يۈگۈرۈيمەن. ئاندىن ماڭىمەن، يەنە يۈگۈرۈيمەن< دەيدۇ.
بىر نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈگۈرۈش ئارىلىقىنىڭ بارغانسېرى ئۇزۇراۋاتقانلىقىنى، يۈگۈرۈش سۈرئىتىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى بايقىدى، ئۇ يۈگۈرۈشكە خۇمار بولۇپ قالغانىدى.
يۈگۈرۈش جەريانىدا روبىرت كەيپىياتىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئىلگىرى كەيپىياتىنى ياخشىلاشتا ئۇ يېمەكلىككە تايىناتتى. يۈگۈرۈش ئۇنىڭ پسىخىك بېسىمىنى يوقىتىپ يالغۇز چاغلاردا ئۇنىڭ  مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئاكتىپ ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى تاپقۇزدى. يۈگۈرۈش ۋە ساغلام بولغان يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلىدى، ئالتە ئاي ئىچىدە ئېغىرلىقى 77 كىلوگرامغا چۈشتى.
روبىرت گەرچە 16 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا بۇ ئېغىرلىقنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ساغلام ۋە كېلىشكەن تەن قۇرۇلمىسى  تىرىشچانلىقنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى دەپ قارىمايدۇ. ئۇ: >مەن چوقۇم چېنىقىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، يېمەك - ئىچمەك، چېنىقىشنىڭ بېسىمى بىلەن ئارام ئېلىش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشىم كېرەك. مېنىڭ تىرىشچانلىقىم بىكارغا كەتمىدى< دەيدۇ.
ھازىرمۇ ئۇ يەنىلا يۈگۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ھازىرقى يۈگۈرۈش مارافونچە يۈگۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇ 50 نەچچە مەيدان يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بولدى، ئۇنىڭ ئىچىدە كۈچلۈك رىقابەت خاراكتېرىگە ئىگە دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇق ئەترىتى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىمۇ بار.
Posted: 2008-01-22 18:07 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

Total 0.056923(s) query 3, Time now is:03-17 17:43, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation