دۇراس گراف ئايىمغا يېزىلغان خەت بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 دۇراس گراف ئايىمغا يېزىلغان خەت

شاتۇبرىئانت  (1768 - 1848)  فرانسوۋا رېنې شاتۇبرىئانت - 19 - ئەسىردە ئۆتكەن فرانسىيىلىك يازغۇچى، فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە بوربون سۇلالىسىنى ھىمايە قىلغان، پادىشاھنى قوغداش ئارمىيىسىگە قاتناشقان، 1811 - يىلى فرانسىيە دۆلەتلىك تىل - ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە سايلانغان، بوربون خاندانلىقى تىرىلگەندىن كېيىن، دىپلوماتىيە ئەلچىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «خرىستىئان دىنىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى» ھەمدە «ئادارا»، «لېنې» (پوۋېست) قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 19 - ئەسىر رومانتىزم ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.
شاتۇبرىئاتنىڭ ئىدىيىسى ئىنتايىن مۇتەئەسسىپ، مۇھەببەت تۇرمۇشى ئىنتايىن رومانتىك، ئۇنىڭ گراف ئايىمغا يازغان بۇ خېتىدىنمۇ بۇنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
سۆيۈملۈك سىڭلىم، مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلەمسىزكىن؟ بۈگۈن ئەتىگەن سىزگە خەت يېزىش ئۈچۈن، بىر قېتىملىق كاتتا شىكاردىن ۋاز كەچتىم. سىزنى قايتا كۆرگەن ۋاقتىمدا، ئۆزۈمنى شۇ قەدەر خۇشال ھېس قىلدىم.
شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىمنى سىزگە زادىلا ئىزھار قىلىپ بولالمايمەن. سىزگە بولغان مۇھەببىتىم كۈندىن - كۈنگە كۈچەيمەكتە. خۇددى ئىلگىرى سىزگە ئېيتقىنىمغا ئوخشاش، مەن مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا ئانچە ماھىر ئادەم ئەمەسمەن. مەن پەقەت ئوي - پىكرىمنى «سىزنى سۆيىمەن» دېگەن ئاشۇ بىر خىل گەپ بىلەنلا ئىپادىلىيەلەيمەن، ئۇنىڭدىن ئارتۇق نېمە دېيىشىمنى بىلمەيمەن. شۇڭا خېتىم مۇشۇنداق تاققا - تۇققا يېزىلىپ قالدى، قاتتىق خىجىلمەن. ناۋادا خېتىمنى ئۇزارتماقچى بولسام، شەخسىي ئىشلىرىمنى دېسەم بولىدۇ. بۇنى قاراڭ، بىچارىلىقىمنى سىزمۇ بىلىشىڭىز كېرەكقۇ دەيمەن؟ سۆيۈملۈكۈم ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن.
Posted: 2008-01-22 18:05 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » سۆيگۈ مەكتۇپى

Total 0.078853(s) query 3, Time now is:03-17 17:43, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation