مىللېت ۋە ئۇنىڭ «باشاق تېرىش» دېگەن رەسىمى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 مىللېت ۋە ئۇنىڭ «باشاق تېرىش» دېگەن رەسىمى

مىللېت  19 - ئەسىردىكى فرانسىيىلىك رېئالستىك رەسسام ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىشچى - دېھقانلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى ۋە ئېغىر ئەمگەكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
مىللېت (1814 −1875 ، telliM siocnarF naJ) دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كېيىنچە ئىزچىل ھالدا دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغاچ رەسىم سىزغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە دېھقانلارنىڭ ئەمگەك ۋە تۇرمۇشى ئەينەن، تەسىرلىك سۈرەتلەنگەن بولۇپ، قويۇق مەھەللىۋى پۇراققا ئىگە. كىشىنى كۈچلۈك جەلپ قىلىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى سەمىمىي ھالدا «دېھقانلارنىڭ رەسسامى» دەپ ئاتاشقان.باشاق تېرىش مىللېتىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، رەسىمدە ئۈچ دېھقان ئايالنىڭ يازلىق ئېتىزدا باشاق تېرىۋاتقان ئەمگەك كۆرۈنۈشى سۈرەتلەنگەن. رەسسام پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكەت ھالىتى ۋە ئاددىي كىيىم - كېچەكلىرى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىكلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ «تەر بىلەن سۇغىرىلغان بۇغداي ۋە قوناق، ئەجرى ئالتۇن بىباھا ھەربىر باشاق» دېگەننى ئىپادىلەپ بەرگەن. مىللېتنىڭ ئەسەرلىرى چوڭقۇر دەۋر روھىغا ۋە ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
Posted: 2008-01-22 17:53 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » گۈزەل- سەنئەت

Total 0.057819(s) query 3, Time now is:03-17 17:52, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation