يالاڭ تورنىك بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 يالاڭ تورنىك

يالاڭ تورنىك ھەرىكىتىنىڭ تارىخى1  مىليون يىل ئىلگىرىكى ئىپتىدائىي ئادەملەر دەۋرىگە تۇتىشىدۇ. ئەينى چاغدىكى ئىنسانلار مايمۇنسىمان ئادەم چېغىدىكى دەرەخ شاخلىرىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ پۇلاڭلاش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان.
دۇنيادىكى تۇنجى يالاڭ تورنىك1812  - يىلى غەربىي ياۋروپانىڭ سېرك ئويۇنى تەسىرىدىن بارلىققا كەلگەن. ئۇ چاغلاردىكى تورنىك ھەرىكىتى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، تورنىك ھەرىكىتىنىڭ ياخشى - يامانلىقى پەقەت قانچە قېتىم پىرقىرىيالايدىغانلىقى بىلەن باھالانغان. كېيىن ھەر خىل تورنىكقا چىقىش ھەرىكەتلىرى بىلەن بەدەن بۇراش، رادىئۇسى ئۆزگىرىدىغان ئايلىنىش ۋە ھەر خىل ئۆرلەپ چىقىش، بوشلۇقتا موللاق ئېتىپ بەدەن بۇراشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەر بارلىققا كەلگەن.
يېقىنقى زامان گىمناستىكىسىدا ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغىنى يالاڭ تورنىك بولۇپ، ھازىر يالاڭ تورنىك ھەرىكەتلىرى تەرەققىي قىلىپ مىڭ نەچچە خىلغا يەتتى. پەقەت يالغۇز بىلەكتە ئايلىنىش ھەرىكىتىدىلا ئوڭ تۇتۇش، تەتۈر تۇتۇش، بىلەكنى تولغاپ تۇتۇشتەك كۆپ خىل ھەرىكەتلەر ھەمدە بىر تەرەپتىن بەدەن بۇراپ، بىر تەرەپتىن بەدەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە بوشلۇقتا موللاق ئېتىپ يەنە قايتا تورنىكنى تۇتۇۋېلىشتەك ھەرىكەتلەر بار. ھازىرقى زامان يالاڭ تورنىكىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تولۇق، ئورنى يۇقىرى، بوشلۇقى كەڭتاشا بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىت بولغاچقا، تورنىكتىن چۈشۈش ھەرىكىتىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان بولدى.
جۇڭگونىڭ يالاڭ تورنىك ھەرىكىتى ھەرىكەت دائىرىسى چوڭ، قىيىن، يېڭى، كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرارلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. تۇڭ فېي23  - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يالاڭ تورنىك تۈرىدە چېمپىيون بولغان.1989  - يىل10  - ئايدىكى25  - نۆۋەتلىك دۇنيا گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگونىڭ يېڭى ماھىرى لى چۈنياڭ چېمپىيون بولغان.
Posted: 2008-01-22 17:29 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » تەنتەربىيە

Total 0.057109(s) query 3, Time now is:03-17 17:52, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation