نۇكلېئىن كىسلاتا بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 نۇكلېئىن كىسلاتا

«قوغۇن تېرىساڭ قوغۇن ئالىسەن، پۇرچاق تېرىساڭ پۇرچاق». نېمە ئۈچۈن جانلىقلارنىڭ ئىككىنچى ئەۋلادى ھامان بىرىنچى ئەۋلادىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇيۇ، ئەمما بىرىنچى ئەۋلاد قوغۇن بىلەن پۇرچاقتا كىچىك قوغۇن بىلەن كىچىك پۇرچاقتىن ئىبارەت ئىپتىدائىي شەكلىنى تاپقىلى بولمايدۇ؟ ئىككى ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى بىردەكلىكنىڭ ساقلىنىش سەۋەبى ئىرسىي ماددا − نۇكلېئىن كىسلاتادا.
ئەڭ دەسلەپتە كىشىلەر بۇ خىل ماددىنى يىرىڭدىكى ھۈجەيرىدىن بايقىغان بولۇپ، ئۇ كىسلاتالىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلىگەچكە، ئۇنى نۇكلېئىن كىسلاتا (يادرو كىسلاتا) دەپ ئاتىغان. كېيىنچە كىشىلەر يەنە بارلىق جانلىقلار ھۈجەيرىلىرىدە نۇكلېئىن كىسلاتانىڭ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. يەنە نۇكلېئىن كىسلاتانىڭ ئىككى خىل بولىدىغانلىقىنىمۇ بايقىغان: يەنى، بىر خىلى رىبونۇكلېئىن كىسلاتا بولۇپ، قىسقارتىلىپ ANR دېيىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى دېئوكسىرىبونۇكلېئىن كىسلاتا بولۇپ، قىسقارتىلىپ AND دېيىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل ماددىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكسىيىسى ئوخشاش ئەمەس. AND ئاساسلىقى ئۆزىدىن «بىر بالداق ئۈستۈنكى ئەۋلاد» قالدۇرغان ئىرسىي ئۇچۇرلارنى ئېلىپ يۈرىدۇ ۋە يەتكۈزىدۇ. ANR بولسا AND دىكى ئۇچۇرلارنى كۆچۈرۈۋالىدۇ ھەمدە شۇنىڭغا ئاساسەن يېڭى بىر ئەۋلاد ئاقسىلنىڭ سىنتېزلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بالىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئوخشىشى − ئاتا - ئانىسىدىكى ئىرسىي ئۇچۇرلارنىڭ AND ئارقىلىق بالىغا مىراس بولۇپ قالغانلىقى، شۇنداقلا ANR تەرىپىدىن «تەرجىمە» قىلىنىپ يېڭى بىر ئەۋلاد ئاقسىل سىنتېزلانغانلىقىنىڭ نەتىجسىدۇر. شۇڭلاشقا، نۇكلېئىن كىسلاتانى «ھاياتلىق ئەلچىسى» دەيمىز.
ئۇنداق بولسا نۇكلېئىن كىسلاتا ئىرسىي ئۇچۇرلارنى قانداق ئېلىپ يۈرىدۇ ھەم يېڭى بىر ئەۋلاد ئاقسىلنى سېنتىزلاشقا ئىشلىتىدۇ؟ ئالىملار نۇكلېئىن كىسلاتانىڭ نۇكلېئوتىدلارنىڭ پولىمېرلىنىشىدىن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ھەربىر نۇكلېئوتىد فوسفات كىسلاتا، رىبوزا (بەش دانە كاربون ئاتومى بولغان بىر خىل شېكەر) ۋە ئىشقار رادىكاللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ خىللىرى كۆپ بولغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئادېنىن (A)، گۇئانىن (G)، سىتۇزىن (C)، تىمىن (T)، ئۇراتسىل (U) دەپ ئاتىغان. ھەربىر نۇكلېئوتىدتا پەقەت بىرلا ئىشقار رادىكالى بولىدۇ.
يەككە - يەككە نۇكلېئوتىدلار بىر - بىرلەپ تۇتىشىپ بىر تال زەنجىر ھاسىل قىلىدۇ، ئىككى زەنجىر پاراللېل ھالەتتە قاتارلىشىدۇ، ھەربىر نۇكلېئوتىدتىكى ئىشقار رادىكاللىرى يەنە تەرتىپ بويىچە توغرىسىغا تۇتىشىپ »ئارقان شوتا« شەكىللەندۈرىدۇ - دە، تولغىشىپ «ئەشمە قۇيماق» شەكلىگە كېلىدۇ. مانا بۇ AND نىڭ قۇرۇلمىسى − داڭلىق «قوش بۇرما» لىق تۈزۈلۈشى بولۇپ، ھۈجەيرىدە ساقلىنىدۇ. چۈنكى، ھەر ئۈچ دانە ئىشقار رادىكالى بىر دانە «كود (شەرتلىك بەلگە)» نى تۈزىدىغان، بىر دانە AND دىكى ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ سانى بىرقانچە مىليونغىچە بولىدىغان بولغاچقا، AND دىكى ئۇچۇرلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئىككى زەنجىر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ توغرىسىغا تۇتىشىشىدا مۇئەييەن قانۇنىيەت بولىدۇ، يەنى A پەقەت T بىلەن، G پەقەت C بىلەن تۇتىشىدۇ. مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە بولغاندا، ئەگەر بىر زەنجىر ... TGCTA ... بولسا، يەنە بىر زەنجىر ... ACGAT ... بولىدۇ، بۇ ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ جۈپ تۈزۈش قائىدىسى دېيىلىدۇ. بۇ قانۇنىيەت ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، AND مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە ئەسلىدىكىگە ئوپمۇئوخشاش يەنە بىر AND نى نۇسخىلاپ چىقالايدۇ. ANR مۇ مۇشۇ قانۇنىيەت ئارقىلىق AND دىكى «كود» لارنى «كۆچۈرۈپ» ئالىدۇ.
ئەگەر ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ جايلىشىش تەرتىپى خاتا بولۇپ قالسا ياكى ئۇنىڭدا كەملىك ۋە ئارتۇقلۇق ھادىسىلەر كۆرۈلسە، ئىرسىيەتتىكى خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ - دە، كېسەللىك، ھەتتا ئۆلۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
Posted: 2008-01-22 17:14 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » خىمىيە

Total 0.070938(s) query 3, Time now is:03-17 17:51, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation