يەتتە چوڭ مۆجىزە بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 يەتتە چوڭ مۆجىزە

دۇنيا بىناكارلىق تارىخىدا، قەدىمقى يۇنان قۇرۇلۇشلىرىنى دۇنيادا تېپىلمايدىغان تەۋەرۇك دېسەد بولىدۇ. ئۇ كۈلىمىنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى، نەقىشلىرىنىڭ نەپىسلىكى، شەكلىنىڭ  گۈزەللىكى بىلەن ئالەمگە مەشھۇر. بۇنىڭدىن 2000 نەچچە يۈزيىل ئىلگىرى  فىنىكلىق بىر يازغۇچى شېئىرىي تىل ئارقىلىق دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنى - شۇ زامانلاردا دۇنيادا ئەڭ كۆركەم بولغان يەتتە چوڭ ئىمارەتنى مەدىھىيلىگەن ۋە تەسۋىرلىگەن. بۇ يەتتە چوڭ مۆجىزىدىن، يۇقۇرىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن مىسىر ئېھراملىرى ۋە بابىلىدىكى مۇئەللەق باغچىسىدىن باشقىلىرنىڭ ھەممىسىنى قەدىمقى يۇنانلىقلار مىلادىدىن ئىگىرى 6 - ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى 3 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىجات قىلغان بولۇپ، بۇلاردا قەدىمقى يۇناننىڭ بىناكارلىق تېخنىكىسى ۋە نەققاشچىلىق سەنئىتىنىڭ يۈكسەك مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەركەزلىك نامايەن قىلىنغان.
    ئالدى بىلەن گەپنى يۇنان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئولۇمپىيە تېغىدىن باشلايلى، بۇ تاغدا تۇرۇپ قارايدىغان بولساق، ئۇ يەردىكى غايەت زور زېۋىس خۇدانىڭ ھەيكىلىنىڭ قەد كۆتىرىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.
    زېۋىس يۇنانلىقلارنىڭ نەزىرىدە «خۇدالار پېشىۋاسى» بولۇپ، ئۇ خۇدالارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ ھەممە ئىشنى باشقۇرىدىكەنمىش. ئېيتىشلارغا قرىغاندا، ئۇ ئۆلۈمپىيە تېغىدا تۇرىدىكەن. يۇنانلىقلار  ئافىنادىكى ئەڭ مەشھۇر نەققاش پىدىاسنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ بۇ ھەيكەلنى ياساتقۇزغان. ئۇ توپ _ توغرا  سەككىز يىل ئىشلەپ، ئاخىر ئىگىزلىكى 15 مېتىر كېلىدىغان بۇغايەت زور ھەيكەلنى پۈتتۈرگەن. زېۋىس خۇدا ھەيكىلى  قارىياغاچتىن ئويۇلغان بولۇپ، بوينىڭ ئىگىزلىكى 12 مېتىر، ئۇلى ئۈچ مېتىر، قارا مەرمەردىن ياسالغان. تۆت ئەتراپىدىكى تاممۇ مەرمەردىن ياسالغان. بۇ مەرمەرلەر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ پارۇس ئارىلىدىن قېزىپ كېلىنگەن.
    زېۋىس خۇدانىڭ ھەيكلىگە كېيىدۇرۇلگەن كىيىملەرنىڭ ھەممىسى ئالتۇن ياپراقلاردىن ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا مەرۋايىت ۋ گۆھەر قۇندۇرۇلغان. بەدىنىنىڭ ئوچۇق قالغان قىسمى پىل چىشىدىن. ئىككى كۆزى گۆھەردىن ياسالغان، بېشىدىكى تاجىمۇ ئالتۇندىن ياسالغان. ھەيكەلنىڭ ئوڭ قولىغا غەلىبە خۇداسى تۇتقۇزۇلغان؛ سول قولىغا ھوقۇق سىمۋۇلى بولغان «زاكۇن  تايىغى» تۇتقۇزۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەيۋەتلىك ۋە كىشىلەر تەپ تارتىدىغان بىر بۈركۈت ئويۇلغان ھەيكەل ئولتۇرغۇزۇلغان ئورۇندۇق ئالتۇن بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەتىياز، ياز، قىش دەپ ئاتالغان ئاچا _ سىڭىل ئۈچ ئىلاھىنىڭ ھەيكىلى چۈشۈرۈلگەن. ئاستىغا غەلىبە ئىلاھىسى بىلەن، پەرى سفىنكىسنىڭ ھەيكىلى ئويۇلغان، يەنە ئايال خۇداسىنىڭ قىزىنى ئۆلتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە تەسۋىرلەنگەن.
    زېۋىس خۇدانىڭ ھەيكىلى مىلادىدىن ئىلىگىرى 450 _ يىلى ياسالغان بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىر 3 - ئەسىرگە كەلگەندە بۇ قىممەتلىك ھەيكەل بۇزۇپ تاشلانغان، زىننەت ئۈچۈن ئىشلتىلگەن ئالتۇن. مەرۋايىت، گۆھەلەر قالدۇرماي ئوغىلانغان، ھەتتا ھەيكەلنىڭ بويى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن قارىياغاچمۇ ئوغرىلىنىپ چەتئەللەرگە سېتىۋېتىلگەن.
    ئېگەي دېڭىز بىلەن يۇننان ئايرىپ تۇرىدىغان كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىدا مائۇسولۇس قەۋرىسى قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ.
    مائوسولۇس يۇنان قەلئەلىرىدىن بولغان كارىيە قەلئەسىنىڭ پادىشاھى ئىكەن. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرى 395 - يىلى خارلىكارنائۇسنى پايتەخت قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قەۋرىسىنى سېلىشقا تۇتۇش قىلىش ھەققىدە بويرۇق بەرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 353 - يىلى بۇ پادىشاھ ئۆلگەن چاغدىمۇ بۇ قەۋرە پۈتمىگەن، خانىش داۋاملىق تۈردە ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.
    بۇ قەۋرە تۆت چاسا بولۇپ، ناھايتى كاتتا قىلىپ ياسالغان. ئۇزۇنلۇقى 39 مېتىر، كەڭلىكى 33 مېتىر، ئىگىزلىكى 50 مېتىر كېلىدىكەن. قەۋرىنىڭ ئۇلى ناھايىتى ئىگىز بولۇپ، پۈتۈنلەي ئاق مەرمەردىن ياسالغان، كارامەت نەقىشلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئىكەن. ئۇلى ئۈستىگە جەمئى 36 دانە تۈۋرۈك قۇيۇلغان بولۇپ، ئالامەت ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈمبەز سلېىنغان. گۈمبەز ئۈستىگە يەنە پادىشاھ مائۇسولۇس بىلەن خانىش ئارتېمىسىيە چۈشكەن تۆت ئاتلىق ھارۋىنىڭ ھەيكىلى قوندۇرۇلغان، ھەيكەلنىڭ ئىگىزلىكى تۆت مېتىر بولۇپ، خەددى تىرىك ئادەمدەك كۆرۈنىدۇ.
    مائۇسسۇلۇس قەۋرىسىنىڭ قەدىمىقى يۇناننىڭ نازۇك ئادەم ھەيكىلى سەنئىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرى 262 - يىلى بۇزۇۋېتىلگەن. كېيىنكى چاغلاردا كىشىلەر ئۇنىڭ ئورنىنى قازغاندا، قەۋرە ئىچىدىكى لەخمە ۋە ئىچكى قەۋرىنى قەۋىرىدىكى پادىشاھنىڭ تاشتىن ياسالغان كېپىنىنى ئۇچراتقان.
    مائۇسولۇس قەۋرىسىگە يېقىن جايدا، ئېگەي دېڭىزى ساھىلىدا ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولغان ئايال خۇدا ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى  بار .
    ئارتېمىس يۇنانلىقلار بەك ھۆرمەت قىلىدىغنا خۇدا بولۇپ، ئۇ ھەم ئاي خۇداسى، ھەم ئوچىلىق خۇداسى ئىكەن. بۇ جايدا ئەسلىدە بىر ئايال خۇدا ئىبادەتخانىس بولۇپ، بەكمۇ ئاددى ئىكەن. پەقەت ئىچى كاۋاك بىر دەرەخ غولىغا بىر دانە كىچىىك ھەيكەل قويۇلغان ئىكەن، مىلادىدىن ئىلگىرى 560 - يىلى كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان، يۇنان قەلئەلىرىدىن بولغان ئېپېسموسنىڭ پادىشاھى بۇ ئايال خۇدانى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ ئايال خۇدا ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرغان.
    يېڭى سېلىنغان ئايال خۇدا ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 126 مېتىر، كەڭلىكى 65 مېتىر كېلىدىكەن. ئاستىدا 10 پەلەمپەي بولۇپ، تۆت ئەتراپىدا 127 دانە تۈۋرۈك قويۇلغان ئىكەن. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئىگىزلىكى 23 مېتىر كېلىدىكەن. بۇ ئىبادەتخانا تۆت چاسا مەرمەر بىلەن يېپىلغان بولۇپ، بەك ھەيۋەتلىك كۆرىنىدىكەن. ئىبادەتخانا ئالدىدا ئۈچ رەت تاش تۈۋرۈك قويۇلغان. ھەر بىر رەتتە سەككىز تۈۋرۈك بار ئىكەن؛ ئىبادەتخانىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئىككى رەت تاش تۈۋرۈك قويۇلغان، ھەربىر رەتتە توققۇز دانە تۈۋرۈك بار ئىكەن. ھەر بىر تۈۋرۈكنىڭ ئۇلىغا ئادەم بويى كېلىدىغان مېتال قويۇلغان ئىكەن. تۈۋرۈكلەرگە ھەرخىل ئەپسانىۋى ھېكايىلەر تەسۋىرلەنگەن نەقىشلەر ئويۇلغان بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى بەدى قىمممەتكە ئىگە ئىكەن. ئەپسۇسكى، بۇ ئايال خۇدائىبادەتخانىسى مىلادىدىن ئىلگىرى 3 - ئەسىرگە كەلگەندە ئۇرۇشتا ۋەيران  قىلىنغاچقا، ھازىر ئۇنىڭ ئەسلى قىياپىتى كۆرۈشىمىگە ئىمكانىيەت قالمىغان.
    ئېگەي دېڭىزىدىن جەنۇپقا قاراپ ماڭسا، ئوتتۇرا دېڭىزغا بارىدۇ. بۇ ئىككى دېڭىز ئارىلىقىدا رودې دېگەن ئارال بار، ئارالدا ئالتۇندەك چاقناپ تۇرىدىغان قۇياش خۇداسىنىڭ غايەت زور ھەيكىلى قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ.
    مىلادىدىن ئىلگىرى 4 - ئەسىردە، رودې ئارىلى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي تەرىپدىكى بېرىش - كېلىش ناھايىتى تەرەققى قىلغان قاتناش مەركىزى بولۇپ قالغان. بۇ جايدا سودا تەرەققى قىلغان بولۇپلا قالماستىن، نەققاشچىلىق سەنئىتىمۇ ناھايىتى تەرەققى قىلغان، ئارالنىڭ ھەممىلا يېرىدە خۇدالار ھەيكىلى ئويۇلغان دېيىشكە بولىدۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ يەردىكى غايەت زور تىپتىكى ھەيكەل يۈز نەچچىگە يېتىدىكەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 292 - يىلى رودېلىقلار ماكىدۇنىيلىكلەرنى يەڭگەن، غەلىبىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئولجا ئالغان قورال _ ياراقلارنى ئېرىتىپ، يۇناننىڭ مەشھۇر ھەيكەلتارىچى كارۇسنى قۇياش خۇداسىنىڭ ھەيكىلىنى ياساشقا تەكلىپ قىلغان. كارۇس توپ _ توغرا 12 - يىل ئىشلەپ، مىلادىدىن ئىلگىرى 280 - يىلغا كەلگەندە ئاندىن بۇ غايەت زور مېتال ھەيكەلنى پۈتتۈرگەن.
    بۇ قۇياش خۇداسىنىڭ ھەيكىلى زادى قانداق بولغىدى؟ بۇ ھەقتە ئەزەلدىنلا ئىككى خىل پىكىر بولۇپ كەلگەن. بۇ خىل پىكىردىكىلەر، بۇ ھەيكەلنىڭ ئىگىزلىكى 32 مېتىر، ئىككى پۇتىنى جۇپلەپ مەرمەردىن ياسالغان ئۇل ئۈستىگە تۇرغۇزۇلغان، بېشىغا نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئالتۇن تاج كىيدۈرۈلگەن، ئوڭ قولىغا مەشئەل تۇتقۇزۇلغان، نۇرلىنىپ تۇرغان ئىككى كۆزى دېڭىزغا قاراپ تۇرغان، دەپ ھېساپلىغان. يەنە بىر خىل پىكىردىكىلەر، ھەيكەلنىڭ ئىگىزلىكى 46 مېتىر بولۇپ، ئىككى پۇتىنى كىرىپ پورت ئېغىزىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا دەسسەپ تۇرغان، پورتقا كىرىپ _ چىققان كېمىلەر ئۇنىڭ چاتىرىغىدىن ئۆتۈپ تۇرغان. دەپ ھېساپلىغان. ھەر خىل پىكىرلەرنىڭ كېلىپ چىقشىدىكى سەۋەپ، بۇ قوياش خۇداسى ھەيكىلىنىڭ ئۆمرى بەك قىسقا بولغانلىقىدىن ئىبارەت. ھەيكەل پۈتۈن يېرىم ئەسر ئۆتكەندىن كېيىن يەر تەۋرەپ، بۇ ھەيكەل ئورۇلۇپ چۈشكەن، پارچىلىنىپ كەتكەن مېتال پارچىلىرىنى سودىگەرلەر چەتئەللەرگە سېتىلۋەتكەن.
    ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە، يۇنان يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇدۇلىدا ئالېكىساندىرىيە پورتى بار بولۇپ، بۇ پورتتا بۇلۇتقا تاقىشىدىغان ماياك مۇنارى بار، مەشھۇر ئالېكىساندىرىيە ماياك مۇنارى ئەنە شۇ.
    ئالېكساندىر  شەھىرى نىل دەرياسىنىڭ غەرپ تەرىپىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويىغا جايلاشقان بولۇپ، مسىرنىڭ ئەڭ چوڭ دېڭىز پورتى . دېڭىزدا پارىس دېگەن بىر كىچىك ئارال بولۇپ، ئۇنى بىر كىلومېتىر كېلىدىغان قاش ئالېكساندىرىيە شەھىرىگە تۇتاشتۇرۈپ تۇرىدۇ. يۇناندىكى ماكسدۇنىيلىكلەر مىسرنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، پارىس ئارىلىدا ماياك مۇنارى سېلىشقا كىرىشكەن. ئۇلار ئىلگىرى _ كېيىن بولۇپ 20 يىل ئىشلەپ، مىلادىدىن ئىلگىرى 280 _ يىلىغا كەلگەندە ئاندىن پۈتتۈرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرگە بۇ ماياك ئېنىق يۇنۇلۇش كۆرسىتىپ بەرگەن.
    بۇ ماياك مۇنارىنىڭ ئىگىزلىكى 120 مېتىرچە بولۇپ، جەمئى تۆت قەۋەت ئىكەن. ئاستى تۆت چاس ئۇل بولۇپ، ئىگىزلىكى ئالاھەزەل 70 مېتىر كېلىدىكەن؛ ئىككىنچى قەۋىتى  سەككىز بۇرجەكلىك مۇنار تېمى بولۇپ، ئىگىزلىكى 38 مېتىر ئىكەن. بۇ ئىككى قەۋىتىنىڭ دەرىزىسى بار ئىكەن. ئۈچىنچى قەۋىتى يۇمۇلاق مۇنار بولۇپ، ئۇنىڭغا يېرىم ئادەم، يېرىم بېلىق خۇدانىڭ ھەيكىلى ئويۇلغان ئىكەن. ئەڭ ئۈستى قەۋىتى سېگنال ئۆيى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەيۋەتلىك، قولىدا بېلىق سانچىغۇچى تۇتقان دېڭىز خۇداسى ھەيكىلى ئويۇلغان ئىكەن. مۇنارنىڭ ئۇچىغا شوتا بىلەن چىققىلى بولىدىكەن.
    ئالېكساندىرىيە پورتىدىكى ماياك مۇنارىنىڭ ئىككى ئالاھىدىلىكى بار: بىرى، مەرمەردىن ياسالغان مۇنار قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختا بولۇشى ئۈچۈن، مەرمەرنىڭ چەكلىرى پۈتۈنلەي قۇغۇشۇن بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان؛ يەنە بىرسى، سېگنال چىرىغىنى يىراقتىكى كېمىلەرنىڭ كۆرەلىشى ئۈچۈن مۇنارنىڭ ئۇچىغا يوغان ئوچاق ئورنىتىلغان، ھەركۈنى كېچىسى ئوچاقتا لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈپ تۇرغان، ئوتنىڭ نۇرى غايەت زور مىس ئەينەك بىلەن قايتقاچقا، 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز يۇزىنىمۇ يورۇتۇپ تۇرغان.
    ئالېكساندىرىيە پورتىدىكى ماياك مۇنارى شۇ زامانلاردا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز مۇنار بولۇپ، 1600 يىلچە ئىشلىتىلگەن يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ ئالتىسى خان _ پادىشاھلارنىڭ باغچىسى، قەۋرىسى ياكى خۇداغا تاۋاپ قىلىدىغان ھەيكەل، پەقەت ئالېكىساندىرىيە پورتىدىكى ماياك مۇنارىلا خەلققە بەخت ئاتا قىلىدىغان بىردىن _ بىر قۇرۇلۇش ھېساپلىنىدۇ.
Posted: 2008-01-22 17:09 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » تارىخ

Total 0.080360(s) query 3, Time now is:03-17 17:43, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation