قۇرۇقلۇق بوغۇزى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 قۇرۇقلۇق بوغۇزى

قۇرۇقلۇق بوغۇزى توپا كۆۋرۈككە ئوخشاش بولۇپ، بەزىلىرى ئىككى چوڭ قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، پاناما بوغۇزى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ؛ بەزىلىرى يېرىم ئارال بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، كرا بوغۇزى مالاي يېرىم ئارىلى بىلەن ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى باغلاپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ.
قۇرۇقلۇق بوغۇزىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، بەزىلىرى ماتېرىك بۆلىكىنىڭ لەيلەپ يۈرۈشىدىن شەكىللەنگەن، بەزىلىرى قۇرۇقلۇق بۆلىكىنىڭ دېڭىزغا چۆكۈشىدىن شەكىللەنگەن. يەر شارىدا قۇرۇقلۇق بوغۇزى ناھايىتى ئاز تارقالغان، مۇھىمراق بولغانلىرىدىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پاناما بوغۇزى، ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۇۋەيش بوغۇزى، مالاي يېرىم ئارىلى بىلەن ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كرا بوغۇزى قاتارلىقلار بار.
قۇرۇقلۇق بوغۇزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئۇ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنى، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن يېرىم ئارالنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك، شۇنداقلا قاتناشتىكى مۇھىم يول ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇقلۇق بوغۇزى بىرقەدەر تار بولۇپ، ئىككى تەرىپى سۇ بىلەن تۇتىشىپ تۇرغاچقا، ئۇ قانال قېزىشتىكى ياخشى يەر بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، پاناما قانىلى ئوتتۇرا ئامېرىكا بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدۇ؛ سۇۋەيش قـانىلى سۇۋەيـش بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن قىزىل دېڭىز ۋە ھىندى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدۇ. قۇرۇقلۇق بوغۇزىدا قانال قازسا ئـوكيـان يـاكى دېـڭىـزلارنى ئۆزئـارا تۇتاشتۇرۇپ، دېڭىز قاتناش مۇساپىسىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، پاراخوت ئا ق ش نىڭ غەربىدىكى دېڭىز پورتىدىن جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ پاناما قانىلىدىن ئۆتۈپ جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز پورتىغا بارسا، ئۇنىڭ مۇساپىسى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىن ئەگىپ ئۆتكەنگە قارىغاندا10  مىڭ كىلومېتىر قىسقا بولىدۇ
Posted: 2008-01-22 17:02 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » جۇغراپىيە

Total 0.090564(s) query 3, Time now is:03-17 17:43, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation