تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش لايىھىسىدە ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپلار بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


بۇ بەتتىكى يازما : تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش لايىھىسىدە ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپلار بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش لايىھىسىدە ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپلار

ئاساس مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى پروگراممىسى )سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ(دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەتنىڭ دەرس ئۆلچىمى دەرسلىك تۈزۈش، ئوقۇش، باھالاش ۋە ئىمتىھان سوئالى چىقىرىشنىڭ ئاساسى، دۆلەتنىڭ دەرسلىرىنى باشقۇرۇش ۋە باھالىشىنىڭ ئۇلى ھېسابلىنىدۇ. دەرس ئۆلچىمىدە دۆلەتنىڭ خەلقنىڭ مەلۇم جەھەت )ياكى ساھە( ئىگە بولىدىغان ئاساسىي ساپاسى بەلگىلەندى. دەرس ئۆلچىمىدىكى ئوقۇتۇش نىشانى ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنى بولسا، دۆلەتنىڭ خەلقنىڭ مەلۇم جەھەت )مەلۇم ساھە(دىكى ئاساسىي ساپا تەلىپىنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش لايىھىسى، شەكسىزكى، تىل - ئەدەبىيات ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىشى كېرەك.
)1( تىل - ئەدەبىيات دەرس نىشانىنى ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.
ئوقۇتۇش — ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەلگىلەنگەن نىشان يۆنىلىشىگە قاراپ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلشى جەريانىدىن ئىبارەت. دەرس ۋە ئوقۇتۇش نىشانى دەرسىنى يولغا قويۇش ۋە ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ مۆلچەرلەنگەن بىر خىل نەتىجىسى دەرس رولىنىڭ مەكتەپ تەربىيىسىدىكى ئىپادىلىنىشى، تەربىيىلەش نىشانىنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى ۋە مەشغۇلاتلاشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتۇش پائالىيىتىمىزنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە قىلىدىغان ئىشىدۇر. شۇڭا، ئوقۇتۇش لايىھىسىدە دەرس نىشانىنى ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.
ئاساس مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئاساسەن، دەرس ئۆلچىمىدە بىلىم ۋە ماھارەت، جەريان ۋە ئۇسۇل، ھېسىيات - پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلچەم بىرگەۋدە قىلىنغان. دەرس نىشانى تىكلەندى. بىر پۈتۈن ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە بىلىم ۋە ماھارەت، جەريان ۋە ئۇسۇل، ھېسىيات - پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت نىشاننى بىر تۇتاش ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەككى، ئۇنى ئايرىۋېتىشكە ياكى قارىمۇ - قارشى قىلىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئوقۇتۇش لايىھىسىنى ئىشلىگەندە ئۈچ ئۆلچەملىك نىشان، ئورتاق ۋاقىت خاراكتېرىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ھەربىر ئۆلچەم نىشانىغا يېتىشتە مۇئەييەن ۋاقىت قارىشىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ھەربى نىشاننىڭ رىئاخرونىك ئالامىتىنى تەھلىللىك تەتقىق قىلىش كېرەك؛  ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ بەزىلىرىنى سىرتقا ئىپادىلىگەن ھەرىكەت شەكلىدە بايان قىلىشقا بولىدىغانلىقىغا بەزىلىرىنىڭ ئىچكى يوشۇرۇن ئۆزگىرىش بولۇپ ئىپادىلىنىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. شۇڭا ئوخشىمىغان شەكىلدە پەرقلىق ئىپادىلەش ھەمدە ئۇلارنى ماسلاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇش لازىم؛ دەرسلىك ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئۈچ ئۆلچەملىك نىشان توغرىسىدا تاللاپ تۇرۇپ توغرا تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ دەرس ئۆلچىمىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بەلگىلەنگەن ئاساسىي نىشاننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش لازىم. لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي پەرقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئىندېۋىدۇئاللاشتۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە ھاسىل بولغان مۆلچەرلەنمىگەن نىشانغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
تىل - ئەدەبىيات دەرس نىشانىدا ھەم تىل - ئەدەبىيات دەرسنىڭ ئومۇمىي نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ياش ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئۆگىنىش تەلىپىگە ئاساسەن، باسقۇچلارغا بۆلۈنگەن نىشان بەلگىلەندى. تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش لايىھىسىنى تىكلىگەندە تەرتىپ بىلەن تەدرىجى ئىلگىرىلەش، ئالدى - ئارقىسىغا قاراپ ئىش قىلىش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇلاشقا دىققەت قىلىش، تۆۋەندىن يۇقىرىغا بۇرمىسىمان ئۆرلىگە تەدرىجى ئىلگىرىلەش نىشانلىرىنى بەرپا قىلىش لازىم. تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە تىل - ئەدەبىيات دەرسنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرى — خەت تونۇش - خەت يېزىش، ئوقۇش، يېزىقچىلىق، ئاغزاكى ئالاقە، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئۆگىنىش توغرىسىدىكى ئۆگىنىش تەلەپلىرى ئايرىم - ئايرىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىش لايىھىسى ئىشلىگەندە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئەتراپقا سەپسېلىش، سىڭدۈرۈشكە، ماسلاشتۇرۇشقا ۋە ئۆز ئارا تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپو، بىر  - بىرىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا پايدىلىنىپ ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئۇنىۋېرسال سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
)2( تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم
ئىدىيە قاراش — ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىسىدۇر ئىدىيە شەخسنىڭ چوڭقۇر  ئويلىنىپ ئىدراكلاشتۇرغان تونۇشى، ئوقۇتۇش ئەمەلىيتىدىكى ئىچكى مېخانىزم ۋە مەشغۇلات ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى ماركىسىزم ۋە ئىلمىي مائارىپ نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگونىڭ تىل - ئەدەبىيات تەربىيىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەت ساۋاتلىرىنى يەكۈنلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ تەرجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ، زامانىۋىلاشقان جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان تىل - ئەدەبىيات دەرسىنى تىرىشىپ بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان نەزەرىيە جەھەتتىن يىغىنچاقلانغان تونۇش نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئوقۇتۇش لايىھىمىزدە، دەرسخانا ئوقۇتۇشىمىزدا، ئوقۇتۇشنى باھالىشىمىزدا ئەمەل قىلىنىدىغان ئاساسىي پىرىنسىپ بولۇشى كېرەك.
تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىگە ئاساسەن، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش لايىھىسىگە تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتىن كۈچ چىقىرىش لازىم: بىرىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتى ئاساس قىلىنغان قىممەت يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا كۈچ چىقىرىش لازىم. ئىككىنچىدىن، تىل - ئەدەبىيات مائارىپىنىڭ قانۇنىيىتىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، تىل - ئەدەبىياتنىڭ گۇمانتارلىق ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا يېقىن بولۇش، مىللىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تىل - ئەدەبىيات مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم؛ ئۈچىنچىدىن، دەرسنى يولغا قويۇش تەلىپى بويىچە، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەش لازىم.
)3( ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تولۇق بىلىش كېرەك
ھەرقانداق ئوقۇتۇش لايىھىسىدە ئۆگىنىش تەھلىل قىلىش زۆرۈر باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ. ئۆگىنىشكە زۆرۈر بولغان تەھلىل ئۆگىنىش مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىش ۋە ئۆگەنگۈچىلەرنى تەھلىل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلىش ئوقۇتۇش لايىھىسىنى ئىلمىي ئىشلەشنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ. 
ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش مەقسەتلىك ھەرىكەت بولۇپ، ئوقۇتۇش لايىھىسىدە ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشتە ئاساسلىقى ئۆگىنىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىكى ئامىللار چۈشىنىلىدۇ.  ئۇنىڭ مەزمۇنى ئادەتتىكىچە چۈشىنىش ۋە كونكرېت چۈشىنىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئادەتتىكىچە چۈشىنىش دېگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى پسىخىكا ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق، قانۇنىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى تونۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ؛ كونكرېت چۈشىنىش سىز  ئوقۇتۇۋتقان ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەمنىڭ كەچۈرمىشى، مۇھىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، بىلىش، ھېسىيات، ئىرادە قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ پەرق بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى پسىخولوگىيىلىك قانۇنىيىتى ، ئۇلاردىكى ئومۇمىي ئالاھىدىلىكلەرنىلا ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكتىن قانداق شەكىل بىلەن ئىپادىلەش، ئۇلارنىڭ قانداق كونكرېت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن. ئوقۇغۇچىلارنى كونكرېت چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنى كونكرېت چۈشىنىشتە ئاساسلىقى ئۆزى ئوقۇتۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردا ئىپادىلەنگەن بىلىش، ھېسىيات، ئىرادە قاتارلىق جاھەتلەردىكى ئۆزگىچە ئىندېۋىدۇئال ئالاھىدىلىكىنى بىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئۆگىنىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان تەرەپلەردىن قارىغاندا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىدا بىلىم تەجرىبە سەۋىيىسى، ھېسىيات ۋە پوزىتسىيىسىنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋال، ئىندېۋىدۇئال پسىخىكا ئالاھىدىلىكى )مەسىلەن، ئىشەنچ، ئۇقۇم تۇيغۇسى، مۇددىئا، قابىلىيەت، ئىرادە قاتارلىقلار(. ئۇسۇل ۋە ئادەت، ئىجتىمائىي مۇھىت قاتارلىق مەزمۇنلارنى بىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
)4( تىل - ئەدەبىيات دەرسخانىدا ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى ئەتراپلىق تەشكىللەش كېرەك.
تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەرەققىيات سۇبيېكتى ئىكەنلىكى؛ مۇستەقىل ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىزگە مەلۇمكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ۋە ئوقۇتۇش داۋامىدىكى سۇبيېكتلىق  ئورنىنى تىكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەش بۇ قېتىمقى دەرس ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلاrدىكى ئۆگىنىش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىش ئوقۇتقۇچىنىڭ  ئوقۇتۇش شەكلى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار4ىڭ ئۆز ئارا قوزغىتىش شەكلى ۋە دەرسلىكنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە  باغلىق بولىدۇ.
تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار باراۋەر سۆزلىشىش داۋامىدا ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكى ئېنىق كۆرسىتىلدى. ئوقۇتۇش ھەققىدىكى تەكلىپتە ئوقۇش — ئوقۇتۇش — ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئەسەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلىشىش جەريانى. دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېڭى دەرستە قارىلىشچە، ئوقۇتۇش مۇئەييەن مۇھىتتا، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكنى ۋاسىتە قىلغان سۆزلىشىشتىن ئىبارەت. بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان سۆزلىشىش تىلغا جاۋاب بېرىش ئەرەس ياسبىرسىنىڭ سۆزى  بىلەن ئېيتقاندا، سۆزلىشىش ھەقىقەتنىڭ ئوچۇق - يورۇق بولۇشى ۋە خىيالنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بولۇپ، ھەرخىل قىممەتلىرىنىڭ تەكشىلىشى، مەنىسى باراۋەر ئاڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالاھىدە شەكلىدىن ئىبارەت ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئوچۇق - يورۇق بولۇشىنى، قوبۇل قىلىشدىن، ئۆز ئارا ئاڭلاش، قوبۇل قىلىش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تەكىتلەيدۇ. كۆرسىتىش دائىرىسىنىڭ قوشۇلۇشنى، مەنىۋىيەتنىڭ ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەت بىلەن ئورتاق شۇغۇللىنىدۇ. ئوقۇش داۋامىدىكى سۆزلىشىش ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك مەزمۇنىنى تېما قىلىپ بىرلىكتە ئەسەر يارىتىش، مەنە ھاسىل قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت. ئۇ ھەم پىرىنسىپ، ھەم بىرخىل ئۇسۇل بولىدۇ. ئۇسۇل نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇ بىزدىن بۇرۇنقىدەك بەك جىق ئېيتىپ قويۇش ۋە مونولوگ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى  كېڭىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش يولىغا سېلىپ، بىلىمنى سۆزلىشىش داۋامىدا ھاسىل قىلىش، ئالماشتۇرۇش داۋامىدا قايتا تەشكىللەش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش داۋامىدا كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، تىل - ئەدەبىيات دەرسىنى دەرسخانىدا ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئوقۇتۇش تەرتىبىنىڭ بەلگىلىنىشى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى، ئوقۇتۇش ۋاسىتىسىنىڭ تاللىنىشى ۋە ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقلىرىنىڭ لايىھىلىنىشى قاتارلىق كونكرېت مەشغۇلات مەسىلىلىرىگە چېتىلىدۇ. بۇ كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشنىڭ ئىگىسى، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار باراۋەر سۆزلىشىش داۋامىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك دېگەن پىرىنسىپ بويىچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش  لازىم.
)5( دەرسلىكتىن ئىجادىي پايدىلىنىش كېرەك
جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ۋە پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، دەرسلىك مەزمۇنىدا كۆرۈنەلرىك ئۆزگىرىشلەر بولدى. دەرسلىك مەزمۇنىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولدى. ھازىرقى زامان دەرسلىك قارىشىچە، دەرسلىك — ئوقۇتقۇچى مۇئەييەن ئوقۇتۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە ئىشلىتىدىغان، ئوقۇغۇچىلرنىڭ تاللىشىغا ۋە بىر تەرەپ قىلىشىغا بېرىلىدىغان، بىلىم - ئۇچۇرنى ئۈستىگە ئالغان ھەممە ۋاسىتە ۋە ماتېرىياللاردىن ئىبارەت. يۈزەكى شەكىل جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ دەرسلىك ئاساس قىلىنغان دەرسلىك كىتابلارنى ھەم كۆرۈش  - ئاڭلاش دەرسلىكلىرى، ئېلېكتىرونلۇق دەرسلىكلەر ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن كەلگەن دەرسلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  يېڭى دەرسلىك  رولى قارشى دەرسلىكنىڭ ئۈلگە خۇسۇسىيىتىنى، يەنى دەرسلىك ئوقۇغۇچىلارنى  تونۇشنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا، ياشاش - ئۆگىنىشكە، كىشىلىك قەدرى - قىممەتنى تىكلەشكە يېتەكلەيدىغان ئۈلگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. دەرسلىكتىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتە ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەيئىلەرنى بىلىش، تەھلىل قىلىش، چۈشىنىش ھەۋىسىنى قوزغاش كېرەك. دەرسلىك ئوقۇغۇچىلارغا چوقۇم قوبۇل قىلدۇرۇلىدىغان نونۇزلۇق نەزەرىيىۋى بىلىم ئەمەس. يېڭى دەرسنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن دەرسلىكنىڭ رولى نوقۇل ئوقۇتۇش كۆرسەتمىلىكىدىن دەسلەپكى ماتېرىيال كۆرسەتمىلىكىگە ئۆزگەردى. دەرسلىكنى ئىجادىي ئىشلىتىش يېڭى دەرس ئوقۇتۇش لايىھىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولدى. ئوقۇتۇش لايىھىسىدە دەرسلىكنى ئىجادىي ئىشلىتىش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. 
بىرىنچىدىن، دەرسلىك جانلىق تەتبىق قىلىنىدۇ )سۈرئەتنى تەڭشەش، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش، ئوقۇتۇش بۆلەكلىرىنى قايتا تەشكىللەش، مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
ئىككىنچىدىن، ئوقۇتۇش يېتەكچىلىكى، ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرى، ئوقۇتۇش سايمانلىرى، ئوقۇتۇش دېتاللىرى، قاتارلىقلار مۇستەقىل تەرەققىي  قىلدۇرۇلىدۇ؛
ئۈچىنچىدىن، ئۆز مەكتىپى )سىنىپى(غا ماس كېلىدىغان، ئالاھىدىلىككە ئىگە ئوقۇتۇش يولغا قويۇلىدۇ؛
تۆتىنچىدىن، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا بولۇدىغان، ھەممە دەرس بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ. ئوقۇتۇش مەقسىتىنى تولۇق تونۇش ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇش ئاساسىدا، ئوقۇتۇش ۋاسىتىسى بىلەن مەقسىتىنىڭ بىردەك بولۇش پىرىنسىپى دەرسلىكنى ئىجادىي ئىشلىتىشنىڭ ئاساسىي كۆزدە تۇتۇلغان نۇقتىسى ۋە مەقسىتى ھېسابلىنىدۇ.
Posted: 2008-01-22 17:01 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ئەدەبىيات

Total 0.058153(s) query 3, Time now is:03-17 17:43, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation