پاي شىركىتى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 پاي شىركىتى

پاي شىركىتى پاي چېكى تارقىتىش شەكلى ئارقىلىق، تارقاق پۇل كاپىتالىنى توپلاپ قۇرۇلىدىغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان كارخانا. ئۇ ئىجتىمائىيلاشقان يىرىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ بارلىققا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان. چۈنكى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە، بىرەر چوڭ كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق غايەت زور كاپىتالنى يالغۇز ياكى شېرىك كاپىتالىستنىڭ چىقىرالىشى ناھايىتى قىيىن. پاي چېكى شىركىتى شەكلى ئارقىلىق بولسا، جەمئىيەتتىكى تارقاق پۇل كاپىتالىنى ناھايىتى تېزلا توپلاپ، زور سوممىلىق كاپىتالنى شەكىللەندۈرگىلى، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
پاي شىركىتىدە پاي چېكىگە ئىگە بولغان ھەمدە پاي ئۆسۈمى ئالغۇچىلار پايچىكلار دەپ ئاتىلىدۇ. پاي شىركىتى ئادەتتە چەكسىز شىركەت ۋە چەكلىك شىركەت دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىپ، پايچىكلار شىركەتنىڭ قەرز ئىشلىرىغا قارىتا ئايرىم - ئايرىم ھالدا چەكسىز مەسئۇلىيەت ۋە چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئالدىنقىسى، پايچىكلارنىڭ كارخانىنىڭ قەرزلىرىگە قارىتا چەكسىز تۆلەش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى، سېتىۋېلىنغان پاي چېكى سوممىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكىسى، پايچىكنىڭ شىركەتنىڭ قەرزلىرىگە قارىتا ئۆتەيدىغان مەسئۇلىيىتىنىڭ پەقەتلا ئۆزى سېتىۋالغان شىركەت پاي چېكى سوممىسى بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى، باشقا شەخسىي مۈلكىگە چېتىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاكسىيە بازارلىرىدا پاي چېكىنى ئەركىن ئېلىپ - سېتىشقا بولىدىغانلىقتىن، پاي شىركىتىنىڭ پايچىكلىرى دائىم ئالمىشىپ تۇرىدۇ. بىراق، پايچىك مەبلىغىنى قايتۇرۇپ چىقىپ كېتىشكە بولمىغاچقا، پايچىكنىڭ ئالمىشىشى شىركەتنىڭ تىجارىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە، ئېچىۋېتىلگەن تىپتىكى چوڭ شىركەتلەردىكى پايچىكلارنىڭ سانى كۆپ بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا مىليونغا يېتىپ، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارالغان بولىدۇ، بىراق تارقاق، كىچىك پايچىكلار شىركەتنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش پائالىيىتىگە قارىتا رول ئوينىيالمايدۇ.
ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە بازار ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدىمۇ پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىلار بارلىققا كەلدى.1984  - يىلى7  - ئايدا قۇرۇلغان بېيجىڭ تيەنچاۋ تۈرلۈك ماللار پاي چەكلىك شىركىتى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىدىن تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن تۇنجى پاي شىركىتىدۇر. نۆۋەتتە جۇڭگودىكى پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىلارنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە: كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى پايغا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن بىرلەشمە تىپتىكى پاي تۈزۈمىدىكى شىركەت؛ كارخانىنىڭ ئەسلىدىكى مۈلكىنى پايغا سۇندۇرۇش ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر خۇسۇسىي پايغا قاتنىشىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن پاي تۈزۈمىدىكى كارخانا؛ جەمئىيەتكە كەڭ كۆلەمدە پاي چېكى تارقىتىش ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق تەشكىللەنگەن پاي تۈزۈمىدىكى كارخانا قاتارلىق.
ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، سوتسىيالىستىك پاي تۈزۈمىدىكى شىركەتلەرنى راۋاجلاندۇرغاندا، جەمئىيەتتىكى تارقاق مەبلەغنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلغىلى ۋە توپلىغىلى، چوڭراق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرگىلى، خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ماسلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.
Posted: 2008-01-22 16:57 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ئىقتىساد

Total 0.056788(s) query 3, Time now is:03-17 17:51, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation