رەسىمسىز ھالەت
|
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش
|
باش بەت
»
سىز تېخى كۇلۇبقا
كىرمەپسىز
تىزىملىتىش
|
تەۋسىيە
|
ئىزدەش
|
مۇلازىمەتلەر
|
بانكا
|
ياردەم
|
ULY
كۇلۇب مۇلازىمىتى
قورال مەركىزى
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش
black
gray
green
moon
movie
pink
wind
wind5
yellow
قىسقا ئۇچۇر
خەت ساندۇقى
يوللاش ساندۇقى
ئۇچۇر ئىز قوغلاش
قىسقا ئۇچۇر يېزىش
كونترول تاختا
كونترول تاختا باش بېتى
ماتېرىيال تەھرىرلەش
ماتېرىيال كۆرۈش
دوستلار تىزىملىكى
ئەزا ھوقۇقىنى كۆرۈش
سودا تەڭگىسى باشقۇرۇش
جۇغلانما ئالماشتۇرۇش
ئالاھىدە گورۇپپا سېتىۋېلىش
ساقلىغۇچ
تېمىلىرىم
سىتاتسىتكا
ئاساسىي سىتاتسىتكا
IP سىتاتسىتكىسى
باشقۇرۇش قوشۇنى
باشقۇرۇش سىتاتسىتكىسى
توردىكىلەر سىتاتسىتكىسى
ئەزالار قاتارى
سەھىپە قاتارى
يازما قاتارى
بىلقۇت باغچىسى
»
تارىخمىز
»
كروراندىن كۆچكەن ئاھالىنىڭ تەقدىرى
>> بىلقۇت خەزىنىسى
|- ئەلالاشتۇرۇش
|- بىلقۇت خەزىنىسى ھەققىدە
|- تەكلىپ-پىكىر بىرىڭ
>> ئاۋازلىق ئەسەرلەر
|- مەسەللەر
|- ھېكايىلەر
|- نەسىرلەر
|- مىڭ بىر كېچە
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- چۆچەكلەر
|- رىۋايەتلەر
>> كۈتۈپخانا
|- ھىكمەت
|- غارايىباتلار
|- قان تىپى
|- نۇتۇقلار
|- ئۆسۈملۈكلەر
|- كۆكتاتلار
|- نەسىھەت
|- مۆچەل
|- مېۋە
|- مايلار
|- ھايۋاناتلار
|- مىللەتلەر
|- رىۋايەتلەر
|- سۆيگۈ مەكتۇپى
|- ئۆلچەم بىرلىكلىرى
|- بۈگۈن
|- مۇزىي
|- دۇنيادىكى شەھەرلەر
|- دۇنيادىكى كۈتۈپخانىلار
|- تارىخ
|- تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
|- مىڭ بىر كېچە
|- چۆچەكلەر
|- ئەپسانىلەر
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- ھېكايىلەر
|- ماقالىلەر
|- دۇنيادىكى ئەڭ
|- ياشلار سەمىگە
|- ماقال-تەمسىل
|- لەتىپە-يۇمۇرلار
|- نەسىرلەر
|- مەسەللەر
>> بالىلار باغچىسى
|- كىم ئەڭ ئەقىللىق
|- بالىلار چۆچەكلىرى
|- قىزىقارلىق ئويۇنلار
|- قىزىقارلىق كارتونلار
|- يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن؟
|- بالىلار ھېكايىسى
|- ئانا-بالىلار ساغلاملىق ساۋاتلىرى
>> بىز
|- ئۇيغۇر كارخانچىللىرى
|- ئۇيغۇر كارخانىلىرى
|- ئۇيغۇر مەھسۇلاتلىرى
|- ئۇيغۇر پاتنېتلىرى
|- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
|- ئۇيغۇر كەشپىياتلىرى
|- ئۇيغۇرساياھەتچىلىكى
|- تائاملىرىمىز
|- شەخىسلىرىمىز
|- ئويۇنلىرىمىز
|- تىبابىتىمىز
|- چالغۇلىرىمىز
|- ھۈنەرلىرىمىز
|- يوسۇنلىرىمىز
|- تارىخمىز
>> يۇرتىمىز
|- شەھەرلەر
|- بىڭتۈەنلەر
|- ناھىيەلەر
|- ۋىلايەتلەر
|- ئاپتونوم ئوبلاست
|- ئاپتونوم ناھىيە
>> ئۆگىنىش
|- ماتېماتىكا
|- يىزا-ئىگىلىك
|- پىسخىلوگىيە
|- ئىقتىساد
|- مۇھىت
|- ئۇيغۇرتىلى
|- خەنزۇتىلى
|- ئىنگىلىزتىلى
|- روس تىلى
|- ياپون تىلى
|- ئەدەبىيات
|- جۇغراپىيە
|- تارىخ
|- فىزىكا
|- خىمىيە
|- ئاستىرنومىيە
|- بىئولوگىيە
|- دىپلوماتىيە
|- ئېلېكترون
|- تەنتەربىيە
|- مەتبەئەچىلىك
|- گۈزەل- سەنئەت
>> كومپيۇتېر
|- ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار
|- كومپىيۇتېردىن سۇئال-جاۋابلار
|- توربەت ياساش
|- باشقىلار
|- قاتتىق دېتال
|- يۇمشاق دېتال
|- مەشغۇلات سىستىمىسى
|- توربىلىملىرى
>> مائارپ
|- مائارىپ تەشكىلاتلىرى
|- بالىلار باغچىلىرى
|- باشلانغۇچ مەكتەپلەر
|- ئوتتۇرا مەكتەپلەر
|- ئالىي مەكتەپلەر
|- گېزىتلەر
|- ژورناللار
>> قانۇن - نىزاملار
|- جىنايەت ۋە جازا
|- قانۇنلار
|- نىزاملار
سودا
راي
بۇ بەتتىكى يازما :
كروراندىن كۆچكەن ئاھالىنىڭ تەقدىرى
بېسىپ چىقىرىش
|
بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش
|
تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش
|
تېما ساقلىۋېلىش
|
ئالدىنقى تېما
|
كېيىنكى تېما
Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى :
كۇلۇب باشلىقى
نادىر يازمىلار :
5
يوللىغان تېما :
1572
شۆھرىتى:
1582 نومۇر
تەڭگىسى :
15735 تەڭگە
تۆھپە:
1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17
كىچىك
نورمال
چوڭ
كروراندىن كۆچكەن ئاھالىنىڭ تەقدىرى
كروران ئېلىدىكى شەھەرلەر ۋەيران بولغاندىن كېيىن بىر تۈركۈم ئاھالە ئۆز يۇرت - ماكانلىرىدا قالغان بولسا، بىر تۈركۈمى يۇرت - ماكانلىرىنى تاشلاپ قوشنا يۇرتلارغا كۆچۈپ كەتكەن. كۆچۈپ كەتكەن ئاھالىلەرنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە گەرچە تەپسىلىي يازما مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، بەزى خاتىرىلەردە ئۇلار ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ ئۇچۇر قالدۇرۇلغان. 5 - ئەسىرلەردىن باشلانغان سودا چەرچەننىڭ گۈللىنىشىگىمۇ زور پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن، نەتىجىدە قۇرۇم تېغى ئېتەكلىرىدىكى سۇپىسلار )سىيانپىي تۈركلىرى دېگۈچىلەرمۇ بار، بۇلارنىڭ زاڭزۇلارنىڭ ئەجدادى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن> دائىم دېگۈدەك بۇ يەرگە ھۇجۇم قىلىپ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ، بۇلىغان بايلىقلىرىنى ئېلىپ قايتقان، رورانلار ۋە ئېگىز ھارۋىلىق ئۇيغۇرلار كروران رايونىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدا تۇتۇپ تۇرغان. <لياڭنامە. غەربىي شىمالدىكى روڭلار تەزكىرىسى>، <جەنۇبىي چىنامە. رورانلار تەزكىرىسى> قاتارلىقلاردا يېزىلىشىچە، 5 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 10 - يىلىدا رورانلارنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى )ئەينى تارىخىي ماتېرىياللاردا دىڭلىڭ، گاۋچې دەپ يېزىلغان> تىكلەنگەن، رورانلارنى ئاغدۇرۇشتا بولغان دەھشەتلىك ئۇرۇشتا كروران دىيارىنىڭ شەھەرلىرى زور تالاپەتكە ئۇچرىغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۇيغۇنلار ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنىڭ قولىدىن كروران رايونىنى تارتىۋالغان، تۇيغۇنلار ھاكىمىيىتى كروران رايونىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بايلىق ياراتقۇچىلارنىڭ ماكانى قىلىپ قۇرۇش ئۈچۈن ئەسلىي يەرلىك ئاھالىنىڭ كۆچۈپ كېلىشىنى مۇراجئەت قىلغان ھەمدە ئۆز ئېلىنى ئىدارە قىلىشقا يەرلىك ئاھالىدىن 安木深盘 ئىسىملىك بىرىنى باشلىق قىلىپ تەيىنلىگەن، لىن مېيسۈن ئەپەندى بۇنى 542 - يىلى شىمالىي ۋېي سۇلالىسىگە تەسلىم بولغان 鄯米 نىڭ ئىنىسى بولۇشى مۇمكىن دەيدۇ. مانا شۇ دەۋرلەردە ئىچكىرىگە ئەلچىلىككە بارغان بىر ئەلچىنىڭ رەسىمى سىزىلغان بولۇپ، رەسىمدىكى كىشى بېشىغا ئۇچلۇق كىگىز قالپاق )قۇلاقنى يېپىپ تۇرغان>، ئۇچىسىغا ئالدى
ئوچۇق ئۇزۇن چاپان كىيگەن بولۇپ، كروران رايونىدىن تېپىلغان جەسەتلەرگە ئوخشىشىدۇ. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ تارمىقى لوپ كۆلىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ئەترىتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇرلاردىكىدەك <كروران گۈللەنگەن دەۋرلەردە لوپ كۆلى رايونى دەريا - ئېقىنلار بىلەن ئورالغان، يەر ئۈستى سۈيى مول، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق روناق تاپقان ئېكىنچىلىق ئېلى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 40% كە يەتكەن>. كروران شەھىرىنىڭ ۋەيران بولغاندىن كېيىن، ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، ئاز بىر قىسمىنىڭ يۇرتىدا قېلىپ ھايات
كەچۈرگەنلىكىنى جەزىم قىلىشقا يېتەرلىك پاكىتلار بار. بۇ ھەقتە لىن مېيسۈنمۇ <5 - ئەسىردىن كېيىن چەرچەن ئېلى ۋەيرا بولغان بولسىمۇ تارىم ئويمانلىقى ياكى باشقا رايونلاردا چەرچەنلىكلەر يەنىلا پائالىيىتىنى داۋام قىلدى> دەپ يازغىنىدەك، يەنە بىر تۈركۈم ئاھالە تۇرپان، قۇمۇل رايونلىرىغا كۆچۈپ بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. تەخمىنەن ئاھالىنىڭ يېرىمى، يەنى 4000 دىن ئارتۇق ئاھالە چالمادانا )ھازىرقى چەرچەن> غا كۆچۈپ بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى داۋام قىلغان. خاقان بەگ روڭنىڭ ئىنىسى 442 - يىلى ئاكىسى بىلەن ئاھالىنى باشلاپ چالماداناغا كۆچمەستىن يۇرتىدا قېلىپ قۇتقۇ ئەنجۇغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن. 443 - يىلى قۇتقۇ ئەنجۇ شىمالىي لياڭ خانلىقىغا خاقان بولغاندىن كېيىن بىر تۈركۈم ئاھالىنىڭ خاقان ئەنجۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قۇمۇل، تۇرپان رايونىغا كۆچكەنلىكى بەزى تارىخچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 6 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەرچەن خانلىقى تەۋەسىدىكىلەردىن شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ پايتەختى لوياڭغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقانلارمۇ بار بولۇپ، شۇلاردىن بىرىنىڭ قەبرە تېشى 9311 - يىلى بايقالغان، بۇ ئايال تۇرپان خانلىقى تېگىنىنىڭ خوتۇنى بولۇپ، ئىسمى 鄯月光، يەنە 鄯乾 ئىسىملىك بىرىنىڭمۇ قەبرە تېشى 1930 - يىللىرى لوياڭ شەھىرىدىن بايقالغان بولۇپ، ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ئۇنىڭ ئاتىسى 鄯视 بولۇپ، ئېھتىمال <ۋېينامە، غەربىي يۇرت تەزكىرىسى> دە تىلغا ئېلىنغان <جېندا> بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 鄯视 نىڭ ئاتىسى 鄯庞 بەگ روڭ بولۇشى مۇمكىن دېگەن قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداق بولغاندا، 鄯乾 نىڭ شىمالىي ۋېي سۇلالىسىگە كۆچۈپ بارغاغانلىقى، چەرچەن خانىدانلىقىنىڭ خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. 6 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىر تۈركۈم كرورانلىقلارنىڭ كۆچۈپ چاڭئەنگە بارغانلىقى <جۇنامە. يات ئەللەر تەزكىرىسى> دە خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭدا <داتۇڭنىڭ 8 - يىلى )842 - يىلى> خاقان ئىنىسى 鄯米 ئاھالىلىرىنى باشلاپ تەۋەلىك بىلدۈردى> دەپ يېزىلغان. 671 - يىلى قازا تاپقان 鄯昭 ئىسىملىك بىرەيلەننىڭمۇ قەبرە تېشى لوياڭدىن تېپىلغان.
<شاجۇ - ئېۋىرغول تەزكىرىسى> دە مۇنداق بايانلار بار: <تاڭ دەۋرىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا 鄯伏驼 ئىسىملىك بىر يەرلىك كىشى بار ئىدى، كۆك تۈركلەرگە تەۋە ئىدى، باج - سېلىق بەك ئېغىر بولغانلىقتىن شەھەردىكى بىر قىسىم ئاھالىنى باشلاپ چەرچەنگە قېچىپ بېرىپ، تۇيغۇنلارنىڭ ئىدارە قىلىشىدىكى چەرچەندە ئولتۇراقلاشقان… ئۇيغۇرلار چەرچەننى لاپ — لوپ )纳职> دەيدۇ> دېگەن جۈملىلەر بار. بىز يۇقىرىقى ماتېرىياللارغا ئاساسەن كروران شەھەرلىرىنىڭ ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى ئاھالىلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە قىسقىچە خۇلاسە خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز. ئالدى بىلەن ئېيتىدىغان بولساق، كروران رايونىنىڭ سەلتەنەتى 5 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن، ئالدى بىلەن كروران ئېلى - چەرچەن خانىدانلىقى ئاغدۇرۇلغان، سۇپىسلار، رورانلار، تۇيغۇنلارنىڭ ھۇجۇملىرى شەھەر - بازارلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنى تېزلەتكەن بولسا، ئېكولوگىيىلىك ئۆزگىرىش، يەنى دەريالارنىڭ ئېقىن ئۆزگەرتىشى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېكىنىشى ۋە شۇ سەۋەبلىك تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن ئاھالە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن كروران رايونىنىڭ ئاھالىسى بىرقانچە توپقا — كەم دېگەندىمۇ ئۈچ توپقا بۆلۈنۈپ كەتكەن.بىرىنچى توپ 442 - يىلى خاقان بەگ روڭنىڭ باشچىلىقىدا چالماداناغا كۆچكەن. بۇلار خانىدانلىقنىڭ نامى <چەرچەن> نى ئۇنتۇماستىن، تەدرىجىي ئەسلىي يۇرتنىڭ نامى چالمادانانى سىقىپ چىقىرىپ چەرچەن دېگەن نامنى قوللانغان. ئۇ نام ھازىرغىچە شۇنداق قوللىنىلماقتا. ئىككىنچى توپ 4000 دىن ئارتۇق ئاھالە بولۇپ، خاقان بەگ روڭنىڭ ئۇكىسى قاتارلىقلار يۇرتىدىن كۆچمەي قالغان ھەمدە ھۇن ئەلاۋدى قۇتقۇ ئەنجۇغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن، ئەمما بۇ توپ يەنە بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى داۋاملىق يۇرتىدا ياشاپ قالغان بولسا، بىر قىسمى قۇتقۇ ئەنجۇغا ئەگىشىپ تۇرپان، قۇمۇللارغا كۆچكەن، تۇرپان، قۇمۇللارغا كۆچكەنلەر ئۈچىنچى توپ ھېسابلىنىدۇ. تۇيغۇنلار ھاكىمىيىتى ۋە تۈبۈتلەر ھاكىمىيىتى دەۋرىدە يۇرتتا يەنىلا يەرلىكمۇ بار بولۇپ، ئۇلار يۇرتىنى بازا قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان.7 - ئەسىردە، يەنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېڭگۇەن يىللىرىدا خېلى ساندىكى كرورانلىقلارنىڭ قۇمۇل رايونىغا كۆچۈپ بېرىپ يۇرت بەرپا قىلغان، يۇرتىنىڭ نامىنى يېڭى گۈللەندۈرگەن يۇرتىغا ئىسىم قىلىپ قويغان، بۇ يۇرتنىڭ نامى مانا ھازىرمۇ كىچىك لوپ مەنىسىدە لاپچۇق دەپ ئاتالماقتا. تۇرپان، قۇمۇللارغا كۆچكەنلەردىن بىر قىسمى تېخىمۇ يىراقلارغا، جۈملىدىن چاڭئەن، لوياڭ قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ بارغان. بىر قىسىم ئاھالىلەر بولسا تۇرپان، قۇمۇل، چالمادانا )ھازىرقى چەرچەن> قاتارلىق جايلاردا ياشىغان.ئەسلىي يۇرت - ماكانىدا، يەنى ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە قالغانلار ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۆز ماكانىدا ياشاپ ئۆزلىرىنى ھازىرمۇ لوپلۇق~ لوپتۇق دەپ ئارىمىزدا ياشاپ كەلمەكتە، بۇلارنىڭ كروراندىن كۆچۈپ كىچىك دەريا ئېقىنىدا 11 - ئەسىرگىچە ياشىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.
Posted: 2008-01-22 16:39 |
[ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى
سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
سەھىپە يۆتكىلىش
>> بىلقۇت خەزىنىسى
|- ئەلالاشتۇرۇش
|- بىلقۇت خەزىنىسى ھەققىدە
|- تەكلىپ-پىكىر بىرىڭ
>> ئاۋازلىق ئەسەرلەر
|- مەسەللەر
|- ھېكايىلەر
|- نەسىرلەر
|- مىڭ بىر كېچە
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- چۆچەكلەر
|- رىۋايەتلەر
>> كۈتۈپخانا
|- ھىكمەت
|- غارايىباتلار
|- قان تىپى
|- نۇتۇقلار
|- ئۆسۈملۈكلەر
|- كۆكتاتلار
|- نەسىھەت
|- مۆچەل
|- مېۋە
|- مايلار
|- ھايۋاناتلار
|- مىللەتلەر
|- رىۋايەتلەر
|- سۆيگۈ مەكتۇپى
|- ئۆلچەم بىرلىكلىرى
|- بۈگۈن
|- مۇزىي
|- دۇنيادىكى شەھەرلەر
|- دۇنيادىكى كۈتۈپخانىلار
|- تارىخ
|- تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
|- مىڭ بىر كېچە
|- چۆچەكلەر
|- ئەپسانىلەر
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- ھېكايىلەر
|- ماقالىلەر
|- دۇنيادىكى ئەڭ
|- ياشلار سەمىگە
|- ماقال-تەمسىل
|- لەتىپە-يۇمۇرلار
|- نەسىرلەر
|- مەسەللەر
>> بالىلار باغچىسى
|- كىم ئەڭ ئەقىللىق
|- بالىلار چۆچەكلىرى
|- قىزىقارلىق ئويۇنلار
|- قىزىقارلىق كارتونلار
|- يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن؟
|- بالىلار ھېكايىسى
|- ئانا-بالىلار ساغلاملىق ساۋاتلىرى
>> بىز
|- ئۇيغۇر كارخانچىللىرى
|- ئۇيغۇر كارخانىلىرى
|- ئۇيغۇر مەھسۇلاتلىرى
|- ئۇيغۇر پاتنېتلىرى
|- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
|- ئۇيغۇر كەشپىياتلىرى
|- ئۇيغۇرساياھەتچىلىكى
|- تائاملىرىمىز
|- شەخىسلىرىمىز
|- ئويۇنلىرىمىز
|- تىبابىتىمىز
|- چالغۇلىرىمىز
|- ھۈنەرلىرىمىز
|- يوسۇنلىرىمىز
|- تارىخمىز
>> يۇرتىمىز
|- شەھەرلەر
|- بىڭتۈەنلەر
|- ناھىيەلەر
|- ۋىلايەتلەر
|- ئاپتونوم ئوبلاست
|- ئاپتونوم ناھىيە
>> ئۆگىنىش
|- ماتېماتىكا
|- يىزا-ئىگىلىك
|- پىسخىلوگىيە
|- ئىقتىساد
|- مۇھىت
|- ئۇيغۇرتىلى
|- خەنزۇتىلى
|- ئىنگىلىزتىلى
|- روس تىلى
|- ياپون تىلى
|- ئەدەبىيات
|- جۇغراپىيە
|- تارىخ
|- فىزىكا
|- خىمىيە
|- ئاستىرنومىيە
|- بىئولوگىيە
|- دىپلوماتىيە
|- ئېلېكترون
|- تەنتەربىيە
|- مەتبەئەچىلىك
|- گۈزەل- سەنئەت
>> كومپيۇتېر
|- ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار
|- كومپىيۇتېردىن سۇئال-جاۋابلار
|- توربەت ياساش
|- باشقىلار
|- قاتتىق دېتال
|- يۇمشاق دېتال
|- مەشغۇلات سىستىمىسى
|- توربىلىملىرى
>> مائارپ
|- مائارىپ تەشكىلاتلىرى
|- بالىلار باغچىلىرى
|- باشلانغۇچ مەكتەپلەر
|- ئوتتۇرا مەكتەپلەر
|- ئالىي مەكتەپلەر
|- گېزىتلەر
|- ژورناللار
>> قانۇن - نىزاملار
|- جىنايەت ۋە جازا
|- قانۇنلار
|- نىزاملار
بىلقۇت باغچىسى
»
تارىخمىز
Total 0.057116(s) query 3, Time now is:03-17 17:51, Gzip disabled
Powered by
PHPWind
v6.0
Certificate
Code © 2003-07
PHPWind.com
Corporation
Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008
bilqut.com
Corporation