سىيىت زۇنۇن بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 سىيىت زۇنۇن

يازغۇچى ۋە ژۇرنالىسىت سىيىت زۇنۇن 1931 - يىلى 9 - ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ ئاياغ تازغۇن (يېڭىئىرىق) يېزىسىدا دېھقان ئائىلسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا ئوقۇپ تاماملىغان، 1945 - يىلدىن 1950 - يىلغىچە قەشقەردە دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1956 - يىلغىچە يېڭىشەھەر ناھىيسىدە يېزا ئاساسىي قاتلام خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن تاكى 1980 - يىلغىچە <قەشقەر گېزىتى> ئىدارىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولغان، 1980 - يىلدىن 1990 - يىلغىچە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا باش تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە. 
سىيىت زۇنۇننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيتى 1959 - يىلى ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ھېكايىلارنى ۋە بىر قىسىم پوۋېستلارنرى يېزىپ، ئېلان قىلدۇرغان.
سىيىت زۇنۇننىڭ نەشر  قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ھەقىقەت نۇرى> (1983 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - ئوچېركلار توپلىمى، <41 - تاشمايماق> (1985 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېست - ھېكايىلار توپلىمى بار. ئۇ يەنە <ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى> نىڭ 4 - قىسمىنى نەشرگە تەييارلىغان.
سىيىت زۇنۇن ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىياتى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
Posted: 2008-01-22 16:23 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » شەخىسلىرىمىز

Total 0.057172(s) query 3, Time now is:03-17 17:51, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation