يەر شارىدىكى ئەڭ دەسلەپكى «ئۇچقۇچىلار» بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 يەر شارىدىكى ئەڭ دەسلەپكى «ئۇچقۇچىلار»

بۇنىڭدىن تەخمىنەن 300 مىليون يىل ئىلگىرى ھاشارەتلەر يەرشارىدىكى ئەڭ دەسلەپكى «ئۇچقۇچىلار»  سۈپىتىدە بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن. ئۇچالايدىغان ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە قۇشلار بولسا، يەر شارىدا بۇنىڭدىن 100 مىليون يىللار ئىلگىرى پەيدا بولغان.
قەدىمقى نۇرغۇن ھاشارەتلەرنىڭ تۈرىنى تەبئىي پەن ئالىملىرى ئۇلارنىڭ قانىتى ئارقىلىق پەرق ئېتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنى  يۇمشاق ۋە شىرنىلىق گەۋدىسى شامالنىڭ ئۇچۇرۇشى،  ھۆل - يىغىننىڭ تەسىرى، ئاپتاپنىڭ قۇرۇتۇشى قاتارلىق تەبىئىي شارائىتتا تولۇق تاشقا ئايلىنىپ ساقلىنىپ قېلىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس. قەدىمقى ھاشارەتلەرنىڭ ئىنسانلار تاپقان ئەۋرىشكىسى قەھرىۋادا ۋە ئىپتىدائىي قارىغايلارنىڭ يىلىمى ئارىسدا ساقلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ھاشارەتلەرنىڭ ئىزلىرى سىلانتېس ۋە ھاك  تېشىدەك قېتىشمىلاردا ساقلانغان.
بۇنىڭدىن تەخمىنەن 350 مىليون يىلدىن 270 مىليون يىلغىچە  بولغان ئارىلىقتىكى تاش كۆمۈر دەۋرىدە يەر شارىدا ھاشارەتلەر ناھايىتى تېز تەرەققى قىلغان. ھەممىگە تونۇشلۇق قارا تاراكان ئەينى زاماندا يەر شارىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن ئۇچار قانات ئىدى. ئالىملار ئۇلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرىدىن 500 خىلدىن كۆپرەك خىلنى ئايرىپ چىققان. ئۇلار گەرچە ھازىرقى ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدا ياشاۋاتقان بەزى كاتتا قارا تاراكاندەك چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن كۆپى يەنىلا ناھايىتى چوڭ ئىكەن. بۇ قەدىمقى قارا تاراكانلار بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆرۈپ تۇرغان قارا تاراكانلاردىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. ھەممىسىنىڭلا قانىتى بولۇپ، قىسقا ئارىلىققا ئۇچالايدۇ. بۇلارنىڭ قاناتلىق ھاشارەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەزاسى دېيىشكە بولىدۇ.  ھازىر يەر شارىدا ياشاۋاتقان قارا تاراكانلاردىن تۈرى تەخمىنەن 2000 خىلدىن ئاشىدۇ.
قەدىمقى قاناتلىق ھاشارەتلەر ئارىسىدا ئەڭ چوڭى تاش كۆمۈر دەۋرىدىكى قەدىمكى زور يىڭناغۇچلار بولۇپ،  بۇلار ھازىرقى يىڭناغۇچلار بولۇپ، بۇلار ھازىرقى يىڭناغۇچلارنىڭ ئەجدادى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قانىتىنىڭ كەڭلىكى 76.2 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. ئۇلار، كۆپىنچە، ئىپتىدائىي دەۋردىكى سازلىقلاردا ئۇچۇپ يۈرىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى يىڭناغۇچلارجۇغى كىچىك نۇرغۇن تۈرلەرگە ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سىياقى قەدىمكى يىڭناغۇچلارغا ناھايىتى ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇلاردىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. (خۇا خۈەيلۇن)
Posted: 2008-01-22 12:49 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » دۇنيادىكى ئەڭ

Total 0.056814(s) query 3, Time now is:03-17 17:42, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation