زېرەك مالاي بىلەن پىخسىق باي بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 زېرەك مالاي بىلەن پىخسىق باي

بۇرۇنقى زاماندا ماخمۇت ئىسىملىك بىر بالا بار ئىكەن، ئۇ دادىسىدىن كىچىك قېلىپ ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بوپتۇ. ئانىسى زېرەك، تېجەشلىك، ئىشچان ئايال بولغاچقا، ئېرىدىن قالغانبىساتىنى تېجەپ ئىشلىتىپ، تۇرمۇشىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپتۇ. ماخمۇتنىڭ بىر باي خۇشنىسى بولۇپ، ئۇ مۇشۇ مەھەللىدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى ئىكەن. مال - ۋارانلىرىدىنىڭ ھېسابى يوق، ئوقەتتە كۆڭلى توق بولسىمۇ، بېلىنى شوينىدا باغلايدىكەن. بىر كۈنى ماخمۇتنىڭ ئانىسى ۋاقىتسىز قازا بوپتۇ. ھېلىقى باي جامائەتكە باش بولۇپ، ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپتۇ. ئۇزۇندىن بېرى كىچىككىنە ھويلىسىغا كۆز قىزارتىپ يۈرگەن باي پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئەھلى مەھەللىسىنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋەز ئېيتىپ،ماخمۇتنى ئۆز تەربىيىسىگە ئالغانلىقىنى جاكارلاپتۇ- دە، ماخمۇتنى بار بىساتىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. شۇندىن باشلاپ ماخمۇت بايغا مالاي بولۇپ قاپتۇ. بۇ ھويلىدا  ئۇنىڭ ھالىغا يېتىدىغان باينىڭ گۈلجامال ئىسىملىك ئۆگەي قىزىدىن باشقا كىشى يوق ئىكەن. ماخمۇت ئىشلەپ - ئىشلەپ ھالىدىن كەتكەندە، گۈلجامال بىلەن مۇڭدىشىدىكەن. بۇنداق چاغلاردا قىزغا ئىشتىھا ساقلاپ يۈرگەن باي ماخمۇتنى تازا ساۋايدىكەن. ئاخىرى ماخمۇتنىڭ تاقەت قاچىسى يېرىلىپتۇ- دە، بايدىن ئۆچ ئېلىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ.
  باينىڭ ياش، كېلىشكەن ئايالى باينى كۆرسە نومۇس قىلىدىكەن. ئۇ مەھەللىدە ئۆكتەملىكتە داڭ چىقارغان مىرەزەم دېگەن بەڭگى بىلەن ئوينايدىكەن. ماخمۇت بۇ ئىشنى بايقاپ، پۇرسەت كۈتۈپ يۈرۈپتۇ. 
  بىر كۈنى شەھەرنىڭ قازىسى باينى تويغا چىللاپتۇ. باي خوشاللىق بىلەن خوتۇنىنى بىللە بېرىشقا ئۈندەپتۇ. خوتۇنى بولسا ھېچ تاۋىم يوق، مېنى قىستىمىسىلا دەپ يېلىنىپتۇ. باي ماقۇل بولۇپ، ماخمۇتنى ئېلىپ يولغا راۋان بوپتۇ. توي ئۈچ كۈن بولماقچىكەن. ئۇ شەھەرگە كىرىپ، توينىڭ يەتتە كۈنگە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاچچىغىدا قازى بىلەنمۇ ئۇچراشماي ئارقىسىغا يېنىپتۇ. باي شام بىلەن خۇپتەن ئارىلىغىدا ئۆينىڭ قارىسىنى ئاپتۇ. ئادەتلەنگەن ئات كشنەشكە باشلاپتۇ، ئەمدىلا ھىسپنى لىگەنگە ئېلىپ، يەنە بىر قازاندىكى چۆچۈرىنى ئۇسۇشقا تەمشەلگەن ئايالنىڭ ئاتنىڭ كىشنىشىنى ئاڭلاپ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچۇپتۇ. ئۇ، ئوچاقنىڭ ئالدىدا چىلىمنى كوكۇرىتىپ ئولتۇرغان بەڭگىگە يېلىنىپتۇ:
  - بولمىدى، ئۇلار قايتىپ كېلىشتى، سىلى قازناق ئۆيگە كىرىپ پىنھاندا تۇرسىلا، - دەپتۇ - دە، لىگەندىكى ھىسىپ، قىيما كۆمەچ، قازاندىكى چۆچۈرىنى جاي - جايىغا يوشۇرۇپ تۇرۇشىغا ئېرى كىرىپ كەپتۇ. 
  - ھارمىغايلا دادىسى، - دەپتۇ ئايال ئەركىلەپ، - توي تۈگىدىمۇ؟
  باي غۇدۇراپ كۆرپىگە ئۆزىنى تاشلاپتۇ. زېرەك ماخمۇت ئىشىكتىن كىرىپلا ئۆينىڭ تۆت تېمىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپتۇ - دە، ئۆيدە نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى بىلىۋاپتۇ. باينىڭ ھېكايە - چۆچەك ئاڭلاشقا خۇشتارئىكەنلىگىنى، ئەمما چۆچەكنىڭ بېشى چىقىپ بوينىغا كەلگىچە ئۇخلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئايال ماخمۇتقا قاراپ دەپتۇ:
  - قېنى، نېمىلەرنى كۆرۈپ، نېمىلەرنى ئاڭلىغانلىقىڭىزنى سۆزلەپ بېرىڭا.
  - كۆرگەننى دەيمۇ ياكى ئاڭلىغاننىمۇ؟ - دەپتۇ ماخمۇت:
  - مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، ئەلۋەتتە كۆرگەنلىرىڭىزنى دەڭ.
  - ماقۇل، - دەپتۇ ماخمۇت گېلىنى قىرىپ قويۇپ، - شەھەردىن قايتىپ كېلىۋاتقىنىمىزدا تەرىتىم قىستاپ، بىر ئەسكى تام تۈۋىگە بېرىپ ئەمدىلا ئولتۇرۇشۇمغا، تامنىڭ بۇرجىگىدىن خۇددى سىز تاختا بېشىغا ئېلىپ قويغان لىگەندىكى ھېسىپتەك بىر چار يىلان ۋىژىلداپ چىقىپ كەلدى. قورقۇپ كەتكەنلىگىمدىن نېمە قىلىشىمنى بىلمەي قالدىم. شۇنداق قارىسام، سىز شىرەنىڭ تارتمىسىغا تىقىپ قويغان قىيما كۆمەچتەك بىر يۇمۇلاق تاش تۇرۇپتۇ.
  سۆز مۇشۇ يەرگە كەلگەندە باي بىر ماخمۇتقا، بىر ئايالغا قاراپ ھاڭ - تاڭ قاپتۇ. ئايال بولسا، چىرايلىرى تاتىرىپ، قوقاستا ئولتۇرغاندەك قىمىرلاشقا باشلاپتۇ.
  - ھېلىقى تاشنى قولۇمغا ئالدىم - دە، - دەپ داۋاملاشتۇرۇپتۇ ماخمۇت، - ۋىژىلداپ كېلىۋاتقان يىلاننى شۇنداق سالدىمكى، ئەيھانناس، ھېلىقى يىلان خۇددى سىز كاتنىڭ تېگىگە يوشۇرۇپ قويغا قازاندىكى چۆچۈرىدەك پارە - پارە بولۇپ چېچىلىپ كەتتى.
  - ھىسىپ قۇيغانمىدىڭ؟- سوراپتۇ باي.
  - ھەئە، قۇيغان ئىدىم.
  - كۆمەچ كۆمگەنمىدىڭ؟
  - كۆمگەن. 
  - چۆچۈرىچۇ؟ - گۈكىرەپتۇ باي.
  - ئەتتىم، - دەپتۇ ئايال ھودۇقۇپ، - ئەتىگەن سىلى مېڭىش بىلەن تەڭلا قارا پاخلان بوغۇلۇپ قالغان ئىكەن، - ۋاي ئىسىت پاقلىنىم دەپتۇ باي مەيدىسىنى تاتىلاپ، - ھېچ ئىلاج قىلالماي تۇرسام، مىرەزەم خوجا ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىكەن، ئۇنى چاقىرىپ پاقلاننى سويدۇردۇم، سىلەرنىڭ كېلىشىڭلارنى كۆڭلۈم تۇيغان ئىدى. شۇڭا تاماق راسلاپ قويغان ئىدىم، - دەپتۇ ئايال ۋە ھېلىقى تائاملارنى كەلتۈرۈپتۇ. باي بىلەن ماخمۇت مەززىلىك تاماقلارنى تازا ئىشتىھا بىلەن يېيىشىپتۇ. خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن باي ئادىتى بويىچە پىشايۋاندا يېتىش ئۈچۈن سىرتقا مېڭىپتۇ. ماخمۇت بولسا ھۆكىرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. 
  - نېمە بولدۇڭ، نېمىگە شۇنچە يىغلايسەن؟ - سوراپتۇ باي. 
  - ئانام رەھمەتلىك مېنى داۋاملىق قازناقنىڭ ئىشىگى تۈۋىدە ياتقۇزۇپ قويىدىغان ئىدى. بۈگۈن شۇ ئىش ئېسىمگە كېلىپ كۆڭلۈم بۇزۇلىۋاتىدۇ، - دەپتۇ ماخمۇت ئۆپكىدەپ تۇرۇپ. 
  - بوپتۇ، - دەپتۇ باي، - ئۇنىڭ خالىغان يېرىگە ئورۇن سېلىپ بېرىڭلار. 
  باي  چىقىپ كېتىپتۇ. ماخمۇت قازناقنىڭ ئىشىگى ئالدىدا يېتىپلا خورەك تارتىشقا باشلاپتۇ. بۇ چاغدا ئايال پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ماخمۇتنىڭ بېشىدىن ئاتلاپ قازناقنىڭ ئىشىگىنى ئاستا ئېچىپتۇ.
  - يەيدىغان بىر نەرسە بېرىڭ، ئاچلىقتىن ئۆلەي دېدىم، ئاۋۋال سۇ بېرىڭ، - دېگەن ئاۋاز چىقىپتۇ قازناقتىن. 
  ماخمۇت بۇنى ئاڭلاپ، پۇتىنى ئۇزىتىپ چۆگۈندىكى سۇنى پالاققىدە ئۆرۈۋېتىپتۇ. ئايال ئۇيان ئىزلەپ، بۇيان ئىزلەپ سۇ تاپالمىغاندىن كېيىن، يەنە قازناققا كىرىپتۇ.
  - ئۆيدە سۇ قالماپتۇ. مەن ھازىرلا سۇ ئەكىلەي.
  چاڭ قىلغان تەستەك ئاۋازى بىلەن ئايال دېمىنى ئىچىگە يۈتۇپ، بۇلدۇقلاپ چۆگۈننى كۆترىپ سىرتقا مېڭىپتۇ. پەيتنى پايلاپ تۇرغان ماخمۇت ئاستا قازناققا كىرىپتۇ. 
  - سۇ ئەكەلدىڭمۇ؟
  - ھىم، - ماخمۇت شۇئان بەڭگىنىڭ كانىيىنى بوغۇپ ئۇنى جېنىنى ئاپتۇ ۋە ئاغزى - بۇرنىغا زاغۇن يېغىنى پۈركۈپ، بىر سىقىم پۇرچاق ئۇنىنى ئاغزىغا كەپلەپ قويۇپ، ھېچنەرسە كۆرمىگەندەك يېتىۋاپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ئايال پالاقلاپ كىرىپ كەپتۇ ۋە ئوچاقتىكى تۇخۇملارنى ئېلىپ، سۇ كۆتىرىپ قازناققا كىرىپ گەپ قىلسا، بەڭگىدىن زۇۋان چىقىمغۇدەك. 
  ئايال دەرھال چىراقنى كۆتىرىپ كىرىپ قارىغۇدەك بولسا، بەڭگى ئۇن چىڭدالغان تاغارلار ئارىسىدا سۇنايلىنىپ ياتقۇدەك.
  - ۋاي ئىسىت، قۇرسىقى ئېچىپ چىدىيالماي خام پۇرچاق ئۇنىنى كاپ ئېتىپتۇ، ئۇسسۇزلۇقىنى باسالماي ئاچچىق ياغ ئىچىپتۇ. ۋاي شور پىشانەم، ئەمدى قانداق قىلاي، - ئايال چاچلىرىنى يۇلۇپ، ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ماخمۇت بولسا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك خورەك تارتىشقا باشلاپتۇ. ئايال ئىلاج قىلالماي ماخمۇتنى ئويغىتىپتۇ:
  - خوجام ماخمۇت....
  - ئۇخلىغىلى قويۇڭ، تېخى تاڭ ئاتمىدىغۇ؟ - ماخمۇت ۋارقىراپتۇ.
  - ۋاي خۇدا ھەققى، پەسرەك گەپ قىلىڭ.
  - نېمە ئىش، - ماخمۇت بېشىنى كۆتىرىپتۇ.
  - ئۆيگە ئوغرى كىرگەن ئىكەن، ئاچچىقىمدا دەم بىلەن چېكىسىگە بىرنى سالغان ئىدىم، ئۆلۈپ قالدى. بۇنى ھېچكىمگە تۇيدۇرماي يىغىشتۇرۇۋېتىڭ، گۈلجامالنى سىزگە مۆھۈرلەپ بېرەي.
  ماخمۇت قازناققا كىرىپ، بەڭگىنىڭ ئۆلۈكىنى يۈدۈگىنىچە سىرتقا چىقىپ، ئۇدۇل ئات ئېغىلىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ، قولتۇقىغا ئاچا قويۇپ، ساقال - بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىپتۇ.
  - ئۇنى يارغا باستۇرۇۋەتتىم، - دەپتۇ ماخمۇت ۋە ئايالدىن خەت - مۆھۈر ئېلىۋاپتۇ. ئاندىن ماخمۇت ئاتخانىغا ئوغرى كىرىدى دەپ ۋارقىراپ، باينى ئويغىتىپتۇ. 
  باي چۆچۈپ قوپقان پېتى ئاتخانىغا يۈگۈرۈپتۇ. ماخمۇت چىراقنى كۆتىرىپ ئالدىدا مېڭىپتۇ. ماخمۇت ئاتخانىغا يېقىن كېلە - كەلمەيلا كەينىگە داجىپتۇ. 
  - ۋاي باي ئاكا، ئەنە ئوغرى. باي ھېچنىمىگە قارىماي بېرىپ ئۇنىڭ كاللىسىغا پالتا بىلەن بىرنى ساپتۇ. ماخمۇت چىراقنى ئۇنىڭ يۈزىگە شۇنداق تۇتۇپلا ھۆكىرەپ يىغلاشقا باشلاپتۇ:
  - ۋاي شور پىشانە ئاكامەي، مېنى ئىزلەپ كېلىپ، باينىڭ قولىدا ئۆلۈشۈڭنى كىم بىلسۇن، مەن سېنىڭ خۇنۇڭنى تۆلىتىمەن. ماخمۇت ھويلىنى بېشىغا كىيىپ يىغلاپتۇ.
  - خۇدا ھەققى، ئۈنۈڭنى پەس قىل، - دەپتۇ باي، - ئۆلۈككە سىنچىلاپ قاراپ تونۇيالماپتۇ. باي ھېچنەرسىنى چۈشىنەلمەي يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ.
  - مەن سىلىگە گېپىنى قىلغان ھىلىۋاي دېگەن دۇئاگۇي ئاكام مۇشۇ. ئۇ پات يېقىندا مېنى كۆرۈشكە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. بۈگۈن كەچ كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى بىسەرەمجان قىلىشنى خالىماي، ئېلغىدا تۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزۇشنى ئويلاپتىكەن. مانا ئەمدى سىلى ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولدىلا، ئۇنى بىر ئوغلى چوڭ شەھەرنىڭ قازىسى، ۋاي بىۋاقىت قازا تاپقان ئاكامەي، - دەپ يىغلاشقا باشلاپتۇ ماخمۇت.
  - بولدى، يىغلىما، - دەپتۇ باي، - بۇ ماڭا كەلگەن بىر پىشكەللىك، بۇنى ھەرگىز سىرتقا يايما، قۇتۇلدىغانلا ئىش بولسا پۈتۈن مۈلكۈمنى ساڭا قالدۇرۇپ، مەن كېتەي، بۇنىڭ ئۆلۈكىنى ئۆزەڭ يىغىشتۇرۇۋالغىن.
  - ياق، مەن جاننى مالغا ساتمايمەن، جانغا جان تۆلەيلا، - دەپتۇ ماخمۇت گۈلجامالنىڭ پېيىدە.
  - بولدى. گۈلجامال ساڭا قالسۇن. مانا مۆھۈر، - باي خەت قىلىپ ماخمۇتقا تۇتقۇزۇپتۇ ۋە ئىككى خېچىرغا ئوزۇق - تۈلۈك يۈكلەپ، خوتۇنىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ كېتىپتۇ.
  ئايال بۇ ئىشنىڭ سىرىنى بىلسىمۇ، ئۆزەم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا دېگەندەك لام - جىم دېيەلمەپتۇ. زېرەك ماخمۇت گۈلجامالغا ئۆيلىنىپ، بەختلىك ھايات كەچۈرۈپتۇ. 
Posted: 2008-01-22 12:27 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » چۆچەكلەر

Total 0.057619(s) query 3, Time now is:03-17 17:42, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation