رەسىمسىز ھالەت
|
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش
|
باش بەت
»
سىز تېخى كۇلۇبقا
كىرمەپسىز
تىزىملىتىش
|
تەۋسىيە
|
ئىزدەش
|
مۇلازىمەتلەر
|
بانكا
|
ياردەم
|
ULY
كۇلۇب مۇلازىمىتى
قورال مەركىزى
ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش
black
gray
green
moon
movie
pink
wind
wind5
yellow
قىسقا ئۇچۇر
خەت ساندۇقى
يوللاش ساندۇقى
ئۇچۇر ئىز قوغلاش
قىسقا ئۇچۇر يېزىش
كونترول تاختا
كونترول تاختا باش بېتى
ماتېرىيال تەھرىرلەش
ماتېرىيال كۆرۈش
دوستلار تىزىملىكى
ئەزا ھوقۇقىنى كۆرۈش
سودا تەڭگىسى باشقۇرۇش
جۇغلانما ئالماشتۇرۇش
ئالاھىدە گورۇپپا سېتىۋېلىش
ساقلىغۇچ
تېمىلىرىم
سىتاتسىتكا
ئاساسىي سىتاتسىتكا
IP سىتاتسىتكىسى
باشقۇرۇش قوشۇنى
باشقۇرۇش سىتاتسىتكىسى
توردىكىلەر سىتاتسىتكىسى
ئەزالار قاتارى
سەھىپە قاتارى
يازما قاتارى
بىلقۇت باغچىسى
»
مىڭ بىر كېچە
»
يىگىرمە ئالتىنچى كېچە
>> بىلقۇت خەزىنىسى
|- ئەلالاشتۇرۇش
|- بىلقۇت خەزىنىسى ھەققىدە
|- تەكلىپ-پىكىر بىرىڭ
>> ئاۋازلىق ئەسەرلەر
|- مەسەللەر
|- ھېكايىلەر
|- نەسىرلەر
|- مىڭ بىر كېچە
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- چۆچەكلەر
|- رىۋايەتلەر
>> كۈتۈپخانا
|- ھىكمەت
|- غارايىباتلار
|- قان تىپى
|- نۇتۇقلار
|- ئۆسۈملۈكلەر
|- كۆكتاتلار
|- نەسىھەت
|- مۆچەل
|- مېۋە
|- مايلار
|- ھايۋاناتلار
|- مىللەتلەر
|- رىۋايەتلەر
|- سۆيگۈ مەكتۇپى
|- ئۆلچەم بىرلىكلىرى
|- بۈگۈن
|- مۇزىي
|- دۇنيادىكى شەھەرلەر
|- دۇنيادىكى كۈتۈپخانىلار
|- تارىخ
|- تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
|- مىڭ بىر كېچە
|- چۆچەكلەر
|- ئەپسانىلەر
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- ھېكايىلەر
|- ماقالىلەر
|- دۇنيادىكى ئەڭ
|- ياشلار سەمىگە
|- ماقال-تەمسىل
|- لەتىپە-يۇمۇرلار
|- نەسىرلەر
|- مەسەللەر
>> بالىلار باغچىسى
|- كىم ئەڭ ئەقىللىق
|- بالىلار چۆچەكلىرى
|- قىزىقارلىق ئويۇنلار
|- قىزىقارلىق كارتونلار
|- يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن؟
|- بالىلار ھېكايىسى
|- ئانا-بالىلار ساغلاملىق ساۋاتلىرى
>> بىز
|- ئۇيغۇر كارخانچىللىرى
|- ئۇيغۇر كارخانىلىرى
|- ئۇيغۇر مەھسۇلاتلىرى
|- ئۇيغۇر پاتنېتلىرى
|- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
|- ئۇيغۇر كەشپىياتلىرى
|- ئۇيغۇرساياھەتچىلىكى
|- تائاملىرىمىز
|- شەخىسلىرىمىز
|- ئويۇنلىرىمىز
|- تىبابىتىمىز
|- چالغۇلىرىمىز
|- ھۈنەرلىرىمىز
|- يوسۇنلىرىمىز
|- تارىخمىز
>> يۇرتىمىز
|- شەھەرلەر
|- بىڭتۈەنلەر
|- ناھىيەلەر
|- ۋىلايەتلەر
|- ئاپتونوم ئوبلاست
|- ئاپتونوم ناھىيە
>> ئۆگىنىش
|- ماتېماتىكا
|- يىزا-ئىگىلىك
|- پىسخىلوگىيە
|- ئىقتىساد
|- مۇھىت
|- ئۇيغۇرتىلى
|- خەنزۇتىلى
|- ئىنگىلىزتىلى
|- روس تىلى
|- ياپون تىلى
|- ئەدەبىيات
|- جۇغراپىيە
|- تارىخ
|- فىزىكا
|- خىمىيە
|- ئاستىرنومىيە
|- بىئولوگىيە
|- دىپلوماتىيە
|- ئېلېكترون
|- تەنتەربىيە
|- مەتبەئەچىلىك
|- گۈزەل- سەنئەت
>> كومپيۇتېر
|- ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار
|- كومپىيۇتېردىن سۇئال-جاۋابلار
|- توربەت ياساش
|- باشقىلار
|- قاتتىق دېتال
|- يۇمشاق دېتال
|- مەشغۇلات سىستىمىسى
|- توربىلىملىرى
>> مائارپ
|- مائارىپ تەشكىلاتلىرى
|- بالىلار باغچىلىرى
|- باشلانغۇچ مەكتەپلەر
|- ئوتتۇرا مەكتەپلەر
|- ئالىي مەكتەپلەر
|- گېزىتلەر
|- ژورناللار
>> قانۇن - نىزاملار
|- جىنايەت ۋە جازا
|- قانۇنلار
|- نىزاملار
سودا
راي
بۇ بەتتىكى يازما :
يىگىرمە ئالتىنچى كېچە
بېسىپ چىقىرىش
|
بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش
|
تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش
|
تېما ساقلىۋېلىش
|
ئالدىنقى تېما
|
كېيىنكى تېما
Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى :
كۇلۇب باشلىقى
نادىر يازمىلار :
5
يوللىغان تېما :
1571
شۆھرىتى:
1581 نومۇر
تەڭگىسى :
15725 تەڭگە
تۆھپە:
1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17
كىچىك
نورمال
چوڭ
يىگىرمە ئالتىنچى كېچە
- ئەي بەختلىك شاھ، - دەپ داۋام قىپتۇ شەھرىزاد ھېكايىسىنى، - ئۇ ناھايىتى ئاجايىپ چىرايلىق كىيىنگەنىدى. مېنى كۆرۈش بىلەن بەكمۇ خۇشال بولدى. بىز قانداق كۆرۈشكىنىمىزنى سەزمەي قالدۇق. ئۇ ماڭا تىكىلىپ: مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلگىنىڭىز راستمۇ؟ دەيتتى. مەن بولسام بۇ كۆرۈشۈشكە ئىشەنمەيتتىم: سىزنىڭ قولىڭىز مەن دېدىم ئۇنىڭغا. ئۇ ماڭا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، كەلگىنىمگە ھەشقاللا ئېيتتى: سىزگە يېتىشىدىغان كۈنمۇ بار ئىكەن. سىزنى كۆرگىنىمدىن بېرى كۆزۈمدەئۇيقۇ يوق. مەن ئۇياتقىنىمدىن بېشىمىنى تۆۋەن سېلىپ تۇردۇم. دەرھال داستىخان سېلىپ ئەڭ لەززەتلىك تاماقلارنى ئېلىپ كەلدى. گۆش، ھەسەل بىلەن ئىشلەنگەن ئالاھىدە تائاملار، توخۇلار ئىچىگە سېلىنىپ پىشۇرۇلغان تۈرلۈك - تۈمەن خىلدىكى يېمەكلىكلەر بار ئىدى. بىللە يېيىشتۇق، داستىخان يىغىلدى. قول يۇيۇش ئۈچۈن سۇ ئېلىپ كېلىندى. قولۇمنى يۇدۇم، يۈزلىرىمگە ئىپار سۈيى قوشۇلغان گۈل سۈيىنى سەپتۇ، سۆھبەتلىشىپ ئولتۇردۇق. ئايال بۇ شېئىرنى ئوقۇدى:
تەشرىپ ئەيلىگەن چېغىڭىزدا كۈتمىكىم لازىم بولۇر،
چۈنكى بۇ كۆز گۆھىرىم يولۇڭغا پاياندازىم بولۇر.
يەتكۈزۈپ بېشىم پەلەكنىڭ ئۈستىگە گۈل تاجىدەك،
قويسا بوشلۇق ئۈستىگە شەۋقىم سەر ئەپرازىم بولۇر.
مال - دۇنيا تۆھپە قىلماققا يەتكەي ھال - قۇدرىتىم،
جاننى تۇتسام سەن قوبۇل ئەتسەڭ ساڭا تەزىم بولۇر.
بەزمە ۋەسلىڭدە مۇغەننى بولمىقى لازىم ئەمەس،
يىغىدىن ئەۋجىم قولۇمدا ھاسىدىن سازىم بولۇر.
ئۇ، ماڭا ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى شىكايەت قىلىپ بەردى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۆز ۋەقەلىرىمى سۆزلىدىم. ئۇنىڭ مۇھەببىتى مېنى تامامەن ئۆزىگە تارتتى. پۇل مېنىڭ نەزىرىمدە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى. بىز ئويناشتۇق، كۈلۈشتۇق. كەچ بولدى، قىزلار ئىچىملىك ئېلىپ كېلىشتى. يېرىم كېچىگىچە ئىچىشتۇق. كېيىن بىللە ئۇخلىدۇق. ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۆمرۈمدە بۇنداق كېچىنى بىرىنچى كۆرۈشۈم ئىدى. پۇل چىگىلگەن ياغلىقنى ئورۇننىڭ تېگىگە قويدۇم. ئۇنىڭ بىلەن خەيرلىشىپ كوچىغا چىقتىم. ماڭدىم. ئۇ: مۇبارەك يۈزىڭىزنى قاچان كۆرىمەن دەپ يىغلىدى. كەچقۇرۇن كېلىمەن دېدىم. سىرتتا قېچىرچى مېنى كۈتۈپ تۇرغانىكەن، مىنىپ سارايغا كەلدىم. ساراي درۋازىسىدا قېچىردىن چۈشۈپ يېرىم تىللا كىراكەشكە بەردىم. كۈن پېتىش ئالدىدا كېلىشنى بۇيرۇدۇم. ئۇ: خوپ دېدى. سارايغا كىرىپ ناشتا قىلىپ نېسى يىغقىلى كەتتىم. كۆپ ئۆتمەي سارايغا قايتتىم. گۆش، شىرنىلىكلەر ئالدىم. كۈن پاتقۇچە ئۆز ئىشىم بىلەن بولدۇم. كۈن پاتقاندىن كېيىن ھاممالنى چاقىردىم. ئالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېۋەتكە سېلىپ ھاممالغا بەردىم، ئۇنىڭ ھەققىنى بەردىم. ئايالنىڭ ئۆيىنى نىشانلار ماڭدىم. قېچىر بىلەن ناھايىتى تېزلا ئۆيىگە باردىم. ئىچكىرى كىردىم. ھەممە ياق سۈپۈرۈلگەن، سۇ سېپىپ تازىلانغان. شاملار يېقىلغان، ئاياغلار ھازىرلانغان. مەن كىرىش بىلەن سۆيۈملۈكۈم بوينۇمغا ئېسىلدى ۋە بۇ ئىككى مىسرا شېئىرنى ئوقىدى:
تىرىكلىك سەنسىز ماڭا بولدى دىشىۋار،
بولدۇممەن شارابتەك ۋەسلىڭگە خۇمار.
مەن بەك سېغىندىم دېدى ئۇ ئاغرىنغان ئاۋازدا. داستىخان سېلىندى. ھۇزۇرلىنىپ تويغۇچە تاماق يېدۇق. قىزلار داستىخاننى يىغىپ، بىزگە ئىچىملىك ئېلىپ كەلدى. يېرىم كېچىگىچە ئولتۇرۇشۇپ ئىچىشتۇق. كېيىن ياتاققا كىردۇق. تاڭ ئاتقۇچە بىللە ياتتۇق. ئەتىگەن تۇرۇپ ياغلىققا چىگىلگەن ئەللىك تىللا پۇلنى بەردىم. خەيرلىشىپ چىقىپ كەتتىم. تاشقىرىدا قېچىرچى تۇرغانىكەن. قېچىرنى مىنىپ سارايغا قايتىپ كەلدىم. بىر ئاز ئۇخلىدىم. كېيىن تاماق ھازىرلاشقا كىرىشتىم. تۈرلۈك مېغىزلار، شىرنىلىكلەر، تاماققا ئوخشاش قۇۋۋەتلىك ھەر تۈرلۈك مېۋىلەر ھازىرلىدىم. ھاممالدىن ئۇلارنى ئەۋەتتىم. ئۆيگە كىرىپ ئەللىك تىللا پۇلنى ئېلىپ ياغلىققا چىگدىم. كۈندىكىدەك قېچىرغا مىنىپ ماڭدىم. ئىچكىرى كىردىم، سالاملاشتۇق، ئىچىشتۇق، يېيىشتۇق، تاڭ ئاتقۇچە بىللە بولۇشتۇق. سەھەر تۇردۇم، ئەللىك تىللا بىلەن ياغلىقنى قويۇپ سارايغا ماڭدىم. شۇ يوسۇندا بىر قانچە ۋاقىت ئۆتتى. پۇلۇم تۈگدى. ئەقەللى بىر تىللادەك نەرسە قالمىدى. شۇ كېچە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزدۇم. ئازغانىكەنمەن دېدىم، قىلغان ئىشىمغا پۇشايمان قىلدىم.خاتىرەمگە تۆۋەندىكى شېئىر كەلدى:
سەۋرىم ئاز ھەر كۈنى ئىشقىم ئارتۇق،
يانچۇقۇم بوش، دىلىم مۇڭغا لىق تولغان.
پۇلسىز ئاشىقنىڭ ئېتىبارى يوق،
قۇرۇق سۆز قۇلاققا مۇشتەك ئۇرۇلغان.
كەمبەغەللىك كىشىنىڭ زەۋق نۇرىنى سۇندۇرار،
كۈن پاتقاندا ئۇنىڭ نۇرى خىرەلىشىپ كەتكەندەك.
كەمبەغەللىك كىشىنى مۇشەققەتكە كۆندۈرەر،
ئارزۇلارنى قانچە يازسا تولماس كۆڭۈل دەپتەردەك.
كۆرۈنمىسە پېقىر ئادەم ھېچكىم ئۇنى يوقلىماس،
گاھى بولسۇن ئۇ ياق يون، ھېچكىمنىڭمۇ ئىشى يوق.
خالىي يەردە يىغلار ئۇ، ئاھ تارتار ھەر نەپەس،
قېرىنداشمۇ يات ئاڭا، كۆيۈنگۈچى كىشى يوق.
سارايدىن چىقتىم، بەينەل قەسرەين كوچىسىغا قاراپ ماڭدىم. زۇۋەيلا دەرۋازىسىغا يەتتىم. ناھايىتى كۆپ ئادەم توپلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىدىن دەرۋازىنىڭ يولى توسىلىپ قالغان. يېنىمدا ئوبدانغىنا كىيىنگەن بىر سىپاھ كىشى تۇراتتى. ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا چاپلىشىپ قالدىم. قولۇم ئىختىيارسىز ئۇنىڭ يانچۇقىغا چۈشتى. يانچۇقىدا پۇلدان، ئۇنىڭدا ئازغىنا تىللا بارلىقى سېزىلدى. دەرھال قولۇمنى تارتتىم. شۇ ھامان ئۇ كىشى سەزدى. يانچۇقىنىڭ يەڭگىللىكىنى بىلىپ، قولىنى سالدى. يانچۇقى قۇرۇق، ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئۇ ماڭا تىكىلدى. ئۇ كىشى قولىدىكى تايىقى بىلەن بېشىغا ئۇردى. يەرگە يىقىلدىم. بەزى ئادەملەر قارىشىپ قېلىشتى. كىمدۇر بىرى ئادەم شۇنچە كۆپ تۇرسا پۇتنى قويغۇدەك يەر يوقلۇقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ بىر گۇناھسىز كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرمەكچىمۇ سەن؟ دەپ ۋارقىراپ سىپاھ كىشىنى ئەيىبلەشتى. ئۇ جىسەكچى، بۇ لەنىتى ئوغرى ئىكەن! يېنىمدىن پۇلۇمنى ئوغرىلىدى! دەپ غوۋغا كۆتۈردى. ھوشۇمغا كەلدىم. بەزىلەر: بۇ چىرايلىق يىگىت ھېچ نېمەڭنى ئالغىنى يوق دېسە، يەنە بەزىلەر: ئالدى دېيىشتى. گەپ سۆز ئۇلغايدى. ئادەملەر مېنى ئۇ سىپاھنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇناتتى. بىردىن دەرۋازا يېنىغا ھاكىم ۋە مىڭ بېگىلەر كېلىپ قالدى. مەن بىلەن ئۇ، سىپاھنىڭ يېنىغا ئادەملەر توپلىشىپ قالغىنىنى كۆرۈپ قېلىشتى. بىزگە يېقىنلاپ كەلدى. نېمە گەپ؟ دېدى ھاكىم، ھۆرمەتلىك ھاكىم، - دېدى سىپاھ، - بۇ ئوغرى ئىكەن. ئادەمنىڭ جىقلىقىدىن پايدىلىنىپ، مېنىڭ يېنىغا سېلىپ قويغان پۇلدىنىمنى يىگىرمە تىللا بىلەن ئوغرىلىدى. يېنىڭدا يەنە باشقا كىشى بارمىدى؟ دېدى ھاكىم. يوق! دېدى سىپاھ، ھاكىم مىڭ بېگىگە مېنى ئاختۇرۇشنى بۇيرۇدى. كىيىملىرىمنى يەشتى. پۇلدان كۆڭلىكىم ئىچىدىن چىقتى. پۇلداننى ھاكىمغا بەردى. ھاكىم پۇلداننى ئېچىپ ئىچىدىكى تىللانى سانىدى. يىگىرمە تىللا بار ئىكەن. سىپاھنىڭ سۆزىنىڭ تۇغرىلىقى ئىسپاتلاندى. ھاكىم غەزەپلىنىپ لەشكەرلىرىنى چاقىردى. ئۇلار مېنى ھاكىمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. توغرىسىنى ئېيت، ئەي يىگىت! - دېدى ھاكىم غەزەپ بىلەن ماڭا قاراپ، پۇلداننى ئالغىنىڭ راستمۇ؟! مەن بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ ئۆز - ئۆزۈمگە دەيتتىم. ئالمىدىم دېسەم، پۇلدان قوينۇمدىن چىقتى. ئالدىم دېسەم ئازابلايدۇ دەپ ئويلاپ، بېشىمنى كۆتۈرەلمەي ئالدىم دېدىم. ھاكىم بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئويغا چۆمدى. ئۈچ - تۆت كىشىنى قىچقاردى. ئۇلار گۇۋاھ بولدى. ھاكىم جاللاتقا بۇيرۇق قىلدى. جاللات ئوڭ قولۇمنى كەستى. سىپاھنىڭ كۆڭلى تىنجىدى. ھاكىم ئۆز يولىغا كەتتى. ئادەملەر چۆرەمنى ئوراپ ئالغانىدى. ماڭا بىر ئاياغتا شاراب تۇتتى. سىپاھ پۇلداننى ماڭا بەردى: ياخشى يىگىت كۆرۈنىسەن، ھەر قانچە پۇلدىن قىسىلساڭمۇ، ئوغرىلىق قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى دېدى. مەن بۇ شېئىرنى ئوقۇدۇم:
دوستلار، ئوغرى ئەمەسمەن ۋە يا يانچۇقچى،
مەنمۇ خىيالىمنى ئوغرىلاتقانمەن...
زاماننىڭ كۈلىپىتى مېنىمۇ باستى،
سىز ئۆتكەن يول بىلەن مەنمۇ ماڭغانمەن.
غەمكىنلىك، ۋەسۋەسە، نامراتلىق ئېشىپ -
يېڭىلدىم، تەڭرىنىڭ قىلغان قەھرى بۇ.
بۇ ئوق بېشىمدىن ئۇچۇردى تاجىمنى،
ئېلىپ كەتتى، قالدى ماڭا غەم - قايغۇ!
كېيىن ئۇ، ئۆز يولىغا كەتتى. قولۇمغا لاتا ئورالغان ھالدا مەنمۇ يولغا چۈشتۈم. ئەھۋالىم ئۆزگەرگەن، رەڭگىم سارغايغان، كەيپىم قاچقان ھالدا ئايالنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆزۈمنى ئورۇنغا تاشلىدىم. مېنى بۇ ئەھۋالدا كۆرۈپ ئايال ھەيران بولدى.
نېمە بولدى، نەرىڭىز ئاغرىيدۇ. نېمە مۇنچە پەرىشانسىز؟ دېدى ئۇ ماڭا. مىجەزىم يوق بېشىم ئاغرىيدۇ. مېنى تولا سۆزگە قىستىماڭ دېدىم مەن. ئۇ خاپا بولدى، بىئارام بولۇپ تەمتىرەپ كەتتى. دىلىمنى ئۆرتىمەڭ، - دېدى ئۇ، - ئولتۇرۇپ سۆزلەڭ، قارىسام بۇرۇنقى ئەپتىڭىز يوق. بۈگۈن سىزگە نېمە بولدى؟ قويۇڭ، سورىماڭ! دېدىم. ئۇ يىغلىدى: ئەمدى مېنىڭدىن كۆڭلىڭىز سوۋۇپ قالغان ئوخشايدۇ، - دېدى، - بىلىپ سۆزلەۋاتىمەن. سىز تامامەن ئۆزگىرىپ قالغاندەك تۇرىسىز! مەن گەپ قىلمىدىم. ئۇ، مەن بىلەن سۆزلىشىشنى ئىستەيتتى. كەچ بولدى، تاماق ئېلىپ كېلىشتى. مەن چەپ قول بىلەن يېسەم بولۇپ قالمىسۇن دەپ تاماقنى يېمەي قايتۇردۇم. ئېيتىڭ! - دېدى ئۇ، - بۈگۈن سىزگە نېمە بولدى! نېمىگە بۇنچىلىك خاپىسىز؟ نېمىشقا دىلىڭىز سۇنۇق؟ ئۇ، يەنە يىغلىدى. ھازىر ئېيتىمە دېدىم ئۇنىڭغا. ئۇ ماڭا ئىچىملىك تۇتۇپ: بۇنى ئىچىڭ، قايغۇڭىزنى بېسىڭ، قولۇمنى قايتۇرماي ئىچىڭ! ماڭا بولغان ۋەقەنى سۆزلەڭ! دېدى. سۆزلىىشم زۆرۈرمۇ؟ دېدىم مەن. ئەلۋەتتە! دېدى ئۇ. ئېيتىشىم زۆرۈر بولسا، - دېدىم مەن ئۇنىڭغا، - ئۆز قولىڭىز بىلەن ئىچكۈزۈڭ. ئۇ، ئاياقنى تولدۇرۇپ ئىچكۈزدى. ئىككىنچى قېتىم تۇتتى، ئۇنى مەن سول قولۇم بىلەن ئالدىم. كۆزۈمدىن ياش توختىماي ئاقاتتى.
نېمىشقا بۇنداق يىغلاپ دىلىمنى ۋايران قىلىسىز؟ نېمىشقا بۇ ئاياقنى سول قولىڭىز بىلەن ئالىسىز؟ قولۇمدا جاراھەت بار دېدىم مەن. چىقىرىڭ، ئۇنىڭ دورىسىنى قىلاي! دېدى ئۇ. ھازىر ۋاقتى ئەمەس، قولۇمى چىقىرالمايمەن دەپ يەنە ئاياغ سورىدىم. ئۇ مەست بولغۇچە قۇيۇپ بەردى. مەست بولۇپ ئۇخلاپ قايتىمەن. شۇ چاغدا ئۇ مېنىڭ قولۇمى ئېچىپ كۆرۈپتۇ. يېنىمدىكى پۇلداننى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتۇننىمۇ كۆرۈپتۇ. قاتتىق خاپا بوپتۇ. ئېھتىمال، دۇنيادا ھېچكىم بۇنچىلىك خاپا بولمىغاندۇر. بىچارە ئايال مەن ئۈچۈن تاڭ ئاتقۇچە ئازابلىنىپتۇ. ئويغىنىپ قارىسام، تۆت توخۇ گۆشىدە شورپا قىپتۇ. ئىچىملىك ۋە باشقا تاماق ئېلىپ كېلىشتى. يېدىم، ئىچتىم، پۇلداننى قويۇپ كەتمەكچى بولغانىدىم. نەگە بارىسىز؟ دېدى ئۇ. مەن ئولتۇردۇم. ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىز پۈتۈن پۇللىرىڭىزنىڭ تۈگىشىگە ۋە ھەتتاكى قولىڭىزنىڭ كېسىلىشىگە سەۋەبچى بوپتۇ. سىزنى ئىشەندۈرۈپ ئېيتايكى، - دېدى ئۇ، - مەن سىزدىن ئايرىلالمايمەن. ھازىر سۆزۈمنىڭ راستلىقىنى ئىسپات قىلاي. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، قازى بىلەن گۇۋاھچىلارغا كىشى ئەۋەتتى. قازى ۋە گۇۋاھچىلار كېلىشتى. مېنى شۇ يىگىتكە نىكاھلاپ، ئۇنىڭ راستلىقى ئۈچۈن پەتتە يېزىڭلار. ئۇنىڭدا كېرەكلىك ھەققى مېھرىنىمۇ ئالغىنىمنى كۆرسىتىڭلار دېدى. ئۇلار نىكاھ ئوقۇپ پەتتە يېزىشتى. سىلەر گۇۋاھ بولۇڭلار، - دېدى ئۇ، - مانا مۇشۇ ساندۇقتىكى پۇللار، ئىختىيارىمىزدىكى قۇللار، چۆرىلەر ھەممىسى بۈگۈندىن باشلاپ مانا شۇ يىگىتكە تىگىشلىك. ئۇلار گۇۋاھلىققا رازى بولۇشتى. مەن ئىنئاملارنى قوبۇل قىلدىم. گۇۋاھلارغا تېگىشلىك ھەق تۆلىدىم. ئۇلار قايتىپ كېتىشتى. ئايال مېنىڭ قولۇمدىن تۇتۇپ ھۇجرىغا ئېلىپ كىرىپ چوڭ بىر ساندۇقنى ئاچتى.
قاراپ بېقىڭ نېمە بار ئىكەن؟ دېدى ئۇ. مەن قارىدىم. چوڭ ساندۇق ياغلىققا چىگىلگەن تىللالار بىلەن لىق تولۇپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ پۇلىڭىز. قانداق قويغان بولسىڭىز شۇ پېتىچە ساندۇققا سېلىپ قويغانىدىم، - دېدى ئۇ، - بۇ پۇللىرىڭىزنى ئۆز قولىڭىزغا ئېلىڭ. بۇ پۇللار ئۆزىڭىزنىڭ. بۈگۈن سىز پۇللۇق باي، مەن ئۈچۈن ئازابلاندىڭىز. ئوڭ قولىڭىزدىن ئايرىلدىڭىز. مەن سىزنىڭ ھەققىڭىزنى ئادا قىلىشتىن يىراق. جېنىمنى قۇربان قىلساممۇ ئازلىق قىلىدۇ. قېنى ماللىرىڭىزنى ئۆز قولىڭىزغا ئېلىڭ!
مەن ناھايىتى شادلاندىم. غەملىرىم تۈگىدى. ئايالىمنى سۆيدۈم ۋە ئۇنىڭغا: رەھمەت! دېدىم. ئۆزىنىڭ مال - مۈلىكىنىمۇ ماڭا بېغىشلىدى. بۇ ھەقتە تولۇق قىلىپ يېزىلغان بىر ھۆججەتنىمۇ مېنىڭ قولۇمغا تۇتقۇزدى. كېچىچە بىللە بولدۇق. مەن پۈتۈن ۋەقەنى سۆزلەپ بەردىم. شۇ خىلدا بىر ئاي ئۆتكىنى يوق ئىدى. ئۇ ئاغرىپ قالدى. كېسىلى بارغانسېرى كۈچەيدى. ئەللىك كۈنگە يېتەر - يەتمەي ۋاپات بولدى. مەن جىنازا رەسمىيىتىنى ئۆتىدىم. يەتتە كۈن ماتەم تۇتتۇم. گۈمبەز ياساتتىم. ئۇنىڭ ھەققىگە كۆپ ماللارنى سەدىقە قىلدىم. تەزىيە ۋاقتى تۈگىگەندىن كېيىن بىلسەم ئۇنىڭ مال - مۈلكى ھەر تۈرلۈك، ئاشلىق ئامبارلىرى ناھايىتىمۇ كۆپ ئىكەن. مېنىڭ سىزگە ساتقان كۈنجۈتۈم شۇنىڭ ئاشلىق ئامبىرىنىڭ بىرى. باشقا ماللارنىمۇ سېتىش ئاۋارىچىلىكىدە بولۇپ قېلىپ، سىزنىڭ يېنىڭىزغا كېچىكىپ كەلدىم. ھېلىمۇ كىشىلەردىن مال ساتقان پۇلنى يىغىپ تۈگەتكىمى يوق. سىز قارشى چىقماڭ. قىلغان زىياپىتىڭىز ئۈچۈن سىزدىكى كۈنجۈتنىڭ پۇلىنى ئۆزىڭىزگە ھەدىيە قىلدىم، ئوڭ قولۇمنىڭ يارامسىز بولۇپ، سول قولۇم بىلەن تاماق يېگىنىمنىڭ سەۋەبى مانا شۇ. ماڭا قىلغان مېھماندارچىلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت دېدى ئۇ. مەن بىلەن بىللە بىزنىڭ يۇرتىمىزغا بارمامسىز؟ مەن قاھىرە ۋە ئىسكەندىرىيە ماللىرىدىم ئالدىم دېدىم. مەن ئۇنىڭغا: ئەگەر ئېلىپ بارسىڭىز ناھايىتىمۇ خۇش بولىمەن دەپ ئېيتتىم، بىللە باغدادقا بېرىشقا رازى بولۇشتۇق. بىر ئايدىن كېيىن يۈرۈشكە قارار قىلىشتۇق. ئۇمۇ قوللىرىدىكى بار ماللىرىنى سېتىپ ئۇياقتا بازىرى بار ماللارنى ئالدى. بىللە سەپەر قىلدۇق. بىر نەچچە زامان ئۇنىڭ بىلەن باغدادت تۇردۇم. دوك ۋەقەسىدىن، - دەپتۇ، نىسارا خانغا تەزىم قىلىپ، - بۇ ۋەقە قىزىق ئەمەسمۇ؟ ياق! - قىزىق ئەمەس ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن تۆتىڭلارنى دارغا ئاسىمەن!
قىسسە شۇ يەرگە يەتكەندە تاڭ ئاتتى، شەھرىزاد ھېكايىسىنى توختاتتى
Posted: 2008-01-22 12:26 |
[ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى
سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
سەھىپە يۆتكىلىش
>> بىلقۇت خەزىنىسى
|- ئەلالاشتۇرۇش
|- بىلقۇت خەزىنىسى ھەققىدە
|- تەكلىپ-پىكىر بىرىڭ
>> ئاۋازلىق ئەسەرلەر
|- مەسەللەر
|- ھېكايىلەر
|- نەسىرلەر
|- مىڭ بىر كېچە
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- چۆچەكلەر
|- رىۋايەتلەر
>> كۈتۈپخانا
|- ھىكمەت
|- غارايىباتلار
|- قان تىپى
|- نۇتۇقلار
|- ئۆسۈملۈكلەر
|- كۆكتاتلار
|- نەسىھەت
|- مۆچەل
|- مېۋە
|- مايلار
|- ھايۋاناتلار
|- مىللەتلەر
|- رىۋايەتلەر
|- سۆيگۈ مەكتۇپى
|- ئۆلچەم بىرلىكلىرى
|- بۈگۈن
|- مۇزىي
|- دۇنيادىكى شەھەرلەر
|- دۇنيادىكى كۈتۈپخانىلار
|- تارىخ
|- تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
|- مىڭ بىر كېچە
|- چۆچەكلەر
|- ئەپسانىلەر
|- كەلىلە ۋە دېمىنە
|- ھېكايىلەر
|- ماقالىلەر
|- دۇنيادىكى ئەڭ
|- ياشلار سەمىگە
|- ماقال-تەمسىل
|- لەتىپە-يۇمۇرلار
|- نەسىرلەر
|- مەسەللەر
>> بالىلار باغچىسى
|- كىم ئەڭ ئەقىللىق
|- بالىلار چۆچەكلىرى
|- قىزىقارلىق ئويۇنلار
|- قىزىقارلىق كارتونلار
|- يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن؟
|- بالىلار ھېكايىسى
|- ئانا-بالىلار ساغلاملىق ساۋاتلىرى
>> بىز
|- ئۇيغۇر كارخانچىللىرى
|- ئۇيغۇر كارخانىلىرى
|- ئۇيغۇر مەھسۇلاتلىرى
|- ئۇيغۇر پاتنېتلىرى
|- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
|- ئۇيغۇر كەشپىياتلىرى
|- ئۇيغۇرساياھەتچىلىكى
|- تائاملىرىمىز
|- شەخىسلىرىمىز
|- ئويۇنلىرىمىز
|- تىبابىتىمىز
|- چالغۇلىرىمىز
|- ھۈنەرلىرىمىز
|- يوسۇنلىرىمىز
|- تارىخمىز
>> يۇرتىمىز
|- شەھەرلەر
|- بىڭتۈەنلەر
|- ناھىيەلەر
|- ۋىلايەتلەر
|- ئاپتونوم ئوبلاست
|- ئاپتونوم ناھىيە
>> ئۆگىنىش
|- ماتېماتىكا
|- يىزا-ئىگىلىك
|- پىسخىلوگىيە
|- ئىقتىساد
|- مۇھىت
|- ئۇيغۇرتىلى
|- خەنزۇتىلى
|- ئىنگىلىزتىلى
|- روس تىلى
|- ياپون تىلى
|- ئەدەبىيات
|- جۇغراپىيە
|- تارىخ
|- فىزىكا
|- خىمىيە
|- ئاستىرنومىيە
|- بىئولوگىيە
|- دىپلوماتىيە
|- ئېلېكترون
|- تەنتەربىيە
|- مەتبەئەچىلىك
|- گۈزەل- سەنئەت
>> كومپيۇتېر
|- ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار
|- كومپىيۇتېردىن سۇئال-جاۋابلار
|- توربەت ياساش
|- باشقىلار
|- قاتتىق دېتال
|- يۇمشاق دېتال
|- مەشغۇلات سىستىمىسى
|- توربىلىملىرى
>> مائارپ
|- مائارىپ تەشكىلاتلىرى
|- بالىلار باغچىلىرى
|- باشلانغۇچ مەكتەپلەر
|- ئوتتۇرا مەكتەپلەر
|- ئالىي مەكتەپلەر
|- گېزىتلەر
|- ژورناللار
>> قانۇن - نىزاملار
|- جىنايەت ۋە جازا
|- قانۇنلار
|- نىزاملار
بىلقۇت باغچىسى
»
مىڭ بىر كېچە
Total 0.057789(s) query 3, Time now is:03-17 17:42, Gzip disabled
Powered by
PHPWind
v6.0
Certificate
Code © 2003-07
PHPWind.com
Corporation
Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008
bilqut.com
Corporation