سىياۋۇش بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 سىياۋۇش

ئەجەمنىڭ شەرقىدىكى تۈركىستان يېرى ئاپراسىياپنىڭ ئىختىيارلىقىدا ئىدى. ئەجەم ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى ھىجاز، يەمەن كەيكاۋۇسقا قاراشلىق بولغان، ئىران ۋە تۇران ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئامۇ دەرياسى (جەيھۇن) ئارقىلىق ئايرىلاتتى. كەكاۋۇس بىر ئوغۇل كۆردى. ئۇنىڭ نامىنى سىياۋۇش قويدى. پۈتۈن دۇنيادا بۇنىڭدىن چىرايلىقراق ئوغۇل يوق ئىدى. بۇ بالا مەشھۇر سەركەردە رۇستەم قولىدا تەربىيە كۆردى. يىگىرمە ياشقا تولغاندا ئاتىسى سىياۋۇشنى يېنىغا ئېلىپ كەلدى. كەيكاۋۇس ئۇنىڭ ئىشلارغا ۋە ئەدەپكە ئۆگەنگەنلىكىدىن خۇشاللاندى. كەيلاۋۇسنىڭ بىر خوتۇنى بار ئىدى. بۇ خوتۇن ئىنتايىن شوخ ۋە چىرايلىق ئىدى. ئۇ سىياۋۇشنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدى. سىياۋۇش ئۆگەي ئانىسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، مەن ئاتامغا بىۋاپالىق قىلمايمەن، دەپ قاۋاب بەردى. بۇنىڭدىن غەزەپكە كەلگەن ئايال كۆپ ھىيلە - مىكىر ئىشلەتتى. يالغان گەپ تارقىتىپ سىياۋۇشقا تۆھمەت قىلدى. نەتىجىدە ئاتا ئوغلىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇماقچى بولدى. ئەمما، سىياۋۇشنىڭ ئىلتىماسى ۋە رۇستەمنىڭ مەسلىھىتىگە ئاساسەن، ئاتىسى سىياۋۇشنى ئاپراسىياپقا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغان قوشۇنغا باشلىق قىلىپ ئەۋەتتى. سىياۋۇش تۇرانغا كېلىپ ئۇرۇش قىلدى، قارشى تەرەپنىڭ كۆپ ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاپراسىياپ ئىككى كىشىنى ئەۋەتىپ سۈلھى سورىدى. سىياۋۇش سۈلھى تۈزۈشكە ۋە بۇ توغرىدا ئاتىسىغا خەۋەر يوللىدى. ئاتىسى سۈلھىگە نارازى بولدى. سىياۋۇش، مەن بىۋاپالىق قىلمايمەن، ئۆز ئەھدىمدىن قايتمايمەن، - دېدى. ئۇ ئەمدى ئاتىسىنىڭ ئالدىغا بارالمىدى، يا ئۇياققا، يا بۇياققا ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. ئۇ ئاپراسىياپ ئالدىغا باردى. ئاپراسىياپ ئۇنى ياخشى قارشى ئالدى ۋە سىياۋۇشقا ئۆز قىزىنى بەردى. قوشۇن ئىرانغا قايتتى. ئاپراسىياپ سىياۋۇشنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقلىقى مەردلىكى ۋە باتۇرلۇقىدىن ئەندىشىگە چۈشتى ۋە بۇ ھەقتە ئۆز ئادەملىرى بىلەن مەسلىھەتلەشتى. ئاخىر سىياۋۇشنى ئۆلتۈرۈش پىكرىگە كەلدى. سىياۋۇشنىڭ خوتۇنى (ئاپراسىياپنىڭ قىزى) ھامىلىدار ئىدى. ئۇنىڭغا دورا بېرىپ بالىسىنى چۈشۈرۈۋەتمەكچى بولدى. ئاپراسىياپنىڭ فېران دېگەن بىر ۋەزىرى بار ئىدى. ئۇ سىياۋۇش بىلەن ئاپراسىياپ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سۈلھىنىڭ تەشەببۇسكارى بولغانىدى. فېران ئاپراسىياپنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنى قارىلىدى. ئۇ: «ئەگەر سەن سىياۋۇشنى ئۆلتۈرسەڭ، ئەمدى قىزىڭنى ماڭا تاپشۇر، ئەگەر ئۇ ئوغۇل تۇغسا شۇ ئوغۇلنى كەيكاۋۇس ۋە رۇستەمگە ئەۋەتىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ غەزىپىنى ياندۇرىمەن» دېدى. ئاپراسىياپ قىزىنى فېرانغا تاپشۇردى. لېكىن، ئۇ ئوغۇل تۇغقۇدەك بولسا، شۇ بالىنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇدى. فېران شاھ قىزىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ساقلىدى. بىر ئاي ئۆتمەستىن ئۇ ئوغۇل تۇغدى. بوۋاق خۇددى ئاتىسىنىڭ ئۆزى ئىدى. فېراننىڭ بۇ بالىنى ئۆلتۈرۈشكە كۆڭلى ئۇنىمىدى، ئۇنىڭغا كەيخىسراۋ دەپ ئات قويدى ۋە يوشۇرۇنچە تەربىيىلىدى. ئاپراسىياپقا: «قىزىڭ پەرزەنت كۆردى» دەپ خەۋەر قىلدى. ئەمما ئوغۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىدى. بىر قانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاپراسىياپ: «قىزىم نېمە تۇغدى؟» دەپ سورىدى. «ئوغۇل، ئەمما ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى» دەپ جاۋاب بەردى فېران. «كەلتۈر ئۇنى، كۆرەي» دېدى ئاپراسىياپ. فېران ئېسىل كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ كەيخىسراۋنى ئاپراسىياپ يېنىغا ئېلىپ كەلدى. ئاپراسىياپ ئۇنى كۆرگەن ھامان سىياۋۇشنى ئۆلتۈرگىنىگە پۇشايمان قىلدى. فېرانغا: «بۇ بالا چوپانلار ئارىسىدا بولسۇن، چوڭ بولغاندا كىمنىڭ زاتىدىن ئىكەنلىكىنى بىلمىسۇن» دەپ بۇيرۇدى. بالىنى چوپانلار قولىغا تەربىيىلەش ئۈچۈن تاپشۇردى. ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندە، بىر كۈنى ئاپراسىياپ فېراننى ئۆز ھۇزۇرىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «شاھزادە قانداق قىلىپ چوپانلار قولىدا تەربىيىلىنىشى مۇمكىن؟ نېمە راۋا بولسا شۇ بولسۇن، بارغىن، ئۇنى ئېلىپ كەلگىن» دېدى. فېران كەتتى. ئۇ چوپانلار يېنىغا كەلدى ۋە بالىنى كۆردى. ئۇ بالىنى ئاتقا ئولتۇرغۇزۇپ، يوشۇرۇنچە ئاپراسىياپنىڭ يېنىغا كەلتۈردى. يولدا ئۇنىڭغا ئاپراسىياپنىڭ ئالدىغا كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا: «بوۋاڭ نېمىنى سورىسا شۇنداق جاۋاب بېرىشىڭ كېرەككى، ئۇ سەندىن قورقىدىغان بولمىسۇن» دەپ چۈشەندۈردى. ئۇلار ئاپراسىياپنىڭ يېنىغا يېتىپ كېلىشتى. ئاپراسىياپ بالىسىنىڭ كامىللىقىدىن ھەيرەتتە قالدى. ئاپراسىياپ فېرانغا: «بالىنى ئېلىپ بېرىپ ئانىسىغا تاپشۇر، ئۇنىڭدىن زادى ئايرىلمىسۇن» دېدى. فېران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ ئانىسىغا تاپشۇردى. بىر قانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، سىياۋۇشنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى كەيكاۋۇسقا بېرىپ يەتتى. ئۇ ئىنتايىن غەزەپلەندى، يىغلاپ نالە قىلدى، ھازا ئېچىپ قارىلىق تۇتتى. بىر نەچچە يىل ئۆتتى، لەشكەر باشلىقلىرى ئىچىدە گۆدەرز دېگەن ئادەم بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇ چۈشىدە شۇنداق ئەھۋالنى كۆردى. بىر ئادەم ئۇنىڭغا ئوغلۇڭ گىۋنى تۇرانغا ئەۋەت، ئۇ بېرىپ كەيخىسراۋنى ئېلىپ كەلسۇن، - دېدى. گۆدەرز بۇ چۈشتىن كەيكاۋۇسنى خەۋەردار قىلدى. كەيكاۋۇس گىۋگە بۇيرۇق بېرىپ، ئۇنى تۇرانغا ئەۋەتتى. گىۋ يەتتە يىل تۇراندا بولدى ۋە كەيخىسراۋنى ئىزدەپ تاپتى. ئۇ كەيخىسراۋنى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئىران تەرەپكە يول ئالدى. ئاپراسىياپ بولغان ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، ئۈچ يۈز مەرد ۋە جەسۇر يىگىتنى فېرانغا بەردى ۋە ئۇلارنى قاچاقلار ئارقىسىدىن ئەۋەتتى. گىۋ ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدى، بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى، بەزىلىرىنى قېچىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇ فېراننى تۇتۇۋالدى ۋە ئۆلتۈرۈشكە قەستلىدى. كەيخىسراۋ فېراننىڭ ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىقلار قىلغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۆلتۈرمەسلىكنى سورىدى. گىۋ: «مەن ئۆلتۈرمىسەم بولمايدۇ» دېدى. كەيخىسراۋ: «ئۇبداق بولسا سول قۇلىقىنى كەسكىن، شۇندا قەسىمىڭ ھەم بۇزۇلمايدۇ، فېران ھەم ئامان قالىدۇ» دەپ مەسلىھەت بەردى. گىۋ فېراننىڭ سول قۇلىقىنى كەستى ۋە ئۇنى ئېتىغا باغلاپ قويدى. گىۋ ۋە كەيخىسراۋ ئىرانغا - كەيكاۋۇس ھۇزۇرىغا يېتىپ كېلىشتى. كەيكاۋۇسنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، رۇستەم چوڭ قوشۇنغا باش بولۇپ تۇرانغا يۈرۈش قىلدى، ئاپراسىياپنى يېڭىپ قاچۇردى. كۆپ ئەللەر غازات قىلدى، ئەسىر ۋە ئولجىلارنى قولغا كىرگۈزدى. كەيكاۋۇس بىر يۈز ئەللىك يىل ياشىغاندىن كېيىن ۋاپات بولدى.
Posted: 2008-01-22 12:12 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » رىۋايەتلەر

Total 0.079434(s) query 3, Time now is:03-17 17:42, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation