توققۇز تارا ناھىيىسى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1572
شۆھرىتى: 1582 نومۇر
تەڭگىسى : 15735 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 توققۇز تارا ناھىيىسى

توققۇز تارا ناھىيىسى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى تېكەس ناھىيىسىگە، شەرقىي جەنۇب تەرىپى خېجىىڭ ناھىيىسىگە، غەربىي چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىگە تۇتۇشىدۇ، شەرقىي شىمال تەرىپى كۈنەس ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى نىلقا ۋە غۇلجا ناھىيىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 162 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 42 ~ 6 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4515.3 كۋادرات كىلومېتىر، ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 52 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بىلەن غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ بىر كارخانىسى بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 790 كىلومېتىر، 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 142 مىڭ 200 بولۇپ، قازاقلار 30% نى، ئۇيغۇرلار 23.46% نى، خەنزۇلار 30.98% نى، باشقا مىللەتلەر 15.56% نى تەشكىل قىلىدۇ.
  توققۇز تارا تارىختا توققۇزتارا (قەدىمكى تۈرك تىلىدا توققۇز مەنبەلىك ياكى توققۇز تارماق دەريا دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇيسۇنلارنىڭ يېرى ئىدى. خەن دەۋرىدە غەربىي رايون قۇرقچى بەگ مەھكىمىسىگە، سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە غەربىي تۈركلەرگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيرات موڭغۇللىرىنىڭ مال باقىدىغان يېرى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ 18 - يىلى (1838 - يىلى) مانجۇلار قوشۇنىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بولۇپ، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىگە قارىغان گۇاڭشۈنىڭ 14 - يىلى (1888 - يىلى) سۈيدۈڭ ناھىيىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 19 - يىلى (1930 - يىلى) غۇلجا ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ، توققۇزتارا ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئىلى مەمۇرىي رايونىغا تەۋە بولغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يەنىلا ئىلى ۋىلايىتىگە قارىغان.
  ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي جەنۇبىي ئېگىز، غەربىي شىمالىي پەس بولۇپ، تاغلىق جايلار 67.1%نى، ئېدىرلىق 9.5% نى، تۈزلەڭلىك 21.4% نى ئىگىلەيدۇ. جىرغىلاڭ دەرياسى، تېكەس دەرياسى، ئىلى دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىق مىقدارى 824  مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش مىقدارى 583 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش مىقدارى 583 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قارا تايغان بۇغا، ئارقار، قوڭۇر ئېيىق، ئۇلار، ياۋا چوشقا قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە يەر ياڭىقى، ئالما، ياۋا ئۆرۈك، قومۇش، مېھرىگىيا، چۈچۈك بۇيا، سۇغىگۈل، قانتېپەر، قارلەيلسى قاتارلىق ياۋ ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، تاش پاختا، ئۇران، ھاك تېشى، بېرىل، بارىت قاتارلىقلار بار.
  توققۇزتارا ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قورغاق كېلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37.4℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 37.6℃، قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى  2731.9 سائەت.  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا  3055.4℃. قىروسىز مەزگىلى  150 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 256.6 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1422.5 مىللىمېتىر.
  ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 25 مىڭ گېكتار (375 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 84 مڭ 200 گېكتار (1 مىليون263 مىڭ مو) ئورمانلىق، 271 مىڭ 700 گېكتار (4 مىليون 75 مىڭ 100 مو) يايلاق بار. بۇغداي، كۆممىقۇناق، شال، كۆتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. ئاساسلىق قوي، كالا، ئات قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. ئېلېكتر - ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ھاراق ئېچىتىش، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار.
  توققۇزتارا ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئۆلكە يولىنىڭ 220 - ۋە 316 لىنىيىلىرى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلاردىكى تاشيوللار تەرەپ - تەرەپكە تارالغان. نۇر كابىلى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 3000 توكا پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلدى.
  ناھىيىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قەدىمىي قەبرىستانلىق بولۇپ، داڭلىق مەنزىرىلەردىن كوردىنېن تەبىئىي قوغداش رايونى ۋە ياۋا ياڭاق جىلغىسى تەبىئىي قوغداش رايونى قاتارلىقلار بار.
Posted: 2008-01-22 11:48 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » ناھىيەلەر

Total 0.057990(s) query 3, Time now is:03-17 17:50, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation