شىخۇ شەھىرى بىلقۇت باغچىسى - powered by phpwind.net


Bilqut_K
بىلقۇت توربىكىتى
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار : 5
يوللىغان تېما : 1571
شۆھرىتى: 1581 نومۇر
تەڭگىسى : 15725 تەڭگە
تۆھپە: 1 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 شىخۇ شەھىرى

شىخۇ شەھىرى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقى قاراماي شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ، جەنۇبى خېجىڭ ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ، غەربى چىڭگىل ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالى تولى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 220 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربىكىچە بولغان كەڭلىكى 180 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 13 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 7 بازار، 11 يېزا، 178 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 7 - شىسىنىڭ 9 تۇەن - مەيدانى بار، شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 267 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 336 مىڭ 600 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 6.30% نى، ئۇيغۇرلار 5.17% نى، خەنزۇلار 79.29% نى، باشقا مىللەتلەر 9.24% نى تەشكىل قىلىدۇ.
  شىخۇ ئىلگىرى كول قارا سۇ دەپ ئاتالغان، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇنسۇرلارنىڭ يېرى ۋە ھونلارنىڭ غەربىي چېگرىسى بولغان. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈركلەرگە قارىغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربى يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېرى بولغان، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ باشلىرىغىچە ئۇيرات موڭغۇللىرىنى خوشۇت قەبىلىسىنىڭ چارۋا باقىدىن يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 26 - يىلى (1761 - يىلى) ئۇ يەردە خان ئامبال قويۇلغان، چيەنلوڭنىڭ 37 - يىلى (1772 - يىلى) بۇ يەرگە ياردەمچى ئامبال قويۇلغان. چيەنلۇڭنىڭ 46 - يىلى (1781 - يىلى) بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. چيەنلۇڭنىڭ 48 - يىلى (1783 - يىلى) ئاشلىق ئىشلىرى نازارىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئۈرۈمچى باش بۇغىغا قارايدىغان بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 12 - يىلى (1886 - يىلى) قايتىدىن ئاشلىق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ كول قارا سۇ بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، ئۈرۈمچى دوتەي مەھكىمىسىگە قارايدىغان بولغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913 - يىلى) شىخۇ ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تارباغاتاي ۋالىي مەھكىمىسىگە ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارىغان. 1996 - يىلى 7 - ئايدا ناھىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر قىلىپ قۇرۇلغان.
  ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالى پەس، شەرقىي جەنۇبىدىن غەربىي شىمالغا قىيسىق، تاغلىق رايون 43.6% نى، تۈزلەڭلىك 44.6% نى، قۇملۇق 11.8% نى ئىگىلەيدۇ. 17 چوڭ - كىچىك دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 1 مىليارد 920 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 486 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، سايگاڭ بۆكىنى، قوڭۇر ئېيىق، بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا چوشقا، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن شەمشاد، توغراق، قىيىن، قارلەيلىسى، سۇغىگۈل، قانتېپەر، چۆچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، نېفىت، سىڭىر تاش، گىلائۇبېر تۇزى، ھاك تاش، گرانىت، بېنتونىت قاتارلىقلار بار.
  شىخۇ شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 42.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 37.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2821.4  سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېرتۇرىسى  3685.6℃، قىروسىز مەزگىلى  184 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  158.4 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2109.9 مىللىمېتىر.
  بۇ شەھەر يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 43 مىڭ گېكتار (645 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 179 مىڭ 300 گېكتار (2 مىليون 690 مىڭ مو) ئورمانلىقى، 709 مىڭ 300 گېكتار (01 مىليون 640  مىڭ مو) ئوتلىقى، 22 مىڭ گېكتار (330 مىڭ مو) سۇ كۆلى بار. يەنە 60 مىڭ گېكتار (900 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى، 333 مىڭ 300 گېكتار (5 مىليون مو) ئورمان ئەھياقىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كۆممىقوناق، كېۋەز، شال، ياغلىقدان زىرائەتلىرى، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار، بۇلار ئىچىدە شىخۇ گۈرۈچى بىر قەدەر داڭلىق. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈرچىلىك، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆن - خۇرۇم ئىشلەش، كىيىم - كېچەك تىكىش، ئېچىتىپ ئىشلەش كەسپى، يېمەكلىك كەسپى قاتارلىقلار بار.
  شىخۇ شەھىرىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنى غەربىي بۆلىكى ۋە دۆلەت تاشيولى 312 - لىنىيىسى شەھەرى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تۆت ئەتراپقا تۇتۇشۇپ كەتكەن. 12 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلغان.
  بۇ شەھەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن شارسۇ لام بۇتخانىسى، مانې خاندانلىقىنىڭ قەدىمكى تۇرالغۇسى، ئۇسۇنلار قەدىمكى قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بار. جەنۇبىي تاغ ئارشىڭى داڭلىق مەنزىرىلىك ساياھەت ئورنى.
Posted: 2008-01-22 11:46 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
بىلقۇت باغچىسى » شەھەرلەر

Total 0.057456(s) query 3, Time now is:03-17 17:41, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation