قىزىلسۇ قىرغىز ئوبلاستلىق 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ1956 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان، ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپتە پەقەت بىرىنچى يىللىقتىن
تۆتىنچى يىللىققىچە جەمئىي 40 نەپەر ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، قوشما سىنىپ ئوقۇتۇشى قوللىنىلغان. تۆت يىللىقتا ئوقۇغۇچىلارغا بىرلىكتە دەرس
ئۆتىلەتتى. پەقەت ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچى بار ئىدى. 1958 - يىلى خەنزۇ مەكتەپ يەنى ئوبلاستلىق بىرىنچى باشلانغۇچ رەسمىي قۇرۇلغان. شۇ يىلى
بىرىنچى قارار ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، قوشما سىنىپ ئوقۇتۇش شەكلى ئاياغلاشقان. 1960 - يىلى 9 - ئايدا تولۇقسىز سىنىپنى قوشۇۋېلىپ،
قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1966 - يىلى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئۆزئارا ئايرىلغان. ئايرىم - ئايرىم ھالدا
قىزىل بايراق ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە شەرق قىزاردى باشلانغۇچ مەكتىپى قىلىپ قۇرۇلغان. 1972 - يىلى ئوقۇغۇچى سانىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن
ھازىرقى تاڭ نۇرى باشلانغۇچ مەكتىپى ئايرىلىپ چىققان. 1982 - يىلى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ مەكتەپ
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ. 1989 - يىلى يەنە ھازىرقى مەركىزىي بالىلار باغچىسى
ئايرىلىپ چىققان. 1999 -، 1991 - يىللىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1998 -، 1997- يىللىرى ئاپتونوم
رايونلۇق تەنتەربىيە ئۆلچىمىدە ئىلغار ئورۇن دېگەن نامغا ئېرىشتى. مەكتەپ شتاتى 67. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچىسى 75 نەپەر. ئوقۇغۇچى
سانى 1200 نەپەر. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 27347 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى 2527 كۋادرات مېتىر.