ئىقتىساد يەر شارىلاشقان بۈگۈنكى دەۋىردە ئىسلاھاتنىڭ ئۈزۈلمەس دولقۇنى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلدى. ئەنە ئاشۇ سېھرى قۇدرەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن يېڭى ئارمانلار بىخلىنىپ، يېڭى ئىستەكلەر نۇرلاندى. ھايات ۋە شىجائەتنىڭ مۇقەددەس پۇرسەتلىرىنى چىڭ تۇتىدىغان زەبەردەست ئوغلانلار ئىسلاھاتنىڭ ياڭراق ساداسىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ زەپەر مارشىنى ياڭراتتى. ئەنە ئاشۇ زەپەر مارشىنىڭ سېھىرلىك سىمفونىيىسى تەڭرىتاغ باغرىدىمۇ ئۆزىگە خاس مىلودىيە بىلەن ناۋا قىلدى. تەڭرىتاغ باغرىدا يېڭى-يېڭى ئىگىلىك ياراتقۇچى قەيسەر ئوغلانلار بازار ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت ۋە خىرىس بىلەن تولغان قايناملىرىدا باتۇرلۇق بىلەن غۇلاچ تاشلاپ، خۇددى ماھىر غەۋۋاستەك قايناملار تەكتىدىن قىممەتلىك جاۋاھىرلارنى سۈزۈپ چىقىپ خەلققە تەقدىم قىلدى. ھازىر مىللىي كارخانىلار ئىچىدە نۇرلۇق مەرۋايىتتەك چاقناۋاتقان شىنجاڭ <<ئارمان>> كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ بارلىققا كېلىپ تەرەققىي قىلىش تارىخى بىزگە ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدىكى ياڭراق بىر ناخشىنى تەقدىم قىلدى. ئەنە ئاشۇ ناخشىغا ئارمانلىقلارنىڭ مۇشەققەتكە باش ئەگمەيدىغان، قىيىنچىلىقلار ئىچىدىن تول تېپىپ ئىلگىرلەيدىغان روھى يۇغۇرۇلغان. ئەنە ئاشۇ ناخشىغا ئارمانلىقلارنىڭ خەلققە بولغان چەكسىز ساداقىتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مېھرى - شەپقىتى، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى ۋە ئىشەنچى ئورناپ كەتكەن.
<<ئارمان>> كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ 13 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى ھەقىقەتەنمۇ ئەگرى - توقاي ۋە مۇشەققەتلىك مۇساپە. ئۇنىڭ بۈگۈنكى شان - شەرىپى 13 يىللىق جاپا - مۇشەققەتنىڭ، 13 يىللىق قان تەرنىڭ، 13 يىللىق توختىماي كۈرەش قىلىشنىڭ مەھسۇلى.
شىنجاڭ <<ئارمان>> كەسپىي چەكلىك شىركىتى 1995 - يىلى 8 -ئايدا بارلىققا كەلگەندە ئ.اددىي بىر فىلىم ئىشلەش مەركىزى ئىدى. لېكىن، <<ئارمان>> شىركىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ بىر ئىزدا توختاپ قالمىدى. رادىل ئابلا قاتارلىق يول باشلىغۇچىلارنىڭ پاراسەت بىلەن رەھبەرلىك قىلىشى ئاستىدا دادىل ئالغا ئىلگىرلىدى. تىجارەت يولىنى يىلمۇ يىل كېڭەيتتى. بۇ جەرياندا << ئارمان >> شىركىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشىغا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى. خەلق ئاممىسى << ئارمان >> ئۈچۈن مەدەتكار بولدى. ئىزدىنىش روھى << ئارمان >> غا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. << ئارمان >> تاللا بازىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتىگە زور قۇدرەت ئاتا قىلدى. ئارمان تاللا بازارلىرىنىڭ جان تومۇرى ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقىدا ئىپادىلەندى. << ئارمان >> قۇۋۋەت تالقانلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى << ئ.ارمان >> شىركىتىنى خاسلىققا ۋە قۇدرەتكە ئىگە قىلدى. <<ئارمان>> قۇۋۋەت تالقانلىرى كۆپ يىللىق ئىلمىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، خەلقىمىزنىڭ سۆيۈپ ئىستېمال قىلىدىغان ساغلاملىق يېمەكلىكىگە ئايلاندى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن << ئارمان >> قۇۋۋەت تالقانلىرىنى ئىستېمال قىلىپ نەپ ۋە مەنپەئەت ئېلىپ، تېنىنى قۇۋۋەت تاپقۇزۇپ ساغلاملىققا ئېرىشكەنلەر يىلمۇ يىل كۆپەيدى. ئارمان قۇۋۋەت تالقانلىرىنىڭ جىنىس، ياش، كەسپ تۈرلىرىگە ئايرىم -ئايرىم ماس كېلىدىغان تۈرلىرى بارلىققا كەلدى.
ئارمان قۇۋۋەت تالقانلىرى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى دورىلىق يېمەكلىكلەردىن نوقۇت، ياڭاق، بادام، ئۆرۈك مېغىزى، كاۋا ئۇرۇقى، كاسىن قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ، يۇقىرى پەن - تېخنىكا ۋە زامانىۋى ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان، ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ بەدەننىڭ ئېمونېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان دۆلەتنىڭ يېشىل يېمەكلىك ئۆلچىمىگە توشقان << قەدىردان >> چوڭلار قۇۋۋەت تالقىنى، << ئۇز خېنىم >> ئاياللار قۇۋۋەت تالقىنى، << دوكتور >> ئ.وقۇغۇچىلار قۇۋۋەت تالقىنى، ياڭاق قۇۋۋەت تالقىنى، نوقۇت قۇۋۋەت تالقىنى، مېغىز قۇۋۋەت تالقىنى قاتارلىق 21 خىل << ئارمان >> يۈرۈشلۈك قۇۋۋەت تالقىنىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىپ، بۇ ساھەدىكى مىللىي كارخانىلارغا باشلامچى بولدى.
شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتى قۇۋۋەت تالقانلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خاسلىقى ۋە قۇدرىتىنى نامايەن قىلغاندىن باشقا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىستېمالچىلار ياقتۇرىدىغان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىستېمال ئادىتىگە ماس كېلىدىغان ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈردى. يۇقىرى، يېڭى پەن -تېخنىكا ۋە زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان << ئارمان >> يۈرۈشلۈك قۇۋۋەت تالقانلىرى، << ئارمان >> يۈرۈشلۈك مۇراببالىرى، << مەرھابا >>. << گۈلۈم >>، << ئامراق >> ماركىلىق يۈرۈشلۈك كەمپۈت - شاكىلاتلار، << ئارمان >> يۈرۈشلۈك پىچىنە -پىرەنىكلىرى، << سەھرا >> ماركىلىق يۈرۈشلۈك قۇۋۋەت ئۈگرىسى، << ئىپار>> ماركىلىق يۈرۈشلۈك كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق 160 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ھەر مىللەت ئىستېمالچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا سازاۋەر بولدى. ئ.ارمان تاللا بازارلىرىدىكى ئارماننىڭ ئۆزىگە خاس مەھسۇلاتلىرى كۆپ قېتىملىق ئىلمىي ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى، يەرلىك ئالاھىدىلىك بىلەن يۇقىرى پەن - تېخنىكىنىڭ ئورتاق مەھسۇلى. ئىلمىي ئاساس، توختىماي ئىزدىنىش روھى بولمىغان بولسا ئ.ارماننىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى.
شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتى قىسقىغىنە 12 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدا ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلدى. تېز تەرەققىي قىلىپ خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، مەدھىيلىشىگە ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە << ئارمان >> شىركىتى شىنجاڭ ئالتاي << ئارمان >> سۈتچىلىك كەسپىي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ بۇرچىن << ئارمان >> مۇسۇلمانچە يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ كۈنەس ئارمان سۈتچىلىك كەسپىي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو - كانادا شېرىكچىلىكىدىكى شىنجاڭ ئارمان پەن - تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى، دۇبەي ئارمان خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتى، كورىيە ۋە جۇڭگو تەيۋەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قۇرغان شاڭخەي << ئارمان >> سودا چەكلىك شىركىتى، 1000 نەچچە ئارمان زەنجىرسىمان تاللا بازىرى، 86 ئارمان مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىش ئورنى، شىنجاڭ ئارمان ئېلان شىركىتى، ئۈرۈمچى ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد -تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئارمان سانائەت باغچىسى، ئارمان مال يەتكۈزۈش، توپ تارقىتىش مەركىزى قاتارلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن تەركىپ تاپقان، يېزا ئىگىلىك، سودا، پەن -تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق ئۇنىۋېرسال كارخانىغا ئايلاندى. شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتى 2003 -يىلى ئۇتۇقلۇق ھالدا ISO9001- 2000خەلقئارالىق سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن ئۆتتى. << ئارمان >> يۈرۈشلۈك يېمەكلىكلىرىمۇ 2006 -يىلى خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى (HACCP) نىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن ئۆتتى.
شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولغان << ئارمان >> سانائەت باغچىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد -تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان. سانائەت باغچىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 50 مىڭ 76 كۋادرات مېتىر. (يەنى 75 مو)، ئومۇمىي سېلىنمىسى 95 مىليون 850 مىڭ يۈەن بولۇپ، سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشىغا پىلان بويىچە 2007 -يىلى 7 -ئايدا ئۇل سېلىندى.
<< ئارمان >> سانائەت باغچىسىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن جەمئىيەتتىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەردىن 300 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. پۈتكۈل قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن جەمئىي 700 ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ.
<< ئارمان >> سانائەت باغچىسى ئۇنىۋېرسال خىزمەت بىناسى، زاۋۇت رايونى ۋە ئىشچى -خىزمەتچىلەر ياتاق -ئىشخانا بىناسىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىشچى -خىزمەتچىلەرگە ئازادە خىزمەت مۇھىتى، ياتاق -ئاشخانا مۇھىتى ھازىرلىنىدۇ.
<< ئارمان >> سانائەت باغچىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن << ئارمان >> شىركىتىنىڭ مەھسۇلات تۈرلىرى ۋە مەھسۇلات مىقدارى ھازىرقىدىن بىر نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇلۇپ، << ئارمان >> مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەرگە كۆپلەپ چىقىرىلىشىغا پۇختا ئاساس يارىتىلىدۇ.
شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، مول بىلىم ۋە ئۆزىگە خاس ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارغا ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ھازىر << ئارمان >. شىركىتىدە 1000 دىن ئارتۇق ئىشچى -خىزمەتچى بار. ئۇلارنىڭ %60 دىن كۆپرەكى ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
<< ئارمان >> شىركىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2001 -يىلى پارتىيە باش ياچېيكىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىتتىپاق كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقتى. 2003 -يىلى 3 -ئايدا بۇ شىركەت ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەرىپىدىن << يېڭى ئىجتىمائىي قاتلامدا پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىناق نۇقتىسى >> قىلىپ بېكىتىلدى.
2003 -يىلى 11 -ئايدا << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتى پەن -تېخنىكا جەمئىيىتى قۇرۇلدى. بۇ جەمئىيەت پەن -تېخنىكا خادىملىرىغا ئىزدىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش سورۇنى ھازىرلاپ بەردى.
شىركەت يەنە ئالتاي، كۈنەس قاتارلىق جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ خام ئەشيا بازىلىرىنى قۇرۇپ، نامرات رايونلارنى ھەقسىز ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلارنى نوقۇت تېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نوقۇت تېرىلغۇ كۆلىمىنى 60 مىڭ موغا يەتكۈزدى. شىركەت يەنە كەلپىن، مەكىت، يەكەن، خوتەن، مورى قاتارلىق ناھىيىلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە دېھقانلار بىلەن توختام تۈزۈپ، دېھقانلارنى بادام، ئۆرۈك، ياڭاق، نوقۇت، كاسىن، ھەسەل، گۈل چېڭى، كاۋا ئۇرۇقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنى ئىقتىسادىي كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى. << ئارمان >> شىركىتىنىڭ يۇقىرىقى جايلاردىكى خام ئەشيا بازىلىرىنى دۆلەت يېشىل يېمەكلىك تەرەققىيات مەركىزى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، بۇ بازىلارنىڭ دۆلەتنىڭ يېشىل يېمەكلىك ئۆلچىمىگە يەتكەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.
<< ئارمان >> شىركىتىدىكىلەر خام ئەشيا مەنبەلىرىنى ئېچىشتا دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويدى. ھازىر شىركەتنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان يىللىق ئېھتىياجى 3000 توننىدىن، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان يىللىق ئېھتىياجى 8000 توننىدىن ئاشتى.
<< ئارمان >> شىركىتى خەلق ئاممىسىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ ھېسابلاپ، 2003 -يىلى 2 -ئايدا پەيزاۋات، مارالبېشى ناھىيىلىرىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىش، 2003 -يىلى 5 -ئايدا << سارس >> قا قارشى تۇرۇش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بېيجىڭ << شياۋتاڭسەن >> دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر -سېستىرالاردىن ھال سوراش، 1999 -يىلىدىن ھازىرغا قەدەر مېيىپلارغا ياردەم بېرىش، 2005 -يىلى خوتەن ناھىيىسىدە، 2006 -يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە << ئارمان >> باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇش قاتارلىق ساخاۋەت ئىشلىرىغا 4 مىليون يۈەندىن ئوشۇق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى.
بولۇپمۇ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا << ئارمان >> شىركىتى كارخانا مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، << ساغلام يېمەكلىك، ساغلام ھايات >> ئەقىدىسىنى پۈتۈن جەمئىيەتكە كېڭەيتىش ئۈچۈن، مېھرى -مۇھەببەت تېمىسىدا ئىككى قېتىم تېلېۋىزىيە مەشرىپى ئىشلىدى. ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئانىلار ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى مۇراجىئەت قىلىپ، تېلېۋىزىيە سەنئەت كېچىلىكى ئىشلىدى. بالىلارنى پەن -تېخنىكا ئۆگىنىشكە يېتەكلەشنى چاقىرىق قىلىپ بالىلار مەشرىپى ئىشلىدى. ئۇندىن باشقا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر يېمەك -ئىچمەك مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئىككىلەمچى ساغلاملىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دادىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرمۇ جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى.
شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇباڭگو، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جاۋگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئ.اۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش، يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، خام ئەشيا بازىسى قۇرۇش، داڭلىق ماركا يارىتىش ۋە بازار ئېچىش قاتارلىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. 2001 -يىل 6 -ئاينىڭ 1 -كۈنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان مۇھىم يوليورۇق ۋە كۆرسەتمىلەرنى بەردى. 2005 -يىل 11 -ئاينىڭ 9 -كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى مۇناسىۋەتلىك نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ << ئارمان >> شىركىتىگە كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە شىركەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئىگىلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ << ئارمان >> شىركىتىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ شىركەتتىكى ھەر مىللەت ئىشچى -خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن زور ئىلھام ۋە مەدەت بولدى.
<< ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن >>. ئۇلۇغۋار ئارزۇ -ئارمانلارنى نىشان قىلىپ، تىنماي ئىزدىنىش شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتىگە تېخىمۇ داغدام يول ئېچىپ بەردى. شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ 13 يىللىق ئەجىرنىڭ مېۋىسى خىلمۇ -خىل ئالتۇن لوڭقا، لەۋھەلەر بىلەن ئۆز قىممىتىنى جۇلالاتتى.
<< ئارمان >> شىركىتى مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلاردىن: يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن << يېزا ئىگىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا >> دېگەن نامغا، مەملىكەتلىك پۇقراۋىي پەن -تېخنىكا كارخانىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن << مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پۇقراۋىي پەن -تېخنىكا كارخانىسى >> دېگەن نامغا، ئىتتىپاق مەركىزى كومىتېتى بىلەن مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن << مەملىكەت بويىچە ياشلارنىڭ پەن -تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى >> دېگەن نامغا، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىكى، جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن << ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالاھىدە ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتلارنى نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورنى >> دېگەن نامغا، دۆلەتلىك سودا -سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن << مەملىكەت بويىچە شەرەپلىك ئىشلار چولپىنى >> دېگەن نامغا، جۇڭگو بازار تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن << مەملىكەت بويىچە سۈپەت، مۇلازىمەت، ئىناۋەتتە AAA دەرىجىلىك ئورۇن >> دېگەن نامغا، مەملىكەتلىك ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن << مەملىكەت بويىچە ئىشەنچىلىك ئورۇن >> دېگەن نامغا، جۇڭگو سودا بىرلەشمىسى تەرىپىدىن << مەملىكەت بويىچە سودا مۇلازىمەت ساھەسىدىكى <سارسقا تاقابىل تۇرۇش> تىكى ئىلغار ئورۇن >> دېگەن نامغا، مەملىكەتلىك پەن -تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن << مەملىكەت بويىچە پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ پەن -تېخنىكا جەمئىيىتى خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ >> دېگەن نامغا، ئىتتىپاق مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن << مەملىكەت بويىچە مەدەنى ياشلار كوللېكتىپى >> دېگەن نامغا ئېرىشتى.
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلاردىن: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن << ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خۇسۇسىي كارخانا >> دېگەن نامغا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا -سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن << شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى >> ۋە << شىنجاڭنىڭ داڭلىق ئىلغار كارخانىسى >> دېگەن نامغا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن << ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق قوللايدىغان 30 پۇقراۋىي كارخانا >> دېگەن نامغا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن << ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا >> دېگەن نامغا، ئاپتونوم رايون پەن -تېخنىكا نازارىتى تەرىپىدىن << ئاپتونوم رايون بويىچە پەن -تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقان پۇقراۋىي كارخانا >> ۋە << يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا >> دېگەن نامغا، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىلەن سودا -سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن << ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىدىكى ئىلغار پۇقراۋىي كارخانا >> دېگەن نامغا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا -سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن يەككە، خۇسۇسىي كارخانىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن << ئاپتونوم رايون بويىچە شەرەپلىك ئىشلار چولپىنى >> ۋە << شىنجاڭدىكى 30 كۈچلۈك پۇقراۋىي كارخانا >> دېگەن نامغا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن << ئىستېمالچىلار ھوقۇقى قوغدىلىدىغان ئورۇن >> ۋە << ئىشەنچىلىك ئورۇن >> دېگەن نامغا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بانكىسى تەرىپىدىن << AAA دەرىجىلىك ئىناۋەتلىك كارخانا >> دېگەن نامغا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەرىپىدىن << ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ياشلار كوللېكتىپى >> دېگەن نامغا ئېرىشتى.
<< ئارمان >> شىركىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان، باشتىن -ئاخىر << سۈپەتتىكى ۋەدىسى، مەھسۇلاتتىكى ئوبرازى، ئەلا مۇلازىمىتى >> ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. شۇنداق بولغاچقا << ئارمان >> يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بەرگەن كۆپ خىل شان -شەرەپلەرگە ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە:
دۆلەت دەرىجىلىكلىرىدىن: 21 -ئەسىر خەلقئارالىق تەبىئىي تېببىي پەنلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىلىي كومىتېتى تەرىپىدىن << ئالتۇن كالا >> مۇكاپاتىغا، ب د ت تىنچلىق فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن << ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا تۆھپە قوشۇش >> مۇكاپاتىغا، جۇڭخۇا مىللىي تىبابەت ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن << ئىستېمالچىلارغا نۇقتىلىق تەۋسىيە قىلىنغان مەھسۇلات >> دېگەن نامغا، جۇڭگو يېشىل يېمەكلىك تەرەققىيات مەركىزى تەرىپىدىن << جۇڭگونىڭ يېشىل يېمەكلىكى >> دېگەن نامغا، جۇڭگو غەربىي رايونلار ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى يەرمەنكىسىدە << ئالتۇن لوڭقا مۇكاپاتى >> ۋە << يەرمەنكىگە نۇقتىلىق كۆرسىتىلگەن مەھسۇلات >> دېگەن نامغا، جۇڭگو مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر يەرمەنكىسىدە << نۇقتىلىق تەۋسىيە قىلىنغان يېمەكلىك >> دېگەن نامغا ئېرىشتى. << ئارمان >> ماركىلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلار يەنە << دۆلەت دەرىجىلىك مەشئەل پىلانى تۈر گۇۋاھنامىسى >> گە ئېرىشتى.
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكلىرىدىن: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن << ئاپتونوم رايون بويىچە پەن -تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ 3 -دەرىجىلىك مۇكاپاتى >> غا، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت -تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن << شىنجاڭنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتى >> ۋە << سۈپىتى ئېتىراپ قىلىنغان مەھسۇلات >> دېگەن نامغا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكىدىكى داڭلىق مەھسۇلاتلارنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى تەرىپىدىن << شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى 10 داڭلىق مەھسۇلات>> دېگەن نامغا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن -تېخنىكا نازارىتى تەرىپىدىن << يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلات >> دېگەن نامغا ۋە << پەن -تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 3 -دەرىجىلىك مۇكاپات >> قا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن << ئىستېمالچىلارغا تەۋسىيە قىلىنغان مەھسۇلات >> دېگەن ناملارغا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئارمان ماركىلىق مەھسۇلاتلار يەنە ئۇدا نەچچە نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە << ئەڭ ياخشى مەھسۇلات >>، << داڭلىق مەھسۇلات >> ۋە << يەرمەنكىگە نۇقتىلىق تەۋسىيە قىلىنغان مەھسۇلات >> دېگەن ناملارغا ئېرىشتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۈپەت -تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن << تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنغان مەھسۇلات >> دەپ بېكىتىلدى.
شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتى ئېرىشكەن شان -شەرەپلەر ھەقىقەتەن كىشىنى پەخىرلەندۈرىدۇ. لېكىن بۇ شان -شەرەپلەر ئۇنداق ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس. 13 يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش بولمىغان بولسا ئارماننىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى. توختىماي ياڭراۋاتقان << ئارمان ناخشىسى >> ئارمانلىقلارنى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ پارلاق كېلەچەككە يۈزلەندۈرمەكتە.
توختىماي ھەر چاغدا ئالغا باس << ئارمان >>،
سەن ئۈچۈن مەدەتكار خەلق ۋە دەۋران.
يىلمۇ يىل زورايغىن تاپقىن كامالەت،
ساڭا جەم بولماقتا قەيسەر قىز -ئوغلان.
شۇنداق، ئورتاق ئارمان بىلەن ئارمانغا جەم بولغان قەيسەر قىز -ئوغلانلار يېڭى ئەسىرنىڭ يېڭى زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ گۈزەل مەنزىلگە قاراپ دادىل قەدەم تاشلىماقتا. يېڭى ئەسىر ئۇلارغا يېڭى رىقابەت، يېڭى شىجائەت، يېڭى مۇھەببەت ئاتا قىلماقتا.
شىنجاڭ << ئارمان >> شىركىتى كۈندىن -كۈنگە زورىيىۋاتقان قوشۇندەك تۈرلۈك توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، يېڭى پۇرسەت، يېڭى تەرەققىياتقا يۈزلەنمەكتە. << ئارمان >> نىڭ كۈچ -قۇدرىتى كۈندىن -كۈنگە زورايماقتا. ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى -يېڭى كەشپىياتلارنى ئىقتىرا قىلماقتا. شىركەت ئارمىنىنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئارمىنى بىلەن ئورتاقلاشتۇرماقتا. دەۋرنىڭ ياڭراق ساداسىغا جۆر بولۇپ تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان، تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ زورايغان شىنجاڭ << ئارمان >> شىركىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلماقتا.