چېلىشىش BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : چېلىشىش تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 22ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 چېلىشىش


بۇ، بىر تۈرلۈك ئەڭ قەدىمىي مۇسابىقە ھەرىكىتى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى12  - ئەسىردىكى قەدىمكى گرېتسىيە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىلا چېلىشىش مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان. ئەينى چاغدىكى مۇسابىقە ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، كىم قارشى تەرەپنى ئۈچ قېتىم يەرگە يىقىتسا، شۇ غەلىبە قىلغان.
ھازىرقى زامان چېلىشىشى قەدىمچە چېلىشىش ۋە ئەركىن چېلىشىش دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. قەدىمچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە، تەنھەرىكەتچىلەر ئون دەرىجىگە ئايرىلغان بەدەن ئېغىرلىقى بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ، پەقەت قول بىلەن قارشى تەرەپنىڭ بەلدىن يۇقىرى قىسمىدىن قۇچاقلاپ تۇتۇش بەلگىلەنگەن، ھەربىر مەيداندا ئىككى قېتىم ئۇچرىشىدۇ، ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىش ئۈچ مىنۇت داۋاملىشىدۇ، ئارىلىقتا بىر مىنۇت ئارام ئېلىنىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئىككى مۈرىسىنى بىرلا ۋاقىتتا پالاسقا تەگكۈزگەن تەرەپ غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، پۈتۈن مەيداندا ئالغان نومۇرى كۆپ بولغىنى غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئەركىن چېلىشىشنىڭ مۇسابىقە ئۇسۇلى، بەدەن ئېغىرلىقىنى دەرىجىگە ئايرىش، نومۇر ئېلىش ۋە يېڭىش - يېڭىلىش ئۆلچەملىرى قەدىمچە چېلىشىش بىلەن ئوخشىشىدۇ. ئوخشاشمايدىغان يېرى، ئەركىن چېلىشىشتا قول - پۇتلارنى بىرلىكتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.1896  - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، قەدىمچە چېلىشىش رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. ئەركىن چېلىشىش1904  - يىلى3  - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.1912  - يىلى خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى چېلىشچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغان، باش ئورگىنى شۋېتسارىيىنىڭ لۇزاننا شەھىرىدە. ھازىر80 دىن ئارتۇق ئەزا دۆلەت بار. خەلقئارا چېلىشىش بىرلەشمىسى ئۆتكۈزىدىغان چوڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردىن دۇنيا ئەركىن چېلىشىش ۋە قەدىمچە چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (ھەر يىلى بىر نۆۋەت)، دۇنيا ياشلار چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت) بار.
ئېلىمىزنىڭ چېلىشىش ھەرىكىتى جۇ دەۋرىدىن تارتىپ چىڭ خانىدانلىقىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان3000  يىلدىن بۇيان ئەل ئارىسىدا ئىزچىل ئەۋج ئېلىپ كەلگەن. جۇڭگوچە چېلىشىشتىكى بەدەن ئېغىرلىقىنى دەرىجىگە ئايرىش، مۇسابىقە ئۇسۇلى قاتارلىقلار قەدىمچە چېلىشىش، ئەركىن چېلىشىشلار نىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدۇ، لېكىن يېڭىش - يېڭىلىشنى باھالاش ئۆلچەملىرى ئوخشاشمايدۇ. جۇڭگوچە چېلىشىشتا، قارشى تەرەپنى يىقىتقان بولسا، يىقىتقان ھېسابلاپ، يىقىتقان ھەرىكىتىنىڭ سۈپىتىگە قاراپ نومۇر قويۇلىدۇ. ئۈچ ئۇچرىشىشتا كۆپ نومۇر ئالغىنى غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئەگەر مۇسابىقە ۋاقتى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا بىر تەرەپنىڭ نومۇرى قارشى تەرەپنىڭ نومۇرىدىن ئون نومۇر ئېشىپ كەتسىمۇ، غەلىبە قىلغان ھېسابلىنىدۇ.
awazlik
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-19 10:47 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » تەنتەربىيە


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071013(s) query 3, Time now is:10-23 02:18, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation