سىمسىز چاقىرغۇ BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : سىمسىز چاقىرغۇ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 32ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 سىمسىز چاقىرغۇ


مۇخبىرلار دائىم دېگۈدەك بىر خىل سىمسىز چاقىرغۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ئۇلار مەيلى قەيەرگە بارسىمۇ، تەھرىر بۆلۈمى تېلېفون ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشەلەيدۇ.
سىمسىز چاقىرغۇ ئۆزئارا سۆزلىشىش ئاپپاراتىغا ئوخشىمايدۇ، سىمسىز چاقىرغۇ ئارقىلىق ئىزدىگەن ئادەم بىلەن بىۋاسىتە سۆزلەشكىلى بولمايدۇ. ئۇ، ئېلېكترونلۇق مېڭە ئارقىلىق تىزگىنلىنىدىغان سىمسىز بازا ئىدارىسى تەرىپىدىن تاق يۆنىلىشتە تىزگىنلىنىپ، شەھەر تېلېفون تورىدىن پايدىلىنىپ «چاقىرىلىدۇ». نەدە ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغان بىر ئادەمنى ئىزدەشكە توغرا كەلگەندە، ئالدى بىلەن تىزگىنلەش (كونترول قىلىش) ئىستانسىسىغا تېلېفون بېرىمىز، تىزگىنلەش ئىستانسىسىدىكى ئېلېكترونلۇق مېڭە كەلگەن ئۇچۇرنى ماس بولغان ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ، سىمسىز تارقىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق چاقىرىش خەۋىرىنى تارقىتىدۇ.8  سېكۇنت ئىچىدە، چاقىرىلغان ئادەمنىڭ يېنىدىكى چاقىرغۇ «— B — B» قىلغان ئاۋاز چىقىرىدۇ (شۇڭا PB ئاپپاراتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ئۇ تېلېفون بېرىپ چاقىرغان تېلېفون خادىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ، ئاندىن تېلېفون بېرىپ چاقىرغۇچى كىشى بىلەن سۆزلىشىدۇ.
چاقىرغۇ ئەپچىل بولۇپ، بەزىلىرى بىر قاپ تاماكىچىلىك بولىدۇ، بەزىلىرى قول سائىتىگە ئوخشاش ياسىلىپ، قولغا تاقاپ يۈرۈشكە بولىدۇ.
سىمسىز چاقىرغۇدا «— B — B» قىلغان ئاۋاز ئاڭلانغاندىن باشقا،  ئۇ يەنە ئاۋاز ۋە يېزىق ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلالايدۇ. خاڭجۇدا قۇرۇلغان بىرىنچى سىمسىز چاقىرىش سىستېمىسىنىڭ چاقىرغۇدىكى سۇيۇق كرىستاللىق ئېكرانىدا11  خانىلىق رەقەم كۆرۈنىدۇ، ئۇ خۇددى تېلېگرامما نومۇرىغا ئوخشاش بەلگىلىك مەنىگە ئىگە. مەسىلەن: «18485228031» دېگەن نومۇر قوبۇل قىلىنسا، بۇنىڭدىكى «1» — بىرىنچى قېتىم چاقىرغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، «84» — بۈگۈن، «85» — چۈشتىن كېيىن، «22» — شىركەت، «80» — يىغىن ئېچىش، «31» — شۈي (许) يولداش دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق بولىدۇ: شۈي يولداش، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن شىركەتكە كېلىڭ، يىغىن ئېچىلىدۇ. كۆرۈنگەندىن كېيىن بۇ ئۇچۇر ئاپتوماتىك ھالدا ئېلېكترونلۇق مېڭىنىڭ ئىچىدە ساقلىنىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا مۇشۇنداق ئۇچۇردىن بەشنى ساقلاشقا ھەمدە خالىغان ۋاقىتتا ئۇلارنى چىقىرىپ ئوقۇشقا بولىدۇ. ھازىر، خەنزۇچە خەت چىقىدىغان PB ئاپپاراتلىرى ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتتى، بىر PB ئاپپاراتى8  −9  يۈز خەنزۇچە خەتنى ساقلىيالايدۇ، بىر قېتىم چاقىرىلغانلىق بىر پارچە تېز خەتنى تاپشۇرۇۋالغانلىققا باراۋەر بولىدۇ.


چاقىرىش جەريانىدا، چاقىرىلغۇچىنىڭ سىگنالنى ئاڭلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چاقىرىش كۆپ قېتىم تەكرارلىنىدۇ، ئەگەر چاقىرىلغۇچى شۇ چاغدا يەر ئاستى تونېلىدا بولۇپ، ۋاقتىنچە قوبۇل قىلالمايدىغان بولسا، تىزگىنلەش مەركىزى ئۇچۇرنى ساقلاپ، كېيىنكى ئىككى سائەت ۋاقىت ئىچىدە يەنە ئون قېتىم چاقىرىش سىگنالى تارقىتىدۇ.
چاقىرىش سىستېمىسىنىڭ چاقىرىش دائىرىسى ئومۇمەن80  −160  كىلومېتىرغىچە بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ يىراق، يەنە ئۆلكە، شەھەر ئاتلاپ تورلاشتۇرۇلغانلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇ زامانىۋى ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى قىلىنغاندىن تاشقىرى، يەنە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، رادىئو ئاڭلىتىشىنى قوبۇل قىلغىلى، ماتېرىياللارنى سۈرۈشتۈرگىلى، ھەتتا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي سىگنالىنى يوللىغىلى بولىدۇ.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-19 10:47 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ئېلېكترون


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071054(s) query 3, Time now is:10-23 02:18, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation