سىرىئۇس BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : سىرىئۇس تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 14ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 سىرىئۇس


قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىم كېچىسىدە قىيپاش جەنۇب تەرەپتىكى ئاسمان بوشلۇقىدا، پۈتۈن كۈن ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان بىر تۇرغۇن يۇلتۇز − سىرىئۇسنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىلمىي نامى چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمى α دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇرى كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ.
قەدىمكى دەۋردە مىسىردا، كىشىلەر سىرىئۇسقا ئاجايىپ چوقۇناتتى، چۈنكى، بۇ يۇلتۇزنىڭ قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ ئىدى. ھەر قېتىم سىرىئۇسنىڭ تاڭ سەھەردە شەرق ئۇپۇقىدىن كۆتۈرۈلگەن چاغ، دەل نىل دەرياسىنىڭ ھەر يىللىق تاشقىن پەسلىگە توغرا كېلەتتى. بۇ چاغدا باھار مەنزىرىسى ھەممىلا جاينى قاپلاپ، مىسىرلىقلار يىلدا بىر قېتىم شۇغۇللىنىدىغان تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى باشلاپ كېتەتتى. ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىلغاندىن كېيىن، سىرىئۇسنىڭ كۆتۈرۈلۈش ۋاقتى قۇياشنىڭ شەرقتىن كۆتۈرۈلۈش ۋاقتىدىن كۈنسايىن ئالدىغا سۈرۈلۈپ،365  كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، سىرىئۇس يەنە قۇياش بىلەن تەڭلا شەرقتىن كۆتۈرۈلەتتى، نىل دەرياسى يەنە بىر قېتىم يامراپ (تېشىپ)، يەنە بىر يېڭى يىل كۈتۈۋېلىناتتى. سىرىئۇسنىڭ پەيدا بولۇپ، غايىب بولۇش ھەرىكىتى بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ناھايىتى زىچ بولغاچقا، ئۇ قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ قەلبىدىمۇ ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقانىدى.
سىرىئۇس ئەمەلىيەتتە بىر - بىرىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان بىر جۈپ قوش يۇلتۇز، كىشىلەر سەل چوڭراق تېلېسكوپ بىلەن كۆزەتكەندىلا ئاندىن ئۇلارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي يۇلتۇز ھەمراھ يۇلتۇزىدىن10  مىڭ ھەسسە يورۇق كۆرۈنىدۇ (ئون يۇلتۇز چوڭلۇقىدا پەرقلىنىدۇ)، شۇڭا، ئاددىي كۆز بىلەن كۆزەتكەن چاغدىكى سىرىئۇسنىڭ نۇرى ئاساسەن دېگۈدەك مۇشۇ ئاساسىي يۇلتۇزدىن كېلىدۇ. سىرىئۇسنىڭ ئاساسىي يۇلتۇزى نىسبەتەن ئاددىي بولغان بىر سۇس كۆك يۇلتۇز بولۇپ، ماسسىسى ۋە دىئامېتىرى قۇياشنىڭكىنىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەسسىسىگە، يورۇقلۇق دەرىجىسى بولسا قۇياشنىڭكىنىڭ20  نەچچە ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئارىلىقى يەر شارىغا ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ئاران7 .8 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ، شۇڭا، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە، ئۇنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى كۈن بويى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىدۇ.
سىرىئۇسنىڭ سۇس، خىرە كۆرۈنىدىغان ھەمراھ يۇلتۇزى ئاسترونومىيە تارىخىدا «تۆھپىكار چولپان»  ھېسابلىنىدۇ. ئاۋۋال، نيۇتوننىڭ مېخانىكا قانۇنى ۋە سىرىئۇس ئاساسىي يۇلتۇزىنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىغا ئاساسەن، كىشىلەر ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئالدىن ھۆكۈم قىلغان.1862  - يىلى، كىشىلەر سەل چوڭراق تېلېسكوپ ئارقىلىق، نەزەرىيە جەھەتتىن ئالدىن ھۆكۈم قىلغان ئورۇندىن ناھايىتى خىرە كۆرۈنىدىغان مەزكۇر يۇلتۇزنى بايقىغان. بۇ نيۇتوننىڭ مېخانىكا نەزەرىيىسىنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزلار دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ تىپىك مىسالى. شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، كىشىلەر كېيىن يەنە شۇنى بايقىدىكى، گەرچە ئۇنىڭ نۇر تارقىتىش مىقدارى ئاساسىي يۇلتۇزىنىڭ10  مىڭدىن بىرىگە توغرا كەلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاساسىي يۇلتۇزنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ،10  مىڭ سېلىسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئۇنىڭ «گەۋدىسى» ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن مېخانىكا قانۇنى ئارقىلىق ئىسپاتلاندىكى، سىرىئۇسنىڭ ھەمراھ يۇلتۇزىنىڭ ماسسىسى ئانچە كىچىك ئەمەس، قۇياشنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. دېمەك، ھەجىمى ناھايىتى كىچىك، ئەمما ماسسىسى ئانچە كىچىك بولمىغان سىرىئۇسنىڭ ھەمراھ يۇلتۇزى ناھايىتى يۇقىرى زىچلىققا ئىگە (ھەر كۇب سانتىمېتىرى200  كىلوگرامغا يېقىنلىشىدۇ). سىرىئۇسنىڭ ھەمراھ يۇلتۇزىغا ئوخشاش بۇنداق يورۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەن، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، زىچلىقى يۇقىرى يۇلتۇزلار ئاق پەتەك يۇلتۇزلار دەپ ئاتىلىدۇ. سىرىئۇسنىڭ ھەمراھ يۇلتۇزى تارىختا تۇنجى بولۇپ بايقالغان ئاق پەتەك يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. ھازىر، ئاسترونوملار1000  دىن ئوشۇق ئاق پەتەك يۇلتۇزنى بايقىدى.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-19 10:44 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ئاسترونومىيە


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.072304(s) query 3, Time now is:10-23 02:18, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation