ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 22ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى


سۇ تۇرۇبىدا ئاققاندا، ھامان سۈركىلىش قارشىلىق كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەركىن ئېلېكترونلار ئۆتكۈزگۈچتە يۆنىلىشلىك يۆتكىلىپ توك ھاسىل قىلغان چاغدىمۇ قارشىلىققا ئۇچرايدۇ.
مېتال ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەم ئاتوم ۋە مۇسبەت زەرەتلىك مۇسبەت ئىئونلار مەۋجۇت، ھەم ئەركىن ئېلېكترونلار مەۋجۇت، سىرتقى ئېلېكتر كۈچىنىڭ تەسىرىدە، ئەركىن ئېلېكترونلار ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۆنىلىشلىك ھەرىكەت قىلغاندا، تەرتىپلىك تىزىلغان ئاتوم ۋە مۇسبەت ئىئونلارغا سوقۇلىدۇ - دە، نەتىجىدە ئېلېكترونلارنىڭ يۆنىلىشلىك ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئۆتكۈزگۈچنىڭ توكنىڭ ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بۇ خىل رولى ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى دەپ ئاتىلىدۇ.
تەجرىبىلەر، ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى تېمپېراتۇرىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە، مېتالنىڭ قارشىلىقى چوڭىيىدۇ. لامپۇچكىدىكى لامپا قىلى (ۋولفرام سىم) يورۇقلۇق چىقارمىغاندا تېمپېراتۇرىسى ئارانلا نەچچە ئون گرادۇس بولۇپ، قارشىلىقى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ؛ يورۇقلۇق چىقارغاندا تېمپېراتۇرىسى  ℃2000 قا يېتىپ، لامپا قىلىنىڭ قارشىلىق قىممىتى كۆپ ھەسسە ئاشىدۇ. لامپۇچكا ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىلسە ۋولفرام سىم ئاسان ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، ئەمما ۋولفرام سىمنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىشى كۆپ ھاللاردا لامپۇچكىنى ياندۇرغان پەيتتە يۈز بېرىدۇ. چۈنكى، بۇ چاغدا لامپۇچكا ئەمدىلا ياندۇرۇلغاندا لامپا قىلىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېخى ئۆرلىمىگەن پەيتتە، ئۇنىڭ قارشىلىقى كىچىكرەك بولۇپ، لامپا قىلىدىن ئۆتكەن توك يورۇقلۇق چىقارغان چاغدىكىدىن كۆپ چوڭ بولىدۇ.1911
- يىلى گوللاندىيىلىك فىزىكا ئالىم ئوننېس مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: ئۇ سىمابنى سوۋۇتۇپ نۆلدىن تۆۋەن  ℃40 تۆۋەنلەتكەندە، سىمابنىڭ قارشىلىق قىممىتىنىڭ تەدرىجىي كىچىكلىگەنلىكىنى بايقىغان. تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ 4.173K  (نۆلدىن تۆۋەن ℃268.977) بولغاندا، سىمابنىڭ قارشىلىقىنىڭ توساتتىن يوقاپ كەتكەنلىكىنى ھەيران قالغان ھالدا بايقىغان.
ئىنتايىن تۆۋەن تېمپېراتۇرا شارائىتىدا سىمابنىڭ قارشىلىقى «غايىب بولۇپ كەتكەن». بۇ بايقىلىش ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەرنى زىلزىلىگە سېلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى قوزغىغان. كېيىن، يەنە بەزى مېتال، قېتىشمىلارنىڭ قارشىلىقى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ مەلۇم بىر سانلىق قىممەتكە چۈشكەندە، توساتتىن يوقاپ كېتىدىغانلىقى ئارقا - ئارقىدىن بايقالدى. كىشىلەر قارشىلىقى توساتتىن يوقاپ كېتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ خىل ھادىسىنى ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىق ھادىسىسى دەپ ئاتىدى، ئۇلترا توك ئۆتكۈزۈشچانلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ماددىنى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ دەپ ئاتىدى.
ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچانلىق ھادىسىسىنىڭ بايقىلىشى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى تېجەش جەھەتتىكى ئىزدىنىشكە يېڭى ساھە ئېچىپ بەردى. ئىلىم - پەن خادىملىرى كرىتىك تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغان ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللىرىنى تىرىشىپ ئىزدەپ ئىشلەپچىقىرىشقا خىزمەت قىلدۇرۇش  ئۈچۈن تىرىشماقتا.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-19 10:43 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » فىزىكا


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070817(s) query 3, Time now is:10-23 02:18, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation