سۋىفىتنىڭ «گۇللېۋنىڭ ساياھەت خاتىرىسى» BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : سۋىفىتنىڭ «گۇللېۋنىڭ ساياھەت خاتىرىسى» تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 21ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 سۋىفىتنىڭ «گۇللېۋنىڭ ساياھەت خاتىرىسى»


«نۇرغۇن ئىشلار باركى، ئۇنى قانۇن ئارقىلىق جازالىغىلى بولمايدۇ، دىن بىلەن ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىمۇ يامان ئىش قىلىدىغان بۇ كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلاشقا كۈچى يەتمەيدۇ؛ پەقەت ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى ئەڭ كۈچلۈك سۆزلەر بىلەن خەلقىئالەمگە ئاشكارىلىۋەتكەندىلا، ئاندىن ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.» ئەنگلىيىنىڭ18  - ئەسىردىكى ساتىرىك ئەدىبى سۋىفىت (1667 −1745  - يىللار) بۇ ئەدەبىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇ تەشەببۇسىنى ئىجادىيىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ ساتىرا ئەدەبىياتىدىكى بۈيۈك ئەسىرى «گۇللېۋنىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ئەنگلىيە ئەدەبىياتىغا ناھايىتى چوڭقۇر، كەڭ تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن گوركىي ئۇنى دۇنيادىكى «ئۇلۇغ ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەرنىڭ بىرى» دەپ ئاتىغانىدى.
سۋىفىت كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى نامرات بولۇپ، تاغىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان. ئۇ تۆرىلەرگە خۇسۇسىي كاتىپ بولغان، نۇرغۇن ئاتاقلىق ئەدىبلەر بىلەن كۆرۈشكەن، ئەدەبىيات ساھەسى بىلەن سىياسىي ساھەنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. كېيىن، يەنە باستىر ۋە باشقا ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۇنىڭ مىللىي ئېڭى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۆمرىدە ئىرېلاندىيە ئۈچۈن ھارماي كۈرەش قىلغان، ئىرېلاندىيە خەلقىنىڭ مۇھەببىتىگە ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.
«گۇللېۋنىڭ ساياھەت خاتىرىسى» كۆرۈنۈشتە ئاجايىپ خىيالىي شۇنداقلا قىزىقارلىق بالىلار ئوقۇشلۇقىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئەينى چاغدىكى ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، قانۇن، قائىدە - يوسۇن، ئادەتلىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەن، ئىنتايىن جەڭگىۋارلىققا ئىگە بىر رېئالىستىك ئەسەر.
رومان جەمئىي تۆت باب.1  - بابتا، گۇللېۋنىڭ كىچىك ئادەملەر دۆلىتىدىكى ساياھىتى يېزىلغان. بۇ دۆلەتنىڭ ئاھالىسىنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئاران6  ئىنگلىز سۇڭى كېلىدۇ، پادىشاھ ۋە ئەمىر - ئۆمەرالىرىنىڭ ھەممىسى ئاچ كۆز، ۋەھشىي، پارتىيە، گۇرۇھلار بىر - بىرى بىلەن پۇت تېپىشىدۇ، ھوقۇق تالىشىدۇ، دۆلەتلەر ئارا ئۇرۇش تىنجىمايدۇ. كىچىك ئادەملەر دۆلىتى ئەمەلىيەتتە، بۈيۈك ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كىچىكلىتىلىشى. ئاپتور شۇ ئارقىلىق ئەنگلىيە خانىدانلىقىنىڭ چىرىكلىكىگە دارىتمىلىغان.2  - بابتا، گۇللېۋنىڭ چوڭ ئادەملەر دۆلىتىدىكى ساياھەت ئەھۋالى يېزىلغان، بۇ يەردىكى ئاھالە خۇددى تۆمۈر مۇنارىدەك يوغان، گۇللېۋنى ئويۇنچۇق قىلىۋېلىپ، ئوردىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ. ئۇ چوڭ ئادەملەر دۆلىتىنىڭ پادىشاھى بىلەن قىلغان سۆھبىتىدە ئەنگلىيىنىڭ ھاكىمىيەت فورمىسىنىڭ مۇكەممەللىكىنى، ئارمىيىسىنىڭ تەڭداشسىز قۇدرەتلىكلىكىنى، قوراللىرىنىڭ سەرخىللىقىنى، تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۈچىنىڭ بارىچە ماختايدۇ، لېكىن چوڭ ئادەملەر دۆلىتىنىڭ پادىشاھى بۇلارغا بىر - بىرلەپ ئۆتكۈر رەددىيە بېرىدۇ ھەم جەزمەن تەرەققىيپەرۋەر خان، ئاقسۆڭەكلەر ۋە خەلقتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ كۈچى تەڭپۇڭلاشقان قانۇن بولغاندىلا، ئاندىن دۆلەتنى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە، ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى ئىنكار قىلغانلىق ئىدى.3  - بابتا، گۇللېۋنىڭ ئۇچار ئارال دۆلىتىدىكى كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى يېزىلغان. ئۇچار ئارال دۆلىتىدە بىر بېقىندى ئەل بار ئىكەن، ئەگەر ئاھالە ئازراقلا ئىتائەتسىزلىك قىلسا، ئۇچار ئارال ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ، قۇياش نۇرىنى ئۈزۈۋېتىدىكەن ياكى بېقىندى ئەل ئاھالىسىنى بېسىپ كۇكۇم - تالقان قىلىۋېتىدىكەن. ئاپتور ئۇچار ئارال دۆلىتىدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ بېقىندى ئەل خەلقىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش، ئېزىشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرېلاندىيە خەلقىنى رەھىمسىزلەرچە ئېزىشىگە بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.4  - بابتا، گۇللېۋنىڭ ئەقىللىق ئاتلا دۆلىتىدىكى ساياھەت ئەھۋالى يېزىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمى، ئەدلىيە تۈزۈمى، مالىيە، مائارىپ، ئارمىيە، مۇستەملىكە سىياسىتى قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلغان ۋە ئاچچىق مەسخىرە قىلغان، بۇلاڭچىلارنىڭ ئاچ كۆز ماھىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەنقىد قىلغان، بۇ ئارقىلىق سۋىفتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك جەمئىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئىپادىلىگەن.
«گۇللېۋنىڭ ساياھەت خاتىرىسى» دە قايتۇرۇپ سوراش، سېلىشتۇرۇش، مۇبالىغە قىلىش، دارىتمىلاش قاتارلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلىپ، يۈكسەك ساتىرا سەنئىتى ماھارىتىنى ئىپادىلىگەن. بۇ، ئەنگلىيىنىڭ رېئالىزملىق رومانچىلىقىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-19 10:42 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ئەدەبىيات


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070775(s) query 3, Time now is:10-23 02:18, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation