بۇددا دىنى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : بۇددا دىنى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 21ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 بۇددا دىنى



بۇددا دىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅲ ئەسىردە ھىندىستاندا گائۇتاماسدخارتا دېگەن كىشى تەرىپىدىن يارىتىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ ئەسىردىن بۇيان ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىشقا باشلىغان، Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە ھازىرقى شىنجاڭ رايونى دائىرىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشقان، بۇددا دىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگىمۇ شىنجاڭ ئارقىلىق تارقالغان. ئەجدادلىرىمىز بۇددا دىنىغا ئىخلاس بىلەن ئېتىقاد قىلغاچقا، Ⅹ ئەسىردىن بۇرۇنلا خوتەن، كۇچا، قوجۇ (تۇرپان) غەربىي يۇرت بويىچە بۇددا دىنى مەركەزلىرىدىن بولۇپ قالغانىدى، بۇددىزىم پەلسەپە ئىدىيە - كۆز قاراشلىرى، ئەدەبىيات - سەنئەتنىمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىگە كەڭ تارقالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا ھەيكەلتىراشلىق، نەققاشلىق، رەسساملىق، مىمارچىلىق زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، يەرلىك ئالاھىدىلىك بىرلەشكەن مىڭئۆي سەنئىتى، ئىبادەتخانىلار ئاساس قىلىنغان مىمارچىلىق شەكىللىنىپ راۋاجلاندى. تىل - ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ زور تەرەققياتلار بارلىققا كەلدى، ئۆز دەۋرىدە بۇددىزىمنىڭ ئاساسلىق نوملىرى (كىتابلىرى) ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۇيغۇر راھىپلىرى بۇددىزىمنىڭ بەزى نوملىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ خەنزۇ راھىپلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئۆز دەۋرىدە، بولۇپمۇ قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بۇددا دىنى گەرچە دۆلەت دىنى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ، مانى دىنى ئىككىنچى چوڭ دىن سۈپىتىدە بۇددا دىنى بىلەن ئۇزۇن بىر مۇددەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ئەجدادلىرىمىز مانى دىنىغىمۇ ئۇزۇن مۇددەت ئېتىقاد قىلغانلىقى، كېيىن شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەنلەرمۇ مانى مۇرتلىرىدىن بولغانلىقى تۈپەيلى مانى دىنى بىلەن بۇددا دىنىنىڭ بەزى قاراش - ئەھكاملىرى مەلۇم دائىرىدە ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ سىڭىشكەن. شۇڭا قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەلىكىدىكى بەزى بۇدا مەزھەپلىرى مانى دىنى تۈسىنى ئالغان."
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-19 10:20 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » يوسۇنلىرىمىز


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071476(s) query 3, Time now is:10-23 02:17, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation