ئاق سۆڭەك ئويۇنى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئاق سۆڭەك ئويۇنى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 18ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ئاق سۆڭەك ئويۇنى


ئاق سۆڭەك ئويۇنى - ئۇيغۇر ياشلىرى ئايدىڭ كېچىلەردە ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇن. بۇ ئويۇننىڭ كۆزنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى، يۈگۈرۈش تېزلىكىنى ئاشۇرۇشتا رولى چوڭ بولۇپ، قارىمۇ قارشى ئوينىلىدىغان بىر خىل پائالىيەتتۇر.
ئۇيغۇرلار دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتى بەكمۇ ئاز بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئويۇن ئايدىڭ كېچىلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئوينىلىۋېرىدۇ. كۆپىنچە توي - تۆكۈنلەردە توينى مۇبارەكلەپ، توي بولغان ئۆيگە يىغىلىپ تۈن يېرىمىگىچە غەزەل ئېيتىشىپ ئولتۇرۇش قىلىدۇ. بالىلار بۇنداق توي - تۆكۈن سورۇنىغا قاتنىشىشقا سازاۋەر بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئايدىڭ كېچىدە ئاق سۆڭەك ئويۇنى ئوينايدۇ.
ياشلار ۋە بالىلار مەھەللىلەر بويىچە مەلۇم بىر جاينى ئۆز ئارا پۈتۈشۈپ خالىغان ئايدىڭ كېچىلىرى بۇ ئويۇننى ئويناۋېرىدۇ.
ئويناش ئۇسۇلى: ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15 سانتىمېتىر، توملۇقى بىر سىقىم كېلىدىغان سۆڭەك ياكى ئاق ياغاچ ناھايىتى سىلىق قىلىپ ياسىلىدۇ. ئويۇننى باشلاشتا ئاۋۋال قىز - ئوغۇل ئارىلاش ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ. ئاندىن ئاق سۆڭەكنى ئېلىپ قېچىپ كېلىش ئورنى بېكىتىلىدۇ. ئىككى تەرەپتىن بىردىن ئىككى كىشى چەك ئالىدۇ. ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق ئاق سۆڭەكنى ئېتىش ھوقۇقىنى تالىشىدۇ. ئېتىش ھوقۇقى بەلگىلەنگەندىن كېيىن، ئېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تەرەپنىڭ بىر ئەزاسى ئاق سۆڭەكنى ئالدى تەرەپكە قارىتىپ كۈچەپ ئاتىدۇ. كىرىۋېلىش رايونىدا توپلىشىپ تۇرغان ئىككى تەرەپنىڭ ئەزالىرى ئاق سۆڭەك ئېتىلغان تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشۈپ بارىدۇ. ۋە ئۇنى ئىزدىشىدۇ.
بۇ جەريانىدا قايسى تەرەپتىن بولسۇن ئاق سۆڭەكنى تېپىۋالغان ئەزا <ئاق سۆڭەك> دەپ ۋارقىرايدۇ - دە، ئېلىپ قاچىدۇ. خۇپىيانە، ئاۋازسىز ئېلىپ قېچىشقا بولمايدۇ. ئېلىپ قاچقان ئەزا قارشى تەرەپكە ئۆزىنى تۇتقۇزماي، قېچىش رايونىغا كىرىۋالسا، شۇ تەرەپ ئۇتقان بولىدۇ. ئەگەر ئاق سۆڭەكنى ئېلىپ قاچقان ئەزانى قېچىش جەريانىدا قارشى تەرەپ ئەزالىرى قوغلاپ تۇتۇۋالسا، قاتتىق تالىشىش باشلىنىپ ئاق سۆڭەكنى بىر - بىرىدىن تالىشىدۇ. ئەگەر تالىشىش جەريانىدا قايسى تەرەپ تاتىۋالسا يەڭگەن بولىدۇ ھەمدە ئاق سۆڭەك ئېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. تالىشىش داۋامىدا بىر - بىرىگە پاس بېرىشكە ياكى ئۆز تەرىپىدىكى يۈگۈرۈكلەرگە بېرىۋېتىشكىمۇ بولىدۇ. ئاخىرىدا، قايسى تەرەپنىڭ ئەزالىرى ئاق سۆڭەكنى ئېلىپ قېچىش رايونىغا كۆپ ئېلىپ كىرىۋالسا، شۇ تەرەپ يەڭگەن بولىدۇ.
بۇ ئويۇندا ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ. ئويۇن ۋاقتى بەلگىلەنمەيدۇ. ئىككى تەرەپ قاچان ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىسا، ئويۇن شۇ چاغدا ئاخىرلىشىدۇ.
بۇ ئويۇننى ئويناش جەريانىدا بەلگىلەنگەن قائىدە تەرتىپلەرگە رىئايە قىلىنىدۇ. خالىغانچە بىر - بىرىنىڭ قولىنى تولغاش، قايرىش، كىيىملىرىنى تارتىپ يىرتىش قاتارلىق قوپال ھەرىكەتلەرنى ئىشلەشكە بولمايدۇ. ئەگەر بۇنداق ھەرىكەتلەر يۈز بەرسە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.
ئاق سۆڭەك ئويۇنىنىڭ ئىككىنچى بىر خىل ئوينىلىش ئۇسۇلىمۇ بار بولۇپ، بۇنىڭدا ئاق سۆڭەكنى تېپىۋالغۇچى ئەزا خۇپىيانە ئېلىپ قاچىدۇ. بەلگىلەنگەن ئېلىپ قېچىلىدىغان رايوندا، ھەر تەرەپتىن بىردىن ئىككى <ئانا> تۇرىدۇ. ئاق سۆڭەكنى ئېلىپ قاچقان ئەزا قارشى تەرەپكە ئۆزىنى تۇتقۇزماي قېچىپ كىرىۋېلىش رايونىدىكى ئانىغا بېرىدۇ. ئېلىپ قاچقۇچى كويلىغا كىرىشكە بولمايدۇ. ئانىسى كويلا ئىچىدىن چىقماي تۇرۇپ ئەزالىرى بەرگەن ئاق سۆڭەكنى ئالىدۇ ھەمدە قارشى تەرەپنى بىر قېتىم ئۇتقان ھېسابلىنىپ ئاق سۆڭەكنى ئېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
ئاق سۆڭەك توغرىسىدا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ <تۈركىي تىللار دىانى> دا <ياغاچتىن چىقىدىغان تاغاق سۆڭىكىگە ئوخشاش تارشا. بۇنىڭ ئۇچىنى ياندۇرۇپ، كېچىسى كىشىلەر بىر - بىرىگە ئېتىپ ئوينايدۇ> دېيىلگەن. بۇ ھەقتە مۇنداق قوشاق بار.
<ئوغۇل - قىزلار توپلىشىپ،
تەتۈرسىگە قارىشار.
تۆت ئىلىك ئاق سۆڭەكنى،
يىراقلارغا ئېتىشار.
تۇيدۇرماستىن قېچىشىپ،
كويىلىغا تېز بېرىشار.
تۇتۇۋالسا قاچقاننى،
بەس - بەس بىلەن تالىشار.> 
بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئاق سۆڭەك ئويۇنى ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا Ⅺ ئەسىردىلا پەيدا بولغان بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بۇ ئويۇننىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ."
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-19 10:17 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ئويۇنلىرىمىز


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071356(s) query 3, Time now is:10-23 02:17, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation