ئابدۇسالام توختى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئابدۇسالام توختى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 22ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ئابدۇسالام توختى


شائىر، كۆزگە كۆرۈنگەن ژورنالىست، ئەدەبىي تەرجىمان ئابدۇسالام توختى 1934 - يىل 11 - ئايدا غۇلجا ناھىيسىنىڭ نوغايتۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1941 - يىلدىن 1951 - يىلغىچە غۇلجا <ئۈمىد مەكتىپى> دە، ئەخمەتجان قاسمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغان؛ 1951 - يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1953- يىلىغىچە ئۈرۈمچى 2 - دارىلمۇئەللىمىندە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1956 - يىلدىن 1995 - يىلغىچە ئىلگىرى - ئاخىر شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ دەرسلىك بۆلۈمىدە ۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ دەرسلىك بۆلۈمىدە ۋە شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، نەشرىيات باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر پېنسىيىدە. 
ئابدۇرسالام توختى كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى، ئۇ، 1952 - يىلى <ئالغا> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <مېنىڭ ئەقىدەم> ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ۋەتەن>، <قوش يۈرەك>، <گۈلدەستە>، <دوستلۇق شەنىگە>، <نۇر چېچىپ ئاتقاندا تاڭ>، <خەلقىمگە>، <تەڭرىتاغ ھەققىدە مۇخەممەس>، <ئانا تىل> قاتارلىق نەچچە يۈزلەپ شېئىر ۋە بىرقىسىم داستان، باللادىلارنى كىتابخانلارغا تەقدىم قىلغان.
ئابدۇرسالام توختى پىشقان مۇھەررىر ۋە نەشرىياتچى. ئۇ، نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە 40 يىلغا يېقىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش ۋە ئۇلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇن ئەمەلىي ھەم ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلدى. ئابدۇسالام توختى <ئەدەبىيات>، <ئېلىپبە>، <ئۇيغۇرتىلى گرامماتىكىسى>، <ئوقۇشلۇق ۋە يېزىقچىلىق>، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى>، <تىل - ئەدەبىيات پايدىلىنىش قوللانمىسى> قاتارلىق 37 خىل دەرسلىك كىتابنى شەخسەن ئۆزى تۈزۈپ چىقتى. ئۇ يەنە <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى> (1 -، 2 - قىسىم)، <ئەدەبىيات>، <چەت ئەل ئەدەبىياتى>، <جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى> قاتارلىق دەرسلىك كىتاب ۋە <تارىم چېچەكلىرى>، <قىزىلتاغ باتۇرلىرى>، <ئۇيقۇسىز كېچىلەر> قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەردىن بولۇپ 300 پارچىدىن كۆپرەك كىتابنىڭ جاۋابكار مۇھەررىرى بولدى. 
ئابدۇسالام توختى يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدىمۇ ئاز بولمىغان ئىشلارنى قىلغان. ئۇ، 1960 - يىللاردىن تارتىپ ھازىرغىچە شېكسپېر، پۇشكىن، چېخوۋ، ئۆمەر ھەييام، دۇفۇ، بەي جۈيى، لۇشۇن، گومورو، ئەي چېڭ قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەل شائىر - يازغۇچىلىرىنىڭ ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىدىن 500 پارچىدىن كۆپرەكنى تەرجىمە قىلىپ، خەلقىمىزگە تونۇشتۇرغان. 
ئابدۇسالام توختىنىڭ <گۈلدەستە> ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1981 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 
ئابدۇسالام توختى ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە <قۇتادغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى."
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-19 10:17 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » شەخسلىرىمىز


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070305(s) query 3, Time now is:10-23 02:17, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation