تۇغۇتتىن بۇرۇنقى <دوۋن سندرومى كېسەللىكى> قانداق پەيدا بولىدۇ؟ BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : تۇغۇتتىن بۇرۇنقى <دوۋن سندرومى كېسەللىكى> قانداق پەيدا بولىدۇ؟ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 16ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 تۇغۇتتىن بۇرۇنقى <دوۋن سندرومى كېسەللىكى> قانداق پەيدا بولىدۇ؟



    >دوۋن سندرومى كېسەللىكى< ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان خروموزومىنىڭ نورمالسىزلىق كېسىلى بولۇپ، تەخمىنەن يېڭى تۇغۇلغان بەش - ئالتە يۈز بوۋاقنىڭ ئىچىدىن بىرەرسىدە كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ خروموزومالىرى ئىچىدە بىرخىل خروموزوما (21 - نومۇرلۇق خروموزوما) كۆپىيىپ كېتىدۇ. دوۋن سندرومى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىدىن ئېغىر دەرىجىگىچە ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە تۇغما يۈرەك كېسىلى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بەش ئەزانىڭ يېتىلىشىدىمۇ نورمالسىزلىق بولۇپ، ئىككى قولى >قىسقا< بولۇپ قېلىش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ. بىر قىسىم دوۋن سندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق نورمالسىزلىقنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ، يەنى ئۆسۈپ - يېتىلىشى كېيىن بولۇپ، ئۈچەي يولى توسالغۇغا ئۇچراش، بوينىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى تېرىسى قېلىن ۋە پۈرۈم - پۈرۈم بولۇش، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ۋە پۇت - قوللىرى كىچىك بولۇش قاتارلىقلار. بىراق، بۇرۇنقىدەكلا يېرىمىدىن كۆپرەك دوۋن سندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىلەر، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندىمۇ بايقالماسلىقى مۇمكىن. ھامىلىنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان - بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئەڭ توغرا ئۇسۇل >باش سۈيىنى تېشىش< ئۇسۇلى ياكى >كىندىك ۋېناسىنى تېشىش< ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھۈجەيرىدىكى خروموزومىغا قارىتا تەھلىل ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بىراق بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئازراق خەتەرلىك (3% ئەتراپىدا بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ) شۇنداقلا تەكشۈرتۈش ھەققىمۇ بەك قىممەت. ھەربىر ھامىلىدار ئايال بۇ خىل تەكشۈرتۈشنى ئېلىپ بارالىشى ناتايىن، ئىلگىرى پەقەت ئېغىر خەۋپكە دۇچ كەلگەن ھامىلىدار ئاياللارغا دوختۇر مۇشۇنداق قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن، يېقىندا ئانا قېنىنى خىمىيىۋى ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ، دوۋن سندرومى كېسەللىكىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى پەيدا بولدى. ئانا قېنىنى ئېلىپ قالغاندىن كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، دوۋن سندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان - بولمىغانلىقىنى، خەتەرلىك نىسبىتىنى بىلگىلى بولىدۇ، مەسىلە بولۇپ قالسا، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا >تېشىش ئوپېراتسىيىسى< قىلىپ، باش سۈيىدىكى ياكى ھۈجەيرىسىدىكى خروموزومانى تەكشۈرۈپ، ھامىلىنىڭ دوۋن سندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان - بولمىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-19 10:13 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ئانا-بالىلار ساغلاملىق ساۋاتلىرى


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070953(s) query 3, Time now is:10-23 02:17, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation